جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ نىزامنامىسى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2011-06-30 16:55

 

 

(جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك 17–قۇرۇلتىيىدا قىسمەن تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، 2007–يىل 10–ئاينىڭ 12–كۈنى ماقۇللاندى)

ئومۇمىي پىروگرامما

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى —جۇڭگو ئىشچىلار سىنىپىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، شۇنداقلا جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ ئاۋانگارت ئەترىتى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ رەھبەرلىك يادروسى، ئۇ جۇڭگودىكى ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، جۇڭگو ئىلغار مەدەنىيىتىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ، جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ. پارتىيەنىڭ ئالىي غايىسى ۋە ئاخىرقى نىشانى—كوممۇنىزمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش.

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ماركسىزم لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى ۋە «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆز ھەرىكىتىنىڭ قىبلىنەماسى قىلىدۇ.

ماركسىزم لېنىنىزم ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىنىڭ قانۇنىيىتىنى ئېچىپ بەردى، ئۇنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرى توغرا بولۇپ، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ئىگە. جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئىنتىلگەن كوممۇنىستىك ئالىي غايىنى سوتسىيالىستىك جەمئىيەت تولۇق راۋاجلانغان ۋە يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ئاساستىلا ئەمەلگە ئاشۇرغىلى بولىدۇ. سوتسىيالىستىك تۈزۈمنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە مۇكەممەللىشىشى—ئۇزاق بىر تارىخىي جەريان. ماركسىزم لېنىنىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىدە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تاللىغان، جۇڭگونىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا باب كېلىدىغان يولغا ماڭغاندا، جۇڭگونىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرى چوقۇم ئاخىرقى غەلىبىگە ئېرىشىدۇ.

يولداش ماۋ زېدۇڭنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزم لېنىنىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنى بەرپا قىلدى. ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى — ماركسىزم-لېنىنىزمنىڭ جۇڭگودىكى تەتبىق قىلىنىشى ۋە راۋاجى، جۇڭگو ئىنقىلابى ۋە قۇرۇلۇشىنىڭ ئەمەلىيەتتە ئىسپاتلانغان توغرا نەزەرىيەۋى پىرىنسىپ ۋە تەجرىبىلىرىنىڭ يەكۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى. ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا ۋە بىيۇروكرات كاپىتالىزمغا قارشى ئۇزاق مۇددەتلىك ئىنقىلابىي كۈرەشلەر ئارقىلىق، يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتورلۇقىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى قۇردى؛ جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغاندىن كېيىن، سوتسىيالىستىك ئۆزگەرتىشنى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىپ، يېڭى دېموكراتىزمدىن سوتسىيالىزمغا ئۆتۈش جەريانىنى تاماملاپ، سوتسىيالىستىك ئاساسىي تۈزۈمنى ئورنىتىپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىساد، سوتسىيالىستىك سىياسىي ۋە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەتنى راۋاجلاندۇردى.

11 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، يولداش دېڭ شياۋپىڭنى ئاساسىي ۋەكىل قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستلىرى جۇمھۇرىيىتىمىز قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتلەردىكى تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىنىڭ مەركىزىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا يۆتكەپ، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىشىكنى ئېچىۋېتىش يولىنى تۇتۇپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئېچىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم قۇرۇشنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى پەيدىنپەي شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگودا سوتسىيالىزمنى قۇرۇش، مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش جەھەتتىكى ئاساسىي مەسىلىلەرنى شەرھلەپ، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسىنى بەرپا قىلدى. دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى—ماركسىزم – لېنىنىزم ئاساسىي قائىدىلىرىنىڭ ھازىرقى جۇڭگونىڭ ئەمەلىيىتى ۋە دەۋر ئالاھىدىلىكى بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ مەھسۇلى، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنىڭ يېڭى تارىخىي شارائىتتىكى داۋامى ۋە راۋاجى، ماركسىزمنىڭ جۇڭگودىكى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچى، ھازىرقى جۇڭگونىڭ ماركسىزمى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوللېكتىپ ئەقىل-پاراسىتىنىڭ جەۋھىرى، ئۇ دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا يېتەكلەيدۇ.