قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى جۇڭگو تەرەپ رايونىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-05-29 17:59

 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 177-نومۇرلۇق پەرمانى 
«قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى جۇڭگو تەرەپ رايونىنى باشقۇرۇش ۋاقىتلىق چارىسى» 2012-يىل 21-فېۋرال ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ 13- قېتىملىق دائىمىي ئىشلار يىغىنىدا مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللاندى، ئۇنى ئېلان قىلدىم، 2012-يىل 1 - ئىيۇلدىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى نۇر بەكرى

2012-يىل 9 - ماي

1 - ماددا بۇ چارە قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى جۇڭگو تەرەپ رايونىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو تەرەپ رايونىنىڭ سودىلىشىش، مەبلەغ سېلىش ۋە مۇلازىمەت قىلىش پائالىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، جۇڭگو تەرەپ رايونىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنىي تەرتىپىنى قوغداش ئۈچۈن تۈزۈپ چىقىلدى.

2- ماددا بۇ چارىدە دېيىلگەن قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزى (تۆۋەندە مەركەز دەپ قىسقارتىلدى) جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ «قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ پائالىيىتىنى باشقۇرۇش كېلىشىمى»گە ئاساسەن، ئىككى دۆلەتنىڭ قورغاس چېگراسى تۇتىشىدىغان جايدا قۇرغان سودا، ئىقتىساد ۋە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق مەركىزىنى كۆرسىتىدۇ؛ مەركەزنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونى دېگىنىمىز مەركەزنىڭ جۇڭگو چېگراسى ئىچىدىكى رايوننى كۆرسىتىدۇ.

3 - ماددا مەركەزنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئەدلىيەلىك باشقۇرۇشىغا تەۋە. مەركەزنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونىدىكى تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلار مۇشۇ چارە ۋە جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ قانۇن-نىزام ۋە بەلگىلىمىلىرىگە ئەمەل قىلىشى كېرەك.

4 - ماددا مەركەزنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونى يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى يولغا قويىدۇ. مەركەزنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونىنىڭ سىرتىغا ئىككى قەۋەتلىك تور توسىقى قويۇلىدۇ، 24 سائەت ئېلېكتىرونلۇق نازارەت قىلىنىدۇ.

تور توساقتىن ئارتىلىپ كىرىش مەنئىي قىلىنىدۇ؛ تور توساققا نەرسە تاشلاش ياكى تور توساقنى بۇزىدىغان قىلمىشلار مەنئىي قىلىنىدۇ.

مەركەزنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونى ئىچىدىكى تۈرلۈك جامائەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئىگىلىۋېلىش، بۇزۇش مەنئىي قىلىنىدۇ.

5- ماددا مەركەزنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونىدا بىرىنچى لىنىيەنى ئېچىۋېتىش، ئىككىنچى لىنىيەنى باشقۇرۇش، قېلىپلىق - ئۈنۈملۈك بولۇش، سودىغا قولايلىق بولۇشتەك باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى يولغا قويۇلىدۇ.

6 - ماددا مەركەزنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونىدىكى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان كەسىپلەر ۋە ئۇل ئەسلىھە تۈرلىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ئومۇمىي يىرىك پىلانى، مەخسۇس يىرىك پىلانى ۋە رايونلار يىرىك پىلانىغا ئالدىن كىرگۈزۈلىدۇ؛ مالىيە خاراكتېرلىك مەبلەغنى ئىشلىتىشكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تۈرلەر مالىيە خامچوتىدىكى مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنىڭ يىللىق سېلىش پىلانىغا ئالدىن كىرگۈزۈلىدۇ.

7- ماددا مەركەزنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى (تۆۋەندە باشقۇرۇش كومىتېتى دېيىلدى) مەركەزنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونىدىكى ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئېچىش قۇرۇلۇشى ۋە ئىجتىمائىي ئىشلارغا رەھبەرلىك قىلىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ، تۆۋەندىكى مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىدۇ: 

1. باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمە ۋە كونكرېت تەدبىرلەرنى تۈزىدۇ ھەم ئىجرا قىلىشقا نازارەتچىلىك قىلىدۇ؛ 

2. قۇرۇلۇش يىرىك پىلانى، تەرەققىيات يىرىك پىلانى، كەسىپ يىرىك پىلانى ھەم تۈرلۈك مەخسۇس يىرىك پىلانلارنى تەشكىللەپ تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن يولغا قويىدۇ؛ 

3. تۈرلۈك جامائەت ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئاسراش ۋە باشقۇرۇشقا مەسئۇل بولىدۇ؛ 

4. تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، مالىيە، باج، سودا - سانائەت مەمۇرىي باشقۇرۇش، مۇھىت ئاسراش، شەھەر - يېزا پىلانلاش، قۇرۇلۇش قاتارلىق مەمۇرىي باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى يۈرگۈزىدۇ ھەم دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىدۇ؛ 

5. خېرىدار ۋە مەبلەغ جەلپ قىلىش، تاشقى ئىقتىساد ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقىغا ئالاقىدار ئىشلارنى ماسلاشتۇرىدۇ؛ 

6. تاموژنا، چېگرا پېرىيوم - كارانتىن، چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈش تارماقلىرىنىڭ خىزمەتلىرىنى ماسلاشتۇرىدۇ؛

7. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن باشقا مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ.

8- ماددا تاموژنا، چېگرا پېرىيوم - كارانتىن، چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈش تارماقلىرى ھەم ج خ چېگرا مۇداپىئە ساقچىخانا ئاپپاراتلىرى ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىي مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەركەزنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونىدىكى ئالاقىدار باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ.

تاموژنا، چېگرا پېرىيوم - كارانتىن، چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈش تارماقلىرى ئىككىنچى لىنىيەدە پونكىت(نۇقتا) قۇرۇپ، قاتناۋاتقان قاتناش قوراللىرى، توشۇلۇۋاتقان مال، ئادەم ۋە ئۇلار ئېلىپ يۈرگەن نەرسىلەرنى تەكشۈرىدۇ، كارانتىن قىلىدۇ ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

9- ماددا ئىككىنچى لىنىيەدىن مەركەزگە كىرىدىغانلار تۆۋەندىكى ئۈنۈملۈك ئىسپات ئارقىلىق ۋىزا قويدۇرمىسىمۇ بولىدۇ؛ قايتقاندا، جۇڭگو تەرەپتىكى كەلگەن يول بىلەن قايتىشى كېرەك: 

1. جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى پۇقراسىدا بولىدىغان جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورتى، چېگرادىن كىرىش - چىقىش يول خېتى، ساياھەت گۇۋاھنامىسى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئاھالىسىدە بولىدىغان ئىچكىرىگە بېرىش - كېلىش يول خېتى ياكى تەيۋەن ئاھالىسىدە بولىدىغان چوڭ قۇرۇقلۇققا بېرىش - كېلىش يول خېتى؛ 

2. قازاقىستان پۇقراسىدا بولىدىغان قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ پاسپورتى؛ 

3. ئۈچىنچى دۆلەت پۇقراسى ۋە دۆلەت تەۋەلىكى يوقلارنىڭ قولىدىكى ساياھەت گۇۋاھنامىسى. 

10 - ماددا ئىككىنچى لىنىيەدىن مەركەزگە كىرىدىغانلارنىڭ ھەر قېتىمدا توختاش(تۇرۇش) ۋاقتى 30 كۈندىن ئېشىپ كەتمەسلىكى؛ چەت ئەل پۇقرالىرى، شياڭگاڭ، ئاۋمېن ئاھالىسى، تەيۋەن ئاھالىسى، ئۈچىنچى دۆلەت پۇقراسى ۋە دۆلەت تەۋەلىكى يوقلارنىڭ توختاش (تۇرۇش) ۋاقتى مۇشۇ چارىنىڭ 9 - ماددىسىدا دېيىلگەن گۇۋاھنامىلەردە يېزىلغان كۈچكە ئىگە ۋاقىت چېكىدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك.

11 - ماددا ئىككىنچى لىنىيەدىن مەركەزگە كىرىدىغانلارنىڭ چېگرادىن كىرىش - چىقىش گۇۋاھنامىسى مەركەزنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونىدا يۈتۈپ كەتسە، بۇزۇلغان بولسا ياكى ۋاقتى ئۆتكەن بولسا، جۇڭگو تەرەپتىن قايتقاندا، چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈش تارمىقى چېگرادىن كىرىش - چىقىشنى باشقۇرۇش تارمىقىغا قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشنى خەۋەرلەندۈرىدۇ.

12 - ماددا ئىككىنچى لىنىيەدىن مەركەزگە كىرىدىغان موتورلۇق ماشىنىلار ۋە شوپۇرلىرى مۇشۇ چارىنىڭ 9 -، 10 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمىنى ئىجرا قىلغاندىن سىرت، يەنە چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈش تارمىقى ۋە تاموژنىغا بېرىپ ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك.

13 - ماددا مەركەزنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونىنىڭ مەمۇرىي باشقۇرۇش خادىملىرى ۋە مەركەزنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونىدا قۇرۇلغان كارخانا، ئاپپاراتتىكى خىزمەتچىلەر ئىككىنچى لىنىيەدە قاتنىغاندا، دۆلەتنىڭ ج خ ئورگىنىنىڭ يول يۈرۈشنى باشقۇرۇشقا ئالاقىدار بەلگىلىمىسى ئىجرا قىلىنىدۇ.

ج خ، ئوت ئۆچۈرۈش - ئوت ئاپىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاش، ساقلىقنى ساقلاش قاتارلىق ئورگانلارنىڭ خىزمەتچىلىرى ئالاھىدە ۋەزىپىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن مەركەزگە كىرىشكە توغرا كەلسە، چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈش تارمىقىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچىلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ قوغدىشىدا كىرىشى كېرەك؛ ۋەزىپىنى تاماملىغاندىن كېيىن، چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈش تارمىقىنىڭ ۋەزىپە ئىجرا قىلغۇچىلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ قوغدىشىدا كىرگەن يول بىلەن قايتىشى كېرەك.

14- ماددا مەركەزنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونىدا تاسادىپىي ۋەقە يۈز بەرسە، چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈش، تاموژنا، چېگرا كاپىرىيوم - رانتىن، تارماقلىرى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ تەستىقىنى ئالغاندىن كېيىن، بىرىنچى لىنىيەنى ۋاقىتلىق قامال قىلىش تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ؛ ۋەقە ئېغىر بولسا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىگە دوكلات قىلىشى كېرەك. تاسادىپىي ۋەقە بېسىققاندىن كېيىن، ۋاقىتلىق قامال قىلىش تەدبىرىنى دەرھال بىكار قىلىش كېرەك.

ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە قامال قىلىش تەدبىرىنى قوللانغاندا، باشقۇرۇش كومىتېتى قازاقىستان تەرەپنىڭ باشقۇرۇش ئاپاراتىنى ئالدىن خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك.

15-ماددا تاموژنا، چېگرا پېرىيوم - كارانتىن ، چېگرا مۇداپىئەسى بويىچە تەكشۈرۈش تارماقلىرى مەركەزنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونىدا دېلو تەكشۈرگەندە، مۇشۇ چارىنىڭ 41 - ماددىسىدىكى بەلگىلىمە بويىچە بىرىنچى لىنىيەنى قامال قىلىش تەدبىرىنى قوللانسا بولىدۇ؛ مەركەزنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونىدا چەكلەنگەن بۇيۇملار تەكشۈرۈپ چىقىلسا، ئالاقىدار مەسئۇل تارماقنىڭ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇش كېرەك.

16-ماددا ج خ چېگرا مۇداپىئەسى ساقچىخانا ئاپپاراتى مەركەزنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونىنىڭ ئامانلىق باشقۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇنغا خىلاپ قىلمىشلارنى قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق چېكى ۋە تەرتىپ بويىچە تەكشۈرۈشى ۋە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك. 

17- ماددا مەركەزنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونىدىكى تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ مۇشۇ چارىنىڭ 51 -، 61 - ماددىسىدا بەلگىلەنگەن دېلو تەكشۈرۈش خىزمىتىگە ھەمكارلىشىش مەجبۇرىيىتى بار. 

18- ماددا باشقۇرۇش كومىتېتى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە دۆلەتنىڭ كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش توغرىسىدىكى يېتەكچى مۇندەرىجىسى ۋە مەركەزنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىقتىدارى ئورنىغا ئاساسەن، مەركەزنىىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونىنىڭ كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكرىنى تۈزۈپ ئېلان قىلىشى كېرەك. 

19- ماددا چېگرا ئىچى - سىرتىدىكى تەبىئىي شەخس، قانۇنىي ئىگە ۋە باشقا تەشكىلاتلار مەركەزنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونىدا ياكى ئاپپارات ئېچىپ، مەبلەغ سېلىش، ئىجارىكەشلىك، تاۋار ئىمپورت - ئېكسپورتى، ترانزېت سودىسى، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى، تەتقىق قىلىپ لايىھەلەش، تاۋار يەرمەنكىسى، ئەشيا يەتكۈزۈش، ساقلاش - توشۇش، ۋاكالىتەن توشۇش قاتارلىق سودا ئىشلىرى پائالىيەتلىرى بىلەن شۇغۇللىنىشنى، مېھمانخانا، ساراي قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى سېلىشنى، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى ۋاكالىتەن بېجىرىش، ھەر خىل رايون خاراكتېرلىك خەلقئارا سودا سۆھبىتى يىغىنىنى ئۆتكۈزۈشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

مەركەزنىڭ جۇڭگو تەرەپ رايونىدا ئالدىنقى تارماقتا دېيىلگەن پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلار دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى بويىچە باج، پۇل مۇئامىلە، تاشقى پېرېۋوت قاتارلىق جەھەتلەردە ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ. 

20- ماددا بۇ چارىدە بەلگىلەنمىگەن ئىشلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئالاقىدار قانۇن - نىزام، بەلگىلىمىلىرى، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرى ھەم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتى بىلەن قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ «قورغاس خەلقئارا چېگرا ھەمكارلىق مەركىزىنىڭ پائالىيىتىنى باشقۇرۇش كېلىشىمى» بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ. 

21- ماددا بۇ چارە 2012-يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.