جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-08-02 14:52

 

(2001–يىل10–ئاينىڭ27–كۈنى9–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ24–يىغىنىدا ماقۇللاندى

2001–يىل 10–ئاينىڭ 31–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 60–نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى

2011–يىل 12–ئاينىڭ 31–كۈنى 11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 24–يىغىنىنىڭ”<جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قانۇنى>غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىلدى)

مۇندەرىجە
1–باب ئومۇمىي پىرىنسىپ
2–باب ئالدىنقى مۇداپىئە
3–باب ئەمگەك جەريانىدىكى مۇداپىئە ۋە باشقۇرۇش
4–باب كەسپىي كېسەل دىياگنوزى ۋە كەسپىي كېسەللەرنى كاپالەتلەندۈرۈش
5–باب نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش
6–باب قانۇن جاۋابكارلىقى
7–باب قوشۇمچە پىرىنسىپ
1–باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1–ماددا بۇ قانۇن كەسپىي كېسەل خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئۇنى تىزگىنلەش ۋە تۈگىتىش، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساغلاملىقى ۋە مۇناسىۋەتلىك ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغداش، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە، ئاساسىي قانۇنغا بىنائەن چىقىرىلدى.

2–ماددا بۇ قانۇن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تەۋەسىدە كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا تەتبىقلىنىدۇ.
بۇ قانۇندا ئېيتىلغان كەسپىي كېسەل كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە يەككە ئىقتىسادىي تەشكىلاتلار قاتارلىق ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىكى ئەمگەكچىلەر كەسپىي پائالىيەتتە چاڭ–توزان، رادىيوئاكتىپ ماددا ۋە زەھەرلىك، زىيانلىق باشقا ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىش سەۋەبىدىن بولغان كېسەلنى كۆرسىتىدۇ.
كەسپىي كېسەلنىڭ تۈرى ۋە مۇندەرىجىسىنى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭسەھىيە مەمۇرىي تارمىقى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭبىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئەمگەك–كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە بەلگىلەيدۇ، تەڭشەيدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

3–ماددا كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىدە، ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن داۋالاشنىبىرلەشتۈرۈش فاڭجېنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مەسئۇل بولۇش، مەمۇرىي ئورگان نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ساھەلەر تەلەپچان بولۇش، ئىشچى–خىزمەتچىلەر قاتنىشىش ۋە جەمئىيەت نازارەت قىلىش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، تۈر بويىچە باشقۇرۇش، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش يولغا قويۇلىدۇ.

4–ماددا ئەمگەكچىلەر كەسپىي ساغلاملىقىنى قانۇن بويىچە ئاسراشقا ھوقۇقلۇق.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەكچىلەرگە دۆلەتنىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئۆلچىمى، ساغلاملىق تەلىپىگە ئۇيغۇن خىزمەت مۇھىتى ۋە شارائىتى يارىتىپ بېرىشى ھەمدە تەدبىر قوللىنىپ ئەمگەكچىلەرنىڭ كەسپىي ساغلاملىقىنى ئاسرىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتلىرى كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە نازارەت قىلىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق–مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر قائىدە–تۈزۈملەرنى چىقىرىش ياكى تۈزىتىشتە ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتىدىن پىكىر ئېلىش كېرەك.

5–ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا بولغان باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى، شۇ ئورۇندىكى كەسپىي كېسەل خەۋپىدە جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

6–ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى شۇ ئورۇننىڭ كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە ئومۇميۈزلۈك مەسئۇل بولىدۇ.

7–ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قانۇن بويىچە قاتنىشىشى شەرت.

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئەمگەك–كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتا تەمىناتىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

8–ماددا دۆلەت كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا، ئەمگەكچىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراشقا پايدىلىق يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر، يېڭى ئۈسكۈنە، يېڭى ماتېرىيالنى تەتقىق قىلىش، يارىتىش، كېڭەيتىش ۋە ئىشلىتىشە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ؛ كەسپىي كېسەل مېخانىزمى ۋە ئۇنىڭ پەيدا بولۇش قانۇنىيىتى ھەققىدىكى ئۇل تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تېخنىكا سەۋىيەسىنى ئۆستۈرىدۇ؛ كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا ئۈنۈملۈك تېخنىكا، ھۈنەر، ئۈسكۈنە ۋە ماتېرىيالنى پائال ئىشلىتىدۇ؛ كەسپىي كېسەل خەۋپى ئېغىر بولغان تېخنىكا، ھۈنەر، ئۈسكۈنە ۋە ماتېرىيالنى ئىشلىتىشكە چەك قويىدۇ ياكى ئۇنى شاللىۋېتىدۇ.

دۆلەت كەسپىي كېسەلنى داۋالاپ ساقايتىش ئاپپاراتلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

9–ماددا دۆلەت كەسپىي ساغلاملىق نازارەتچىلىكى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ.

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭبىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، ئەمگەك– كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى مەملىكەت بويىچە كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بېكىتكەن مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ. دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭئالاقىدار تارماقلىرى كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا مۇناسىۋەتلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، ئەمگەك–كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى بويىچە مەسئۇل بولىدۇ. ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا مۇناسىۋەتلىك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە مەسئۇل بولىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، ئەمگەك – كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى (تۆۋەندە كەسپىي ساغلاملىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى دېيىلىدۇ) ئالاقىنى كۈچەيتىپ، ئوبدان ماسلىشىشى، مەسئۇلىيىتىگە بىنائەن، خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشى، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

10–ماددا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزىدۇ ھەمدە تەشكىللەپ يولغا قويىدۇ.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە بىر تۇتاش مەسئۇل بولىدۇ، رەھبەرلىك قىلىدۇ، ئۇنى تەشكىللەيدۇ ۋە ماسلاشتۇرىدۇ، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى تۈزۈلمىسى ۋە مېخانىزمىنى بەرپا قىلىدۇ، مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، كەسپىي ساغلاملىق تاسادىپىي ۋەقەلىرىگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ، قوماندانلىق قىلىدۇ؛ كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئىقتىدار قۇرۇلۇشى ۋە مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىدۇ، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتى جاۋابكارلىق تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، ئەمەلىيلەشتۈرىدۇ.

يېزىلىق، مىللىي يېزىلىق، بازارلىق خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇشۇ قانۇننى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، كەسپىي ساغلاملىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشىنى قوللىشى كېرەك.

11–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كەسپىي ساغلاملىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا ئائىت تەشۋىق – تەربىيەنى كۈچەيتىشى، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قارىشىنى كۈچەيتىشى، ئەمگەكچىلەرنىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئېڭى ۋە ئۆزىنى قوغداش ئېڭىنى، كەسپىي ساغلاملىقنى قوغداش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

12–ماددا دۆلەتنىڭ كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا ئالاقىدار كەسپىي ساغلاملىق ئۆلچىمىنى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭسەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بېكىتىدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ.

دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭسەھىيە مەمۇرىي تارمىقى نۇقتىلىق كەسپىي كېسەلنى كۆزىتىش ۋە مەخسۇس تەكشۈرۈشكە تەشكىللەپ، كەسپىي ساغلاملىق خەتىرىنى باھالاپ، كەسپىي ساغلاملىق ئۆلچىمى ۋە كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش سىياسىتى چىقىرىش ئۈچۈن ئىلمىي ئاساس يارىتىپ بېرىشى كېرەك.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش ئەھۋالىنى قەرەللىك ھالدا ئىستاتىستىكا قىلىشى ۋە تەكشۈرۈپ تەھلىل قىلىشى كېرەك.

13–ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخس بۇ قانۇنغا خىلاپ قىلمىشنى پاش قىلىش ۋە شىكايەت قىلىشقا ھوقۇقلۇق. ئالاقىدار تارماق ئەرز – شىكايەتنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن ۋاقتىدا بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان ئورۇن ۋە شەخسلەر مۇكاپاتلىنىدۇ.

2–باب ئالدىنقى مۇداپىئە

14–ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار قانۇن – نىزاملاردىكى تەلەپ بويىچە، دۆلەتنىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئۆلچىمىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسپىي كېسەل خەۋپىنى مەنبەدىن تىزگىنلىشى ۋە تۈگىتىشى كېرەك.

15–ماددا كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا بولىدىغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننى تەسىس قىلىشتا، قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇنلاشتۇرغاندىن سىرت، خىزمەت سورۇنلىرىنى تۆۋەندىكى كەسپىي ساغلاملىق تەلىپىگىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك: 

(1) كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ياكى زىچلىقى دۆلەتنىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن بولۇش؛
(2) كەسپىي كېسەل خەۋپىدىن مۇداپىئەلىنىشكە لايىق ئەسلىھەلىرى بولۇش؛
(3) ئىشلەپچىقىرىش ئورۇنلاشتۇرمىسى مۇۋاپىق بولۇش، خەۋپلىك مەشغۇلات بىلەن خەۋپسىز مەشغۇلاتنى ئايرىۋېتىش پىرىنسىپىغا ئۇيغۇن بولۇش؛
(4) يۈرۈشلەشكەن كىيىم يۆتكەش ئۆيى، مۇنچا، ھامىلىدارلار ئارامخانىسى قاتارلىق ئەسلىھەلەر بولۇش؛
(5) ئۈسكۈنە، قورال–سايمان قاتارلىق ئەسلىھەلەرنى ئەمگەكچىلەرنىڭ فىزىئولوگىيەلىك ۋە پىسخىك ساغلاملىقىنى ئاسراش تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش؛
(6) قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا بەلگىلەنگەن ۋە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭسەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئوتتۇرىغا قويغان ئەمگەكچىلەرنىڭ ساغلاملىقىنى ئاسراشقا دائىر باشقا تەلەپلەر.

16–ماددا دۆلەت كەسپىي كېسەل خەۋپى تۈرىنى مەلۇم قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىدۇ.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن ئىش سورۇنىدىكى كەسپىي كېسەل مۇندەرىجىسىدە كۆرسىتىلگەن كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلى بارلىرى شۇ جايدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا خەۋپ تۈرىنى ۋاقتىدا، ئەينەن مەلۇم قىلىپ، نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

كەسپىي كېسەل خەۋپى تۈرى مۇندەرىجىسىنى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭسەھىيە مەمۇرىي تارمىقى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭبىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بىلەن بىرلىكتە تۈزىدۇ، تەڭشەيدۇ ھەمدە ئېلان قىلىدۇ. كەسپىي كېسەل خەۋپى تۈرىنى مەلۇم قىلىش كونكرېت چارىسىنى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭبىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى چىقىرىدۇ.

17–ماددا قۇرۇلىدىغان، كېڭەيتىلىدىغان، ئۆزگەرتىلىدىغان قۇرۇلۇش تۈرلىرى ۋە تېخنىكا ئۆزگەرتىش، تېخنىكا كىرگۈزۈش تۈرلىرى (تۆۋەندە قۇرۇلۇش تۈرى دېيىلىدۇ)دىن كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغانلىرىنىڭ كەسپىي كېسەل خەۋپىنى ئالدىن باھالاش دوكلاتىنى قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن مۇمكىنلىك دەلىللەش باسقۇچىدا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا تاپشۇرۇشى كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى كەسپىي كېسەل خەۋپىنى ئالدىن باھالاش دوكلاتىنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە تەكشۈرۈش قارارى چىقىرىشى ھەمدە قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنغا يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئالدىن باھالاش دوكلاتى تاپشۇرۇلمىغان ياكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتمىگەن قۇرۇلۇش تۈرىنى ئالاقىدار تارماقنىڭ تەستىقلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

كەسپىي كېسەل خەۋپىنى ئالدىن باھالاش دوكلاتىدا قۇرۇلۇشنىڭ پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلى، خىزمەت سورۇنى ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ سالامەتلىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرىنى باھالاش، خەۋپ تۈرى ۋە كەسپىي كېسەل مۇداپىئە تەدبىرىنى بېكىتىش كېرەك.
قۇرۇلۇشنىڭ كەسپىي كېسەل خەۋپى تۈرىنى باشقۇرۇش چارىسىنى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭبىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى چىقىرىدۇ.

18–ماددا قۇرۇلۇشنىڭ كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىگە كېتىدىغان خىراجەتنى قۇرۇلۇش تۈرى خامچوتىغا كىرگۈزۈش ھەمدە ئەسلىھەنى قۇرۇلۇشنىڭ گەۋدىسى بىلەن تەڭ لايىھەلەش، تەڭ ياساش، تەڭ ئىشقا كىرگۈزۈش ۋە ئىشلىتىش كېرەك.

كەسپىي كېسەل خەۋپى ئېغىر قۇرۇلۇشنىڭ مۇداپىئە ئەسلىھە لايىھەسىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تەكشۈرۈشى كېرەك، دۆلەتنىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئۆلچىمى ۋە تەلىپىگە ئۇيغۇن بولغانلىرىدا ئىش باشلاشقا بولىدۇ.

قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇن پۈتكەن قۇرۇلۇشنى ئۆتكۈزۈۋېلىشتىن بۇرۇن، كەسپىي كېسەل خەۋپىنى تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى باھالىتىش كېرەك. پۈتكەن قۇرۇلۇشنى ئۆتكۈزۈۋېلىشتا، كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىدىن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتەلىگەنلىرى رەسمىي ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلسە ۋە ئىشلىتىلسە بولىدۇ.

19–ماددا كەسپىي كېسەل خەۋپىنى ۋە ئۇنى تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان، دۆلەتنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ياكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مەسئۇلىيىتى بويىچە ساپا ئىسپاتى بېرىپ ئېتىراپ قىلغان كەسپىي ساغلاملىق تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتى باھالايدۇ. كەسپىي ساغلاملىق تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتى ئوبيېكتىپ ۋە چىن باھا بېرىشى كېرەك.

20–ماددا دۆلەت رادىيوئاكتىپلىق، ئۆتكۈر زەھەرلىك، ئېغىر چان–توزانلىق مەشغۇلاتلارنى ئالاھىدە باشقۇرىدۇ. كونكرېت باشقۇرۇش چارىسىنى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى چىقىرىدۇ.

3–باب ئەمگەك جەريانىدىكى مۇداپىئە ۋە باشقۇرۇش

21–ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا، تۆۋەندىكى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىشى كېرەك:

(1) كەسپىي ساغلاملىق باشقۇرۇش ئاپپاراتى ۋە تەشكىلاتى قۇرۇپ ياكى بېكىتىپ، مەخسۇس ياكى قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى كەسپىي ساغلاملىق خادىملىرىنى قويۇپ، شۇ ئورۇننىڭ كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە مەسئۇل قىلىش؛
(2) كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش پىلانى، يولغا قويۇش لايىھەسىنى تۈزۈش؛
(3) كەسپىي ساغلاملىق باشقۇرۇش تۈزۈمى ۋە مەشغۇلات قائىدىسىنى ئورنىتىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش؛
(4) كەسپىي ساغلاملىق ئارخىپى ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى كۆزىتىش ئارخىپى تۇرغۇزۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛
(5) خىزمەت سورۇنىدىكى كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلىنى كۆزىتىش، باھالاش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش؛
(6) كەسپىي كېسەل خەۋپىدىن بولغان ھادىسىدە جىددىي قۇتقۇزۇش لايىھەسىنى تۈزۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش.

22 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا سېلىنىدىغان مەبلەغقە كاپالەتلىك قىلىشى، ئۇنى ئىگىلىۋالماسلىقى، ئىشلىتىۋالماسلىقى ھەمدە مەبلەغ سېلىنمىسىنىڭ كەملىكىدىن كېلىپ چىققان ئاقىۋەت ئۈچۈن جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

23 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار كەسپىي كېسەل مۇداپىئەسىدە ئۈنۈملۈك ئەسلىھەدىن پايدىلىنىشى ھەمدە ئەمگەكچىلەرگە ئۆزى ئىشلىتىدىغان كەسپىي كېسەل مۇداپىئە بۇيۇمى بېرىشى شەرت.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەكچىلەرگە بەرگەن كەسپىي كېسەل مۇداپىئە بۇيۇمى كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى شەرت؛ تەلەپكە ئۇيغۇن بولمىغانلىرىنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
24 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا، ئەمگەكچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى ئاسراشقا پايدىلىق يېڭى تېخنىكا، يېڭى ھۈنەر، يېڭى ئۈسكۈنە، يېڭى ماتېرىياللارنى ئاۋۋال ئىشلىتىشى، ئۇنى كەسپىي كېسەل خەۋپى ئېغىر بولغان تېخنىكا، ھۈنەر، ئۈسكۈنە، ماتېرىيالنىڭ ئورنىغا پەيدىنپەي دەسسىتىشى كېرەك.

25 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغانلىرى كۆزگە چېلىقىدىغان جايغا ئېلان تاختىسى ئورنىتىپ، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر قائىدە–تۈزۈم، مەشغۇلات قائىدىسى، كەسپىي كېسەل خەۋپىدىن بولغان ھادىسىدە جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرى ۋە خىزمەت سورۇنىدىكى كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلىنى كۆزىتىش نەتىجىسىنى ئېلان قىلىشى كېرەك.

ئېغىر كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان مەشغۇلات ئورنىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە ئاگاھ بەلگىسى ۋە جۇڭگو يېزىقىدىكى ئاگاھ چۈشەندۈرمىسى ئورنىتىش كېرەك. ئاگاھ چۈشەندۈرمىسىدە كەسپىي كېسەل خەۋپىنىڭ تۈرى، ئاقىۋىتى، ئالدىنى ئېلىش، شۇنىڭدەك جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرى قاتارلىق مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك.

26–ماددا جىددىي خاراكتېرلىك كەسپىي زىيان–زەخمەت پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بولغان زەھەرلىك، زىيانلىق خىزمەت سورۇنلىرىدا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار سىگنال قۇرۇلمىسى ئورنىتىشى، نەق مەيداندا جىددىي قۇتقۇزۇش بۇيۇمى، يۇيۇش–تازىلاش ئۈسكۈنىسى سەپلىشى، جىددىي ئەھۋالدا چېكىنىش يولى ۋە زۆرۈر خەتەر تۈگىتىش رايونى قالدۇرۇشى كېرەك.

رادىيوئاكتىپلىق خىزمەت سورۇنىدا ۋە رادىيوئاكتىپ ئىزوتوپلارنى توشۇش، ساقلاشتا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇداپىئە ئۈسكۈنىسى ۋە سىگنال قۇرۇلمىسى ئورنىتىشى، رادىيوئاكتىپ نۇر بىلەن ئۇچرىشىدىغان خادىملارنىڭ دوزامېتىر ئېسىۋېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئۈسكۈنىسى، جىددىي قۇتقۇزۇش ئەسلىھەسى ۋە شەخسلەرنىڭ كەسپىي كېسەل مۇداپىئە بۇيۇمىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دائىم ئاسراپ، رېمونت قىلىپ، ئۇنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئۈنۈمىنى قەرەللىك تەكشۈرۈپ، نورماللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن چۇۋۇشقا ياكى تاشلاپ قويۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

27–ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلىنى كۈندىلىك كۆزىتىشكە مەخسۇس ئادەم قويۇشى ھەمدە كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ نورماللىقىغا كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭبىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، خىزمەت سورۇنلىرىدا كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلىنى قەرەللىك تەكشۈرۈشى، باھالىشى كېرەك. تەكشۈرۈش، باھالاش نەتىجىسىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئارخىپىغا سېلىش، قەرەللىك ھالدا شۇ جايدىكى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا دوكلات قىلىش ھەمدە ئەمگەكچىلەرگە ئېلان قىلىش لازىم.

كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلىنى قانۇن بويىچە قۇرۇلغان، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭبىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ياكى رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىنيۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مەسئۇلىيىتى بويىچە ساپاسىنى ئېتىراپ قىلغان كەسپىي ساغلاملىق تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتى تەكشۈرىدۇ ۋە باھالايدۇ. كەسپىي تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتى ئوبيېكتىپ، چىن تەكشۈرۈشى، باھالىشى كېرەك.

خىزمەت سورۇنىدا كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلى دۆلەتنىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئۆلچىمى ۋە ساغلاملىق تەلىپىگە ئۇيغۇن ئەمەسلىكى بايقالغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دەرھال مۇناسىپ تۈزەش تەدبىرى قوللىنىشى كېرەك. دۆلەتنىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئۆلچىمى ۋە ساغلاملىق تەلىپىگە يەنىلا يەتكۈزەلمىگەنلەر كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلى بار مەشغۇلاتنى توختىتىشى شەرت؛ كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلى تۈزەش ئارقىلىق دۆلەتنىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئۆلچىمى ۋە ساغلاملىق تەلىپىگە ئۇيغۇن بولغاندا، قايتا مەشغۇلات قىلىشقا بولىدۇ.

28–ماددا كەسپىي ساغلاملىق تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتى كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلىنى تەكشۈرۈش، باھالاش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە ئىشلەيدۇ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدۇ. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلىشى كېرەك.

29–ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننى كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئۈسكۈنە بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر جۇڭگو يېزىقىدىكى چۈشەندۈرمىسىنى بېرىشى ھەمدە ئۈسكۈنىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە ئاگاھ بەلگىسى قويۇشى ۋە جۇڭگو يېزىقىدىكى ئاگاھ چۈشەندۈرمىسىنى ئورنىتىشى كېرەك. ئاگاھ چۈشەندۈرمىسىدە ئۈسكۈنىنىڭ ئىقتىدارى، پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان كەسپىي كېسەل خەۋپى، بىخەتەر مەشغۇلات قىلىش ۋە ئاسراشتا دىققەت قىلىدىغان ئىشلار، كەسپىي كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش ھەمدە جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرى قاتارلىق مەزمۇنلار بولۇشى كېرەك.

30–ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان خىمىيەلىك بۇيۇم، رادىيوئاكتىپلىق ئىزوتوپ ۋە تەركىبىدە رادىيوئاكتىپ ماددا بار ماتېرىيال بەرگەنلەر جۇڭگو يېزىقىدىكى چۈشەندۈرمىسىنى بېرىشى لازىم. چۈشەندۈرمىگە مەھسۇلاتنىڭ خۇسۇسىيىتى، ئاساسلىق تەركىبى، خەۋپ ئامىلى، پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپلىك ئاقىۋەت، بىخەتەر ئىشلىتىشتە دىققەت قىلىدىغان ئىشلار، كەسپىي كېسەل مۇداپىئە تەدبىرى، شۇنىڭدەك جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرى قاتارلىق مەزمۇنلار يېزىلىشى كېرەك. مەھسۇلات ئورۇسىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىدە ئاگاھ بەلگىسى ۋە جۇڭگو يېزىقىدىكى ئاگاھ چۈشەندۈرمىسى بولۇشى لازىم. يۇقىرىقى ماتېرىياللار ساقلانغان سورۇنلارنىڭ بەلگىلەنگەن يېرىگە خەتەرلىك بۇيۇم بەلگىسى ياكى رادىيوئاكتىپ ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىش كېرەك.

كەسپىي كېسەل خەۋپىگە مۇناسىۋەتلىك خىمىيەلىك ماتېرىياللارنى مەملىكەت ئىچىدە تۇنجى ئىشلىتىش ياكى تۇنجى ئىمپورت قىلىشتا، ئىشلەتكۈچى ياكى ئىمپورت قىلغۇچى ئورۇن دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭئالاقىدار تارمىقىغا تەستىقلاتقاندىن كېيىن، دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭسەھىيە مەمۇرىي تارمىقى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا شۇ خىمىيەلىك ماتېرىيالنىڭ تەركىبىدىكى زەھەرنى باھالاش ماتېرىيالى شۇنىڭدەك ئالاقىدار تارماق رويخەتكە ئالغان ياكى ئىمپرت قىلىشنى تەستىقلىغان ھۆججەت قاتارلىق ماتېرىياللارنى يوللىشى كېرەك.

رادىيوئاكتىپلىق ئىزوتوپ، نۇر قۇرۇلما ۋە تەركىبىدە رادىيوئاكتىپ ماددا بار بۇيۇملارنى ئىمپورت قىلىش دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

31–ماددا ھەرقانداق ئورۇنلار ۋە شەخسنىڭ دۆلەت ئىشلىتىشنى چەكلىگەن كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئۈسكۈنە ياكى ماتېرىياللارنى ئىشلىشىگە، تىجارەت قىلىشىغا، ئىمپورت قىلىشىغا ۋە ئىشلىتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

32–ماددا ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان مەشغۇلاتنى كەسپىي كېسەل مۇداپىئە شەرتىنى ھازىرلىمىغان ئورۇن ۋە شەخسلەرگە قىلدۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ. كەسپىي كېسەل مۇداپىئە شەرتىنى ھازىرلىمىغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان مەشغۇلاتنى قوبۇل قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

33–ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئىشلەتكەن تېخنىكا، ھۈنەر، ئۈسكۈنە، ماتېرىياللارنىڭ كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك، كەسپىي كېسەل خەۋپى بار تېخنىكا، ھۈنەر، ئۈسكۈنە، ماتېرىياللارنىڭ خەۋپىنى يوشۇرۇپ ئىشلەتكەنلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان كەسپىي كېسەل خەۋپىنىڭ ئاقىۋىتى ئۈچۈن جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئالىدۇ.

34 – ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىلەر بىلەن ئەمگەك توختامى (جۈملىدىن تەكلىپلىك ئىشلىتىش توختامى، تۆۋەندىمۇ ئوخشاش) تۈزۈشتە، خىزمەت جەريانىدا پەيدا بولۇش ئېھتىمالى بولغان كەسپىي كېسەل خەۋپى ۋە ئۇنىڭ ئاقىۋىتىنى، كەسپىي كېسەل مۇداپىئە تەدبىرى ۋە تەمىنات قاتارلىقلارنى ئەمگەكچىلەرگە ئەينەن ئۇقتۇرۇشى ھەمدە ئەمگەك توختامىغا ئېنىق يېزىشى كېرەك، يوشۇرۇشقا ياكى ئالداشقا يول قويۇلمايدۇ.

ئەمگەكچىلەر ئەمگەك توختامى تۈزگەن مەزگىلدە خىزمەت ئورنى ياكى خىزمەت مەزمۇنىدا ئۆزگىرىش بولغانلىقى سەۋەبلىك ئەمگەك توختامىدا يېزىلمىغان كەسپىي كېسەل خەۋپى بولغان مەشغۇلات بىلەن شۇغۇللانغان بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئالدىنقى تارماقتىكى بەلگىلىمە بويىچە ئەمگەكچىگە ئەينەن ئۇقتۇرۇش مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى ھەمدە ئەسلىي ئەمگەك توختامىدىكى ئالاقىدار ماددىلارنى كېڭىشىپ ئۆزگەرتىشى لازىم.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئالدىنقى ئىككى تارماقتىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلسا، ئەمگەكچىلەر كەسپىي كېسەل خەۋپى بولغان مەشغۇلاتنى قىلماسلىققا ھوقۇقلۇق، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئەمگەكچىلەر بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىنى شۇ سەۋەبتىن بىكار قىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

35–ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئاساسىق مەسئۇلى ۋە كەسپىي ساغلاملىقنى باشقۇرغۇچى خادىملىرى كەسپىي ساغلاملىق تەربىيەسى ئېلىشى، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر قانۇن – نىزاملارغا ئەمەل قىلىشى، ئۆز ئورنىدىكى كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى قانۇن بويىچە تەشكىللىشى كېرەك.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەكچىلەرنى ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن كەسپىي ساغلاملىق بويىچە تەربىيەلىشى، ئىش ئورنىغا چىققان مەزگىلدە كەسپىي ساغلاملىق بويىچە قەرەللىك تەربىيەلىشى، كەسپىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇشى، ئەمگەكچىلەرنىڭ كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر قانۇن – نىزام، قائىدە ۋە مەشغۇلات قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى، كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئۈسكۈنىسى ۋە شەخسىي ئىشلىتىدىغان كەسپىي كېسەل مۇداپىئە بۇيۇملىرىنى توغرا ئىشلىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.

ئەمگەكچىلەر مۇناسىۋەتلىك كەسپىي ساغلاملىق بىلىملىرىنى ئۆگىنىشى ۋە ئىگىلىشى، كەسپىي كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈشى، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر قانۇن – نىزام، قائىدە ۋە مەشغۇلات قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشى، كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئۈسكۈنىسى ۋە شەخسىي ئىشلىتىدىغان كەسپىي كېسەل مۇداپىئە بۇيۇمىنى توغرا ئىشلىتىشى، ئاسرىشى، كەسپىي كېسەل خەۋپىدىن بولىدىغان يوشۇرۇن ھادىسىنى سەزگەن ھامان مەلۇم قىلىشى كېرەك.
ئەمگەكچىلەر ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلمىسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئۇلارغا تەربىيە بېرىشى كېرەك.

36–ماددا كەسپىي كېسەل خەۋپى بىلەن ئۇچرىشىدىغان ئەمگەكچىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭبىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى، سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن، ئىش ئورنىغا چىققاندا، ئىش ئورنىدىن ئايرىلغاندا كەسپىي سالامەتلىك تەكشۈرتۈشى ھەمدە تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئەمگەكچىگە يازما ئۇقتۇرۇشى كېرەك. كەسپىي سالامەتلىك تەكشۈرۈش ھەققىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن چىقىرىدۇ.
ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىش ئورنىغا چىقىشتىن بۇرۇن كەسپىي سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتمىگەن ئەمگەكچىنى كەسپىي كېسەل خەۋپى بىلەن ئۇچرىشىدىغان ئىشقا قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ كەسپىي پەرھىزى بار ئەمگەكچىنى شۇ ئىشقا قويۇشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ كەسپىي سالامەتلىك تەكشۈرۈشتە سالامەتلىكى شۇغۇللىنىۋاتقان كەسپىدىن

زىيانغا ئۇچرىغانلىقى سېزىلگەن ئەمگەكچىنى ئەسلىي ئىش ئورنىدىن يۆتكىۋېتىشى ھەمدە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك؛ ئىش ئورنىدىن ئايرىلىشتىن ئىلگىرى كەسپىي سالامەتلىك تەكشۈرتمىگەن ئەمگەكچى بىلەن تۈزۈلگەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشىغا ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.
كەسپىي سالامەتلىك تەكشۈرۈشنى ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى تەستىقلىغان داۋالاش – ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

37–ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىلەرنىڭ كەسپىي سالامەتلىك كۆزىتىش ئارخىپى تۇرغۇزۇشى ھەمدە بەلگىلەنگەن مۇددەتكىچە ياخشى ساقلىشى لازىم.

كەسپىي سالامەتلىكىنى كۆزىتىش ئارخىپىدا ئەمگەكچىنىڭ كەسپىي تارىخى، كەسپىي كېسەل خەۋپى بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى، كەسپىي سالامەتلىك تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش ۋە ئۇنى داۋالاش ماتېرىيالى قاتارلىق شەخسىي سالامەتلىككە دائىر ماتېرىياللار بولۇشى كېرەك.

ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن ئايرىلغاندا، ئۆزىنىڭ كەسپىي سالامەتلىكىنى كۆزىتىش ئارخىپىنىڭ كۆپەيتىلمىسىنى ئېلىۋېلىشقا ھوقۇقلۇق، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەينەن، ھەقسىز بېرىشى ھەمدە كۆپەيتىلمىسىگە ئىمزا قويۇشى ياكى تامغا بېسىشى كېرەك.

38–ماددا ئۆتكۈر كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادىسىسى يۈز بەرسە ياكى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولسا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە تىزگىنلەش تەدبىرىنى دەرھال قوللىنىشى ھەمدە شۇ جايدىكى ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا ۋە ئالاقىدار تارماققا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغاندىنكېيىن، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشقا ۋاقتىدا تەشكىللىشى كېرەك؛ زۆرۈر تېپىلغاندا، ۋاقىتلىق تىزگىنلەش تەدبىرى قوللانسا بولىدۇ. سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى داۋالاش–قۇتقۇزۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە تەشكىللىشى كېرەك.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئۆتكۈر كەسپىي كېسەل خەۋپىگە ئۇچرىغان ياكى ئۇچراش ئېھتىمالى بولغان ئەمگەكچىنى قۇتقۇزۇشقا، سالامەتلىك تەكشۈرتۈشكە ۋە تېببىي كۆزىتىشكە ۋاقتىدا تەشكىللىشى كېرەك، خىراجىتىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن چىقىرىدۇ.

39–ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى كەسپىي كېسەل خەۋپى بىلەن ئۇچرىشىدىغان مەشغۇلاتقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ؛ ھامىلىدار ۋە بالا ئېمىتىۋاتقان ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى ئۆزىگە ۋە ھامىلىگە، بوۋاققا خەۋپ يەتكۈزىدىغان مەشغۇلاتقا ئورۇنلاشتۇرۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.

40–ماددا ئەمگەكچىلەر تۆۋەندىكى كەسپىي ساغلاملىق ئاسراش ھوقۇقىدىن بەھرىمەن بولىدۇ:

(1) كەسپىي ساغلاملىق تەلىم–تەربىيەسى ئېلىش؛

(2) كەسپىي سالامەتلىك بويىچە تەكشۈرتۈش، كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويدۇرۇش ۋە ئۇنى داۋالىتىش، سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش قاتارلىق كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش مۇلازىمىتىگە ئېرىشىش؛

(3) خىزمەت سورۇنىدا كېلىپ چىقىدىغان ياكى كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان كەسپىي كېسەل خەۋپىنىڭ ئامىلى، ئاقىۋىتىنى ۋە قوللىنىشقا تېگىشلىك كەسپىي كېسەل مۇداپىئە تەدبىرىنى بىلىش؛

(4) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەلىپىگە ئۇيغۇن بولغان كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئەسلىھەسى ۋە شەخسىي ئىشلىتىدىغان كەسپىي كېسەل مۇداپىئە بۇيۇمى بېرىشنى، خىزمەت شارائىتىنى ياخشىلاشنى تەلەپ قىلىش؛

(5) كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر قانۇن – نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشنى، شۇنىڭدەك ھاياتىغا، ساغلاملىققا خەۋپ يەتكۈزۈش قىلمىشىنى تەنقىدلەش، پاش قىلىش ۋە شىكايەت قىلىش؛

(6) قائىدىگە خىلاپ بۇيرۇقنى ۋە كەسپىي كېسەل مۇداپىئە تەدبىرى بولمىغان مەشغۇلاتقا زورلاشنى رەت قىلىش؛

(7) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ كەسپىي ساغلاملىق خىزمىتىنى دېموكراتىك باشقۇرۇشىغا قاتنىشىش، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىش.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەمگەكچىنىڭ ئالدىنقى تارماقتا كۆرسىتىلگەن ھوقۇقلىرىنى يۈرگۈزۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك. ھەققانىي ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزگەن ئەمگەكچىنىڭ مائاش، پاراۋانلىق تەمىناتىنى تۆۋەنلىتىۋېتىش ياكى ئۇنىڭ بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىش ۋە ئاخىرلاشتۇرۇش ھەرىكىتى كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.

41–ماددا ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ كەسپىي ساغلاملىققا ئائىت تەشۋىق – تەربىيە ۋە يېتىشتۈرۈش ئىشلىرىغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى، ياردەملىشىشى كېرەك، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىگە پىكىر ۋە تەكلىپ بېرىشكە، ئەمگەكچىگە ۋاكالىتەن، قانۇن بويىچە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەك بىخەتەرلىكى بويىچە ساغلاملىق مەخسۇس كوللېكتىپ توختامى تۈزۈشكە، ئەمگەكچى ئىنكاس قىلغان كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر مەسىلىلەردە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئەمگەكچىنى كېلىشتۈرۈشكە ھەمدە ھەل قىلىشقا ھەيدەكچىلىك قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى تەشكىلاتى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر قانۇن – نىزاملارغا خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەكچىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق – مەنپەئەتىگە چېقىلىش قىلمىشىنى تۈزىتىشنى تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق؛ ئېغىر كەسپىي كېسەل خەۋپى كۆرۈلگەندە مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىشنى تەلەپ قىلىشقا ياكى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارمىقىغا مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللىنىش تەكلىپى بېرىشكە ھوقۇقلۇق؛ كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادىسىسى يۈز بەرگەندە، ھادىسىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشىشقا ھوقۇقلۇق؛ ئەمگەكچىنىڭ ھاياتى ۋە ساغلاملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدىغان ئەھۋاللارنى بايقىغاندا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ئەمگەكچىنى خەتەرلىك جايدىن چېكىندۈرۈش تەكلىپى بېرىشكە ھوقۇقلۇق، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن دەرھال بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

42–ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش تەلىپى بويىچە، كەسپىي كېسەل خەۋپىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش، خىزمەت سورۇنىنىڭ تازىلىقىنى تەكشۈرۈش، سالامەتلىك كۆزىتىش ۋە كەسپىي ساغلاملىق بويىچە تەربىيەلەش خىراجىتىنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە، ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخىدىن ئەينەن چىقىم قىلىدۇ.

43–ماددا كەسپىي ساغلاملىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى مەسئۇلىيىتى بويىچە، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ كەسپىي كېسەلدىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىشى، خىزمەت ھوقۇقىنى قانۇن بويىچە يۈرگۈزۈشى، جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

4–باب كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش ۋە كەسپىي كېسەللەرنى كاپالەتلەندۈرۈش

44–ماددا داۋالاش–ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇشتا، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىنىڭ تەستىقىنى ئېلىشى كېرەك. ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىاۋسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى شۇ مەمۇرىي رايوندىكى كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويىدىغان داۋالاش–ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتىنىڭ ئىسىملىكىنى جەمئىيەتكە ئېلان قىلىشى كېرەك.
كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويىدىغان داۋالاش–ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى تۆۋەندىكى شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك:
(1) »داۋالاش ئاپپاراتى كەسىپكارلىق ئىجازەتنامىسى» بولۇش؛
(2) كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇشقا لايىق داۋالاش – ساقلىق ساقلاش تېخنىكا خادىمى بولۇش؛
(3) كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇشقا لايىق ئەسۋاب – ئۈسكۈنىسى بولۇش؛
(4) كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇشتا مۇكەممەل سۈپەت باشقۇرۇش تۈزۈمى بولۇش.
كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويىدىغان داۋالاش – ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى ئەمگەكچىنىڭ كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويدۇرۇش تەلىپىنى رەت قىلسا بولمايدۇ.

45–ماددا ئەمگەكچىلەر كەسپىي كېسەلگە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تۇرۇشلۇق جايدىكى، نوپۇسقا ئېلىنغان جايدىكى ياكى ئۆزى دائىم تۇرۇشلۇق جايدىكى كەسپىي كېسەلگە قانۇن بويىچە دىئاگنوز قويىدىغان داۋالاش – ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتىدا دىئاگنوز قويدۇرسا بولىدۇ.

46–ماددا كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى ۋە كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش ۋە ئۇنى باھالاش چارىسىنى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭسەھىيە مەمۇرىي تارمىقى چىقىرىدۇ. كەسپىي كېسەللەرنىڭ يارىدارلىق، مېيىپلىق دەرىجىسىنى باھالاش چارىسىنى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭئەمگەك – كاپالەت مەمۇرىي تارمىقى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭسەھىيە مەمۇرىي تارمىقى بىلەن بىرلىكتە چىقىرىدۇ.

47–ماددا كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇشتا، تۆۋەندىكى ئامىللارنى ئەتراپلىق تەھلىل قىلىش كېرەك:
(1) كېسەللەرنىڭ كەسپىي تارىخى؛
(2) كەسپىي كېسەل خەۋپى بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى ۋە خىزمەت سورۇنىدىكى كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلى ئەھۋالى؛
(3) كىلىنىكىلىق ئالامىتى ۋە قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسى قاتارلىقلار.
كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلى بىلەن كېسەللەرنىڭ كىلىنىكىلىق ئالامىتى ئوتتۇرىسىدا مۇقەررەر باغلىنىش بارلىقىنى ئىنكار قىلىدىغان دەلىل–ئىسپات بولمىسا، كەسپىي كېسەل دەپ دىئاگنوز قويۇش كېرەك.

كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويىدىغان داۋالاش–ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇشتا، كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەن ئۈچتىن ئارتۇق كەسپىي ۋراچقا كوللېكتىپ دىئاگنوز قويدۇرۇشى كېرەك.

كەسپىي كېسەل دىئاگنوز ئىسپاتىغا دىئاگنوز قويۇشقا قاتناشقان ۋراچلار بىرلىكتە ئىمزا قويۇشى ھەمدە كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويىدىغان داۋالاش–ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى تەكشۈرۈپ تامغا بېسىشى كېرەك.

48–ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئەمگەكچىنىڭ كەسپىي كېسىلىگە دىئاگنوز قويۇش ۋە ئۇنى باھالاشتا زۆرۈر بولغان كەسپىي تارىخى ۋە كەسپىي كېسەل خەۋپى بىلەن ئۇچرىشىش تارىخى، خىزمەت سورۇنىدىكى كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى قاتارلىق ماتېرىياللارنى ئەينەن بېرىشى؛ بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ يۇقىرىدا ئېيتىلغان ماتېرىياللارنى بېرىشىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى ۋە ئۇنىڭغا ھەيدەكچىلىك قىلىشى؛ ئەمگەكچىلەر ۋە ئالاقىدار ئاپپاراتلارمۇ كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش ۋە ئۇنى باھالاشقا دائىر ماتېرىياللارنى بېرىشى كېرەك.
كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش ۋە ئۇنى باھالاش ئاپپاراتى خىزمەت سورۇنىدىكى كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلى ئەھۋالىنى ئىگىلەشنى زۆرۈر تاپقاندا، خىزمەت سورۇنىنى نەق مەيداندا تەكشۈرسە بولىدۇ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا ئېيتسىمۇ بولىدۇ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئون كۈن ئىچىدە نەق مەيداننى تەكشۈرۈشكە تەشكىللىشى كېرەك. ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن رەت قىلماسلىقى، توسقۇنلۇق قىلماسلىقى كېرەك.

49–ماددا كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش، ئۇنى باھالاش جەريانىدا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن خىزمەت سورۇنىدىكى كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى قاتارلىق ماتېرىياللارنى بەرمىسە، دىئاگنوز قويۇش، باھالاش ئاپپاراتى ئەمگەكچىنىڭ كىلىنىكىلىق ئالامىتى، قوشۇمچە تەكشۈرۈش نەتىجىسى ۋە ئەمگەكچىنىڭ كەسپىي تارىخى، كەسپىي كېسەل خەۋپى بىلەن ئۇچرىشىش تارىخىغا بىرلەشتۈرۈپ ھەمدە ئەمگەكچىنىڭ بايانى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى يەتكۈزگەن كۈندىلىك نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش ئۇچۇرى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ، كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇشى، باھالاش يەكۈنى چىقىرىشى كېرەك.
ئەمگەكچىنىڭ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ھازىرلاپ بەرگەن خىزمەت سورۇنىدىكى كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسى قاتارلىق ماتېرىياللارغا باشقىچە پىكىرى بولسا ياكى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تارقىتىۋېتىلگەن، ۋەيران بولغانلىقتىن، يۇقىرىدا ئېيتىلغان ماتېرىيالنى بېرىدىغان ئورۇن چىقمىسا، دىئاگنوز قويۇش، باھالاش ئاپپاراتى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈپ بېرىشىنى ئىلتىماس قىلىشى، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان كۈندىن باشلاپ 30 كۈن ئىچىدە، باشقىچە پىكىر بولغان ماتېرىيال ياكى خىزمەت سورۇنىدىكى كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلى ئەھۋالى ئۈستىدە قارار چىقىرىشى؛ ئالاقىدار تارماقلار ماسلىشىشى كېرەك.

50–ماددا كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش ۋە ئۇنى باھالاش جەريانىدا، ئەمگەكچىنىڭ كەسپىي تارىخى، كەسپىي كېسەل بىلەن ئۇچرىشىش تارىخىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشتە، ئالاقىدارلار ئوتتۇرىسىدا ئەمگەك مۇناسىۋىتى، ئىش تۈرى، ئىش ئورنى ياكى ئىش ئورنىدىكى ۋاقتى ھەققىدە تالاش–تارتىش كۆرۈلسە، شۇ جايدىكى ئەمگەك–كادىرلار تالاش–تارتىش كېسىم كومىتېتىغا كېسىم قىلىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ؛ ئىلتىماسنى تاپشۇرۇۋالغان ئەمگەك–كادىرلار تالاش–تارتىش كېسىم كومىتېتى قوبۇل قىلىشىھەمدە 30 كۈن ئىچىدە قارار چىقىرىشى كېرەك.

ئالاقىدارلارنىڭ ئۆزىنىڭ كېسىم جەريانىدىكى تەشەببۇسى ئۈچۈن دەلىل–ئىسپات كۆرسىتىش جاۋابكارلىقى بولىدۇ. ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ قولىدىكى كېسىم تەشەببۇسىغا مۇناسىۋەتلىك دەلىل – ئىسپاتنى بېرەلمىسە، كېسىم كوللېگىيەسى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە بېرىشنى تەلەپ قىلىشى؛ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بەلگىلەنگەن مۆھلەتتە بەرمىسە، پايدىسىز ئاقىۋەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك.

ئەمگەكچىلەردىن كېسىم قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە دەۋا قىلسا بولىدۇ.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن كېسىم قارارىغا قايىل بولمىغانلىرى كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش ۋە ئۇنى باھالاش تەرتىپى ئاخىرلاشقان كۈندىن باشلاپ 15 كۈن ئىچىدە خەلق سوت مەھكىمىسىگە قانۇن بويىچە دەۋا قىلسا بولىدۇ؛ دەۋا سۈرۈكىدە، ئەمگەكچىنىڭ داۋالىنىش ھەققى كەسپىي كېسەل تەمىناتىغا دائىر بەلگىلىمە بويىچە بېرىلىدۇ.

51–ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە داۋالاش–ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى كەسپي كېسەللەر ياكى گۇمانىي كەسپىي كېسەللەرنى بايقىغاندا، شۇ جايدىكى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا ۋاقتىدا مەلۇم قىلىشى كېرەك. كەسپىي كېسەل دەپ دىئاگنوز قويۇلغانلارنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن شۇ جايدىكى ئەمگەك–كاپالەت مەمۇرىي تارمىقىغىمۇ مەلۇم قىلىشى كېرەك. مەلۇماتنى تاپشۇرۇۋالغان تارماق قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك.

52–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ كەسپىي كېسەل ئىستاتىستىكا مەلۇماتىنى باشقۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ ھەمدە بەلگىلىمە بويىچە يۇقىرىغا مەلۇم قىلىدۇ.

53–ماددا كەسپىي كېسەل دىئاگنوزىغا باشقىچە پىكىرى بولغانلار دىئاگنوز قويغان داۋالاش–ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتى بار جايدىكى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا باھالاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

كەسپىي كېسەل دىئاگنوزى ھەققىدىكى تالاش – تارتىشنى رايون بار شەھەر دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئالاقىدارلارنىڭ ئىلتىماسىغا ئاساسەن، كەسپىي كېسەل دىئاگنوزىنى باھالاش كومىتېتى تەشكىللەپ باھالايدۇ.

رايون بار شەھەر دەرىجىلىك كەسپىي كېسەل دىئاگنوزىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ باھالاش يەكۈنىگە قايىل بولمىغانلار ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقىغا قايتا باھالاپ بېرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.

54–ماددا كەسپىي كېسەل دىئاگنوزىنى باھالاش كومىتېتى مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەردىكى مۇتەخەسسىسلەردىن تەركىب تاپىدۇ.

ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرى قۇرۇشى كېرەك، تالاش–تارتىش بولغان كەسپىي كېسەلنى دىئاگنوز قويۇپ باھالاشقا توغرا كەلسە، ئالاقىدارلار ياكى ئۇلار ھاۋالە قىلغان سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى دىئاگنوز باھالاش كومىتېتىغا قاتنىشىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنى مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىدىن ئىختىيارىي بېكىتسە بولىدۇ.

كەسپىي كېسەل دىئاگنوزىنى باھالاش كومىتېتى كەسپىي كېسەل دىئاگنوزىنى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭسەھىيە مەمۇرىي تارمىقى ئېلان قىلغان كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش ئۆلچىمى ۋە كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش، ئۇنى باھالاش چارىسى بويىچە باھالاپ، ئالاقىدارلارغا كەسپىي كېسەل دىئاگنوز باھانامىسى بېرىشى كېرەك. كەسپىي كېسەلگە دىئاگنوز قويۇش ۋە ئۇنى باھالاش خىراجىتىنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن چىقىرىدۇ.

55–ماددا كەسپىي كېسەل دىئاگنوزىنى باھالاش كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر كەسىپ ئەخلاقىغا رىئايە قىلىپ، دىئاگنوزنى ئوبيېكتىپ، ئادىل باھالىشى ھەمدە مۇناسىپ جاۋابكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك. كەسپىي كېسەل دىئاگنوزىنى باھالاش كومىتېتى تەركىبىدىكىلەر ئالاقىدارلار بىلەن ئاستىرتىن ئۇچراشماسلىقى، ئۇلاردىن پۇل – مال ياكى باشقا نەپ ئالماسلىقى، ئالاقىدارلار بىلەن پايدا–زىيان مۇناسىۋىتى بارلىرى چەتلەپ تۇرۇشى كېرەك.

خەلق سوت مەھكىمىسى قوبۇل قىلغان دېلولاردا كەسپىي كېسەلنى باھالاشقا توغرا كەلسە، باھالاشقا قاتنىشىدىغان مۇتەخەسسىسلەرنى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى قانۇن بويىچە قۇرغان مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىدىن تاللاش كېرەك.

56–ماددا داۋالاش–ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرى گۇمانىي كەسپىي كېسەللەرنى بايقىغاندا، ئەمگەكچىگە ئېيتىپ قويۇشى ھەمدە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار گۇمانىي كەسپىي كېسەللەرگە دىئاگنوز قويۇشنى ۋاقتىدا ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك؛ گۇمانىي كەسپىي كېسەللەرگە دىئاگنوز قويۇش ياكى تېببىي كۆزىتىش مەزگىلىدە ئۇلار بىلەن تۈزگەن ئەمگەك توختامىنى بىكار قىلىشقا ياكى ئاخىرلاشتۇرۇشقا يول قويۇلمايدۇ.

گۇمانىي كەسپىي كېسەللەرگە دىئاگنوز قويۇش، تېببىي كۆزىتىش مەزگىلىدىكى خىراجەتنى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن چىقىرىدۇ.

57–ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار كەسپىي كېسەللەرنىڭ دۆلەت بەلگىلىگەن كەسپىي كېسەل تەمىناتىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە كەسپىي كېسەللەرنى داۋالىتىشى، ساقايتىشى ۋە قەرەللىك تەكشۈرتۈشى كېرەك.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ئەسلىي خىزمىتىنى ئىشلەۋېرىشكە باب كەلمەيدىغان كەسپىي كېسەللەرنى ئەسلىي ئىش ئورنىدىن يۆتكىۋېتىشى ھەمدە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار كەسپىي كېسەل خەۋپى بىلەن ئۇچرىشىدىغان ئەمگەكچىگە مۇۋاپىق ئىش ئورنى قوشۇمچە پۇلى بېرىشى كېرەك.

58–ماددا كەسپىي كېسەللەرنى داۋالاش، ساقايتىش خىراجىتى، يارىلانغان، مېيىپ بولغان، شۇنىڭدەك ئەمگەك ئىقتىدارىدىن قالغان كەسپىي كېسەللەرنىڭ ئىجتىمائىي كاپالىتى دۆلەتنىڭ ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە بولىدۇ.

59–ماددا كەسپىي كېسەللەردىن ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىدىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولغاندىن تاشقىرى، ھەق تەلەپ ئىشلىرىغا دائىر قانۇنلار بويىچە تۆلەم ئېلىش ھوقۇقىمۇ بولغانلىرى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن تۆلەم تەلەپ قىلىشقا ھوقۇقلۇق.

60–ماددا كەسپىي كېسەل دەپ دىئاگنوز قويۇلغان بولسىمۇ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن قانۇن بويىچە ئىشتا يارىلىنىش سۇغۇرتىسىغا قاتناشتۇرمىغان ئەمگەكچىنىڭ داۋالىنىش ۋە تۇرمۇش كاپالىتىگە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن ئىگە بولىدۇ.

61–ماددا كەسپىي كېسەللەرنىڭ خىزمەت ئورنىدا ئۆزگىرىش بولسىمۇ، قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان تەمىناتى ئۆزگەرمەيدۇ.

ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن بۆلۈنۈش، قوشۇۋېتىلىش، تارقىتىۋېتىلىش ۋە ۋەيران بولۇش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلگەنلىرى كەسپىي كېسەل خەۋپى بىلەن ئۇچرىشىدىغانئەمگەكچىلەرنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرتۈشى ھەمدە كەسپىي كېسەللەرنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىسى بويىچە مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك.

62–ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن يوقىلىپ كەتكەن بولسا ياكى كەسپىي كېسەللەرنىڭ ئەمگەك مۇناسىۋىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرگىلى بولمىسا، يەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خەلق ئىشلىرى تارمىقىغا داۋالاش ياردىمى بېرىشنى ۋە تۇرمۇش قاتارلىق جەھەتلەردە ياردەم بېرىشنى ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ.

يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شۇ جاينىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا قاراپ، باشقا تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، ئالدىنقى تارماقتا بەلگىلەنگەن كەسپىي كېسەللەرنى داۋالىتىش كېرەك.

5–باب نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش

63–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كەسپىي ساغلاملىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر قانۇن–نىزام، دۆلەتنىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئۆلچىمى ۋە ساغلاملىق تەلىپىگە بىنائەن، كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىنى مەسئۇلىيىتى بويىچە نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ.

64–ماددا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا، تۆۋەندىكى تەدبىرلەرنى قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق:

(1) تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن ۋە كەسپىي كېسەل خەۋپى بار نەق مەيدانغا بېرىپ ئەھۋا ئىگىلەش، تەكشۈرۈپ ئىسپات ئېلىش؛

(2) كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر قانۇن–نىزاملارغا خىلاپ قىلمىشلارغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيالنى كۆرۈش ياكى كۆپەيتىش ۋە ئەۋرىشكە ئېلىش؛

(3) كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشقا دائىر قانۇن–نىزاملارغا خىلاپلىق قىلغان ئورۇن ۋە شەخسلەرنى قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى توختىتىشقا بۇيرۇش.

65–ماددا كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادىسىسى يۈز بەرگەن ياكى خەۋپنىڭ كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادىسىسى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئىسپاتلايدىغان دەلىل–ئىسپات بولغاندا، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تۆۋەندىكى ۋاقىتلىق تىزگىنلەش تەدبىرىنى قوللانسا بولىدۇ:

(1) كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان مەشغۇلاتنى توختىتىپ تۇرۇشقا بۇيرۇش؛
(2) كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادىسىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ياكى شۇنداق ھادىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولغان ماتېرىيال ۋە ئۈسكۈنىلەرنى پېچەتلەش؛
(3) كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادىسىسى نەق مەيدانىنى تىزگىنلەشكە تەشكىللەش.
كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادىسىسى ياكى خەۋپ ئەھۋالى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەنگەندىن كېيىن، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى تىزگىنلەش تەدبىرىنى ۋاقتىدا بىكار قىلىشى كېرەك.

66–ماددا كەسپىي ساغلاملىق بويىچە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلغۇچىلار قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا، قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش گۇۋاھنامىسىنى كۆرسىتىشى كېرەك.

كەسپىي ساغلاملىق بويىچە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلغۇچىلار خىزمىتىگە سادىق بولۇشى، قانۇننى ئادىل ئىجرا قىلىشى، قانۇن ئىجرا قىلىش قائىدىسىگە قەتئىي ئەمەل قىلىشى كېرەك؛ ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغان ئىشلارنى مەخپىي تۇتۇشى لازىم.

67–ماددا كەسپىي ساغلاملىق بويىچە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلغۇچىلار قانۇن بويىچە ۋەزىپە ئىجرا قىلغاندا، تەكشۈرۈلگۈچى ئورۇن تەكشۈرۈشنى قوبۇل قىلىشى ھەمدە قوللىشى ۋە ئۇنىڭغا ماسلىشىشى كېرەك، رەت قىلىشقا ۋە توسقۇنلۇق قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.

68–ماددا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ۋە ئۇنىڭ كەسپىي ساغلاملىق بويىچە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلغۇچىلىرى مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغاندا، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنى سادىر قىلسا بولمايدۇ:

(1) قانۇندا بەلگىلەنگەن شەرتكە ئۇيغۇن كەلمىگەنلەرگە قۇرۇلۇشنىڭ ئالاقىدار ئىسپات ھۆججىتى، ساپا ئىسپات ھۆججىتىنى بېرىش ياكى ئۇنى تەستىقلاش؛
(2) ئالاقىدار ئىسپات ھۆججىتى ئالغانلارنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىق؛
(3) ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردا كەسپىي كېسەل خەۋپى بارلىقى، كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادىسىسى كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بارلىقىنى بايقىسىمۇ، قانۇن بويىچە ۋاقتىدا تىزگىنلەش تەدبىرى قوللانماسلىق؛
(4) بۇ قانۇنغا خىلاپ باشقا قىلمىشلار.

69–ماددا كەسپىي ساغلاملىق بويىچە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلغۇچىلارنىڭ سالاھىيىتى قانۇن بويىچە بېكىتىلىشى كېرەك.
كەسپىي ساغلاملىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى قوشۇن قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى، كەسپىي ساغلاملىق بويىچە قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلغۇچىلارنىڭ سىياسىي، كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى، مۇشۇ قانۇندىكى ۋە باشقا ئالاقىدار قانۇن – نىزاملاردىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئىچكى نازارەتچىلىك تۈزۈمىنى ئورنىتىشى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشى، خادىملىرىنىڭ قانۇن–نىزامنى ئىجرا قىلىش ۋە ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشى كېرەك.

6–باب قانۇن جاۋابكارلىقى

70–ماددا قۇرۇلۇش قىلدۇرغۇچى ئورۇنلاردىن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا بىخەتەر ئىشلەپچقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان مەشغۇلاتنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىگە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە قۇرۇلۇشنى توختىتىش، تاقىۋېتىش توغرىسدا تەكلىپ بېرىدۇ:
(1) كەسپىي كېسەل خەۋپىنى ئالدىن باھالىتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار ياكى كەسپىي كېسەل خەۋپىنى ئالدىن باھالاش مەلۇماتىنى تاپشۇرمىغانلار ۋە ياكى كەسپىي كېسەل خەۋپىنى ئالدىن باھالاش مەلۇماتىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا تەكشۈرتمەي تۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا ئىش باشلىغانلار؛
(2) قۇرۇلۇشنىڭ كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى گەۋدە قۇرۇلۇشى بىلەن تەڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈش ۋە ئىشلىتىشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
(3) كەسپىي كېسەل خەۋپى ئېغىر بولغان قۇرۇلۇشنىڭ كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزمەي ياكى دۆلەتنىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئۆلچىمىگە ۋە ساغلاملىق تەلىپىگە يەتكۈزمەي تۇرۇپ قۇرۇلۇش قىلغانلار؛
(4) كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئەسلىھەسىنىڭ كەسپىي كېسەل خەۋپىنى تىزگىنلەش ئۈنۈمىنى باھالىتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلماي، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزمەي ياكى ئۆتكۈزەلمەي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن ئىشلىتىۋەرگەنلەر.

71–ماددا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارغا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ؛ مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ:
(1) خىزمەت سورۇنىنىڭ كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلىنى تەكشۈرۈش، باھالاش نەتىجىسىنى ئارخىپقا سالمىغان، مەلۇم قىلمىغان، ئېلان قىلمىغانلار؛

(2) بۇ قانۇننىڭ 21–ماددىسىدا بەلگىلەنگەن كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى دااۋلاش ئىشلىرىنى باشقۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللانمىغانلار؛
(3) كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش قائىدە – تۈزۈمى، مەشغۇلات قائىدىسى، كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادىسىسىدىن جىددىي قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرىنى ئېلان قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
(4) ئەمگەكچىلەرنى كەسپىي ساغلاملىق بويىچە تەربىيەلەشكە تەشكىللەشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار ياكى ئەمگەكچىلەرنىڭ كەسپىي كېسەل مۇداپىئەسىدە يېتەكچىلىك، ھەيدەكچىلىك تەدبىرى قوللانمىغانلار؛
(5) كەسپىي كېسەل خەۋپى بولغان خىمىيەلىك ماتېرىيالنى مەملىكەت ئىچىدە تۇنجى ئىشلىتىش ياكى تۇنجى ئىمپورت قىلىشتا، تەركىبىدىكى زەھەرنى باھالىتىش ماتېرىيالى، شۇنىڭدەك ئالاقىدار تارماقلار رويخەتكە ئالغان ياكى ئىمپورت قىلىشنى تەستىقلىغان ھۆججەتنى مەلۇم قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.

72–ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ:
(1) كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان تۈرنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىغا بەلگىلىمە بويىچە ۋاقتىدا، ئەينەن مەلۇم قىلمىغانلار؛
(2) مەخسۇس ئادەم مەسئۇل بولىدىغان كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلىنى كۈندىلىك كۆزەتمىگەن ياكى كۆزىتىش سىستېمىسىنىڭ نورماللىقىغا كاپالەتلىك قىلمىغانلار؛

(3) ئەمگەك توختامىنى تۈزگەن ياكى ئۆزگەرتكەندە، ئەمگەكچىگە كەسپىي كېسەل خەۋپىنى ئەينەن ئېيتمىغانلار؛

(4) كەسپىي سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، كەسپىي سالامەتلىك كۆزىتىش ئارخىپى تۇرغۇزۇشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار ياكى تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى ئەمگەكچىگە يازما ئۇقتۇرمىغانلار؛
(5) ئەمگەكچى ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇندىن ئايرىلغاندا، كەسپىي سالامەتلىك كۆزىتىش ئارخىپىنىڭ كۆپەيتىلمىسىنى بېرىشتە مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.

73–ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، مۆھلەت ئۆتسىمۇ تۈزەتمىگەنلىرىگە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان مەشغۇلاتنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىگە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تاقىۋېتىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ:
(1) خىزمەت سورۇنىنىڭ كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلىنىڭ كۈچلۈكلۈكى ياكى زىچلىقىنى دۆلەتنىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئۆلچىمىدىن ئاشۇرۇۋەتكەنلەر؛
(2) كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئەسلىھەسى ۋە شەخسلەر ئىشلىتىدىغان كەسپىي كېسەل مۇداپىئە بۇيۇمى بەرمىگەن ياكى كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئەسلىھەسى ۋە شەخسلەر ئىشلىتىدىغان كەسپىي كېسەل مۇداپىئە بۇيۇمى بەرگەن بولسىمۇ، شۇ نەرسىسى دۆلەتنىڭ كەسىپىي ساغلاملىق ئۆلچىمى ۋە ساغلاملىق تەلىپىگە يەتمىگەنلەر؛
(3) كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئۈسكۈنىسى، جىددىي قۇتقۇزۇش ئەسلىھەسى ۋە شەخسلەر ئىشلىتىدىغان كەسپىي كېسەل مۇداپىئە بۇيۇمىنى ئاسراش، رېمونت قىلىش، تەكشۈرۈشتە بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغان ياكى نورمال ئىشلەش، ئىشلىتىش ھالىتىنى ساقلىيالمىغانلار؛
(4) خىزمەت سورۇنىنىڭ كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلىنى تەكشۈرۈش ۋە باھالاشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
(5) خىزمەت سورۇنىنىڭ كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلىنى تۈزەش ئارقىلىقمۇ دۆلەتنىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئۆلچىمى ۋە ساغلاملىق تەلىپىگە يەتكۈزەلمىگەندە، كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلى بار مەشغۇلاتنى توختاتمىغانلار؛
(6) كەسپىي كېسەللەر ۋە گۇمانىي كەسپىي كېسەللەرنى دىياگنوز قويۇپ داۋالىتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
(7) ئۆتكۈر كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادىسىسى يۈز بەرگەن ياكى يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھامان جىددىي قۇتقۇزۇش ۋە تىزگىنلەش تەدبىرى قوللانمىغانلار ياكى بەلگلىمىە بويىچە ۋاقتىدا مەلۇم قىلمىغانلار؛
(8) ئېغىر كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان ئىش ئورنىنىڭ كۆزگە چېلىقىدىغان يېرىگە ئاگاھ بەلگىسى ئورنىتىش ۋە جۇڭگو يېزىقىدىكى ئاگاھ چۈشەندۈرمىسى يېزىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
(9) كەسپىي ساغلاملىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشىنى رەت قىلغانلار؛
(10) كەسپىي سالامەتلىك كۆزىتىش ئارخىپى، خىزمەت سورۇنىدىكى كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلىنى تەكشۈرۈپ باھالاش نەتىجىسى قاتارلىق ئالاقىدار ماتېرىياللارنى يوشۇرغان، ئويدۇرۇپ چىققان، ئۆزگەرتكەن، كاردىن چىقىرىۋەتكەن ياكى كەسپىي كېسەلگە دىياگنوز قويۇش ۋە ئۇنى باھالاشقا كېرەكلىك ماتېرىياللارنى بېرىشنى رەت قىلغانلار؛
(11) كەسپىي كېسەلگە دىياگنوز قويۇش، ئۇنى باھالاش خىراجىتى ۋە كەسپىي كېسەللەرنىڭ داۋالىنىش، تۇرمۇش كاپالىتى خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار.
74–ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنغا كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئۈسكۈنە، ماتېرىيال بەرگەنلەردىن جۇڭگو يېزىقىدىكى چۈشەندۈرمىسىنى بېرىش ياكى ئاگاھ بەلگىسى ۋە جۇڭگو يېزىقىدىكى ئاگاھ چۈشەندۈرمىسىنى ئورنىتىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 200 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

75–ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلار ۋە داۋالاش – ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدىن كەسپىي كېسەل، گۇمانىي كەسپىي كېسەلنى مەلۇم قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنى ئالاقىدار مەسئۇل تارماق مەسئۇلىيىتىگە بىنائەن بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قوشۇمچە 10 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويسا بولىدۇ؛ ساختىپەزلىك قىلغانلىرىغا قوشۇمچە 20 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش ياكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش چارىسى كۆرسە بولىدۇ.

76–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلارنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، قوشۇمچە 50 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 300 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنى كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان مەشغۇلاتنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىگە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تاقىۋېتىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ:
(1) تېخنىكا، ھۈنەر، ئۈسكۈنە، ماتېرىيالنى ئۇنىڭ كەسپىي كېسەل خەۋپىنى يوشۇرۇپ ئىشلەتكەنلەر؛
(2) ئۆز ئورنىنىڭ كەسپىي ساغلاملىق ئەھۋالىنى يوشۇرغانلار؛
(3) جىددىي خاراكتېرلىك كەسپىي زىيان – زەخمەت يۈز بېرىش ئېھتىمالى بولغان زەھەرلىك، زىيانلىق خىزمەت سورۇنى، رادىيوئاكتىپلىق خىزمەت سورۇنىدا ياكى رادىيوئاكتىپ ئىزوتوپلارن توشۇش، ساقلاشتا مۇشۇ قانۇننىڭ 26 – ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
(4) دۆلەت ئىشلىتىشنى مەنئى قىلغان، كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئۈسكۈنە ياكى ماتېرىياللارنى ئىشلەتكەنلەر؛
(5) كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان مەشغۇلاتنى كەسپىي كېسەل مۇداپىئە شارائىتى يوق ئورۇن ۋە شەخسكە قىلدۇرغانلار ياكى كەسپىي كېسەل مۇداپىئە شارائىتى يوق ئورۇن ۋە شەخسلەردىن كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان مەشغۇلاتنى قوبۇل قىلغانلىرى؛
(6) كەسپىي كېسەل مۇداپىئە ئۈسكۈنىسى ياكى جىددىي قۇتقۇزۇش ئەسلىھەلىرىنى ئۆز مەيلىچە چۇۋۇۋەتكەنلەر ۋە ئىشلەتمەي تاشلاپ قويغانلار؛
(7) كەسپىي سالامەتلىكىنى تەكشۈرتمىگەن ئەمگەكچى، كەسپىي پەرھىزى بار ئەمگەكچى، قۇرامىغا يەتمىگەن ئىشچىلار ياكى ھامىلىدارلار، بالىسىنى ئېمىتىۋاتقان ئايال ئىشچى – خىزمەتچىلەرنى كەسپىي كېسەل خەۋپى بار مەشغۇلات ياكى پەرھىزلىك مەشغۇلاتقا ئورۇنلاشتۇرغانلار؛
(8) ئەمگەكچىنى كەسپىي كېسەل مۇداپىئە تەدبىرى قوللىنىلمىغان مەشغۇلاتقا قائىدىگە خىلاپ بۇيرۇغان ۋە مەجبۇرلىغانلار.

77–ماددا دۆلەت ئىشلىتىشنى مەنئى قىلغان، كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىش ئېھتىمالى بولغان ئۈسكۈنە ياكى ماتېرىيالنى ئىشلىگەن، تىجارەت قىلغان ياكى ئىمپورت قىلغانلارغا ئالاقىدار قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردىكى بەلگىلىمە بويىچە جازا بېرىلىدۇ.

78–ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، ئەمگەكچىنىڭ ھاياتىي ۋە سالامەتلىكىگە ئېغىر زىيان سالغانلىرىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا قىلىدىغان مەشغۇلاتنى توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ ياكى ئالاقىدار خەلق ھۆكۈمىتىگە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بەلگىلىگەن ھوقۇق دائىرىسى بويىچە تاقىۋېتىش توغرىسىدا تەكلىپ بېرىدۇ، قوشۇمچە 100 مىڭ يۈەندىن يۇقىرى، 500 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ.

79–ماددا ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، زور كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادىسىسى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

80–ماددا كەسپىي ساغلاملىق تېخنىكا مۇلازىمەت ساپا ئىسپاتى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز مەيلىچە كەسپىي ساغلاملىق تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلغان ياكى داۋالاش – ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتىنىڭ تەستىقىنى ئالماي تۇرۇپ، ئۆز مەيلىچە كەسپىي سالامەتلىك تەكشۈرگەن، كەسپىي كېسەلگە دىياگنوز قويغانلارنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ۋە سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى مەسئۇلىيىتىگە بىنائەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 5000 يۈەندىن يۇقىرىلىرىغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، ئون ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرى ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 5000 مىڭ يۈەنگە يەتمەيدىغانلىرىغا قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرىدۇ.

81–ماددا كەسپىي ساغلاملىق تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىدىغان ئاپپاراتلار ۋە كەسپىي سالامەتلىكنى تەكشۈرىدىغان، كەسپىي كېسەلگە دىياگنوز قويىدىغان داۋالاش – ساقلىق ساقلاش ئاپپاراتلىرىدىن مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىنى بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقى ۋە سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى مەسئۇلىيىتىگە بىنائەن قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىنى دەرھال توختىتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ، قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنى مۇسادىرە قىلىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 5000 يۈەندىن يۇقىرىلىرىغا قوشۇمچە قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتىنىڭ ئىككى ھەسسىسىدىن يۇقىرى، بەش ھەسسىسىدىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى يوقلىرى ياكى قانۇنغا خىلاپ تاپاۋىتى 5000 يۈەنگە يەتمەيدىغانلىرىغا قوشۇمچە 5000 يۈەندىن يۇقىرى، 20 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويىدۇ؛ قىلمىشى ئېغىرلىرىنىڭ مۇناسىپ سالاھىيىتىنى ئېتىراپ قىلغان ياكى تەستىقلىغان ئورگان بىكار قىلىدۇ؛ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىم ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ:
(1) كەسپىي ساغلاملىق تېخىكا مۇلازىمىتى قىلىشتا ياكى كەسپىي سالامەتلىك تەكشۈرۈش، كەسپىي كېسەلگە دىياگنوز قويۇشتا ساپاسى ئېتىراپ قىلىنغان ياكى تەستىقلانغان دائىرىدىن ھالقىپ كەتكەنلەر؛
(2) قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشتا بۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلار؛
(3) ساختا ئىسپات ھۆججىتى بەرگەنلەر.

82–ماددا كەسپىي كېسەل دىياگنوزىنى باھالاش كومىتېتى تەركىبىدىكىلەردىن كەسپىي كېسەل دىياگنوزى ئۈستىدە تالاش–تارتىش قىلىۋاتقانلاردىن پۇل–مال ياكى باشقا نەپ ئېلىۋالغانلىرىغا ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلىدۇ، ئالغان پۇل–مېلى مۇسادىرە قىلىنىدۇ، قوشۇمچە 3000 يۈەندىن يۇقىرى، 50 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلسا بولىدۇ، ئۇلارنىڭ كەسپىي كېسەل دىياگنوزىنى باھالاش كومىتېتىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتى بىكار قىلىنىدۇ ھەمدە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى قۇرغان مۇتەخەسسىسلەر ئامبىرىدىن ئىسمى ئۆچۈرۈلىدۇ.

83–ماددا سەھىيە مەمۇرىي تارماقلىرى ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن كەسپىي كېسەلنى ۋە كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادىسىسىنى مەلۇم قىلىشتا بەلگىلىمىگە ئەمەل قىلمىغانلىرىنى بىر دەرىجە يۇقىرى مەمۇرىي تارماق تۈزىتىشكە بۇيرۇيدۇ، خەۋەرنامە چىقىرىپ تەنقىدلەيدۇ، ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىدۇ؛ كۆز بويامچىلىق قىلغان، يوشۇرغان ئورۇننىڭ مەسئۇلى، بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش، ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرىدۇ.

84–ماددا ئالاقىدار تارماقلاردىن مۇشۇ قانۇننىڭ 17–، 18–ماددىسىدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قۇرۇلۇش تۈرىنى تەستىقلىغان ياكى قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازىتى بەرگەنلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا مەمۇرىي تەپتىش ئورگىنى ياكى يۇقىرى دەرىجىلىك ئورگان قانۇن بويىچە گۇناھ يېزىش، ھەتتا خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرىدۇ.

85–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىدىن كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاش خىزمىتىدە مەسئۇلىيىتىنى قانۇن بويىچە ئادا قىلمىغانلىقتىن، شۇ مەمۇرىي رايوندا ئېغىر كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادىسىسى كۆرۈلۈپ، جەمئىيەتتە ئېغىر تەسىر پەيدا قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چوڭ گۇناھ يېزىش، ھەتتا خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرۈلىدۇ.
ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ كەسپىي ساغلاملىقنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرىدىن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماي، خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە – كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغانلىرىنىڭ بىۋاسىتە جاۋابكار مەسئۇل خادىمى ۋە باشقا بىۋاسىتە جاۋابكارلىرىغا قانۇن بويىچە چوڭ گۇناھ يېزىش ياكى دەرىجىسىنى چۈشۈرۈش چارىسى كۆرۈلىدۇ؛ كەسپىي كېسەل خەۋپى ھادىسىسى ياكى باشقا ئېغىر ئاقىۋەت پەيدا قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش ياكى خىزمەتتىن ھەيدەش چارىسى كۆرۈلىدۇ.

86–ماددا مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىپ، جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلەر قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

7–باب قوشۇمچە پىرىنسىپ

87–ماددا بۇ قانۇندىكى سۆز–ئىبارىلەرنىڭ مەنىسى:

كەسپىي كېسەل خەۋپى كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئەمگەكچىنى كەسپىي كېسەلگە گىرىپتار قىلىش ئېھتىمالى بولغان خەۋپلەرنى كۆرسىتىدۇ. كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلى كەسپىي پائالىيەتتە مەۋجۇت بولغان خىمىيەلىك، فىزىكىلىق، بىيولوگىيەلىك زىيانلىق ئامىللار، شۇنىڭدەك مەشغۇلات جەريانىدا پەيدا بولىدىغان باشقا كەسپىي زىيانلىق ئامىللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كەسىپ پەرھىزى ئەمگەكچىنىڭ مۇئەييەن كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغان ياكى مۇئەييەن كەسپىي كېسەل خەۋپى ئامىلى بىلەن ئۇچراشقاندا ئادەتتىكى كەسىپكارلارغا قارىغاندا ئاسانلا كەسپىي كېسەل خەۋپىگە ئۇچرايدىغانلىقى ۋە كەسپىي كېسەل بولىدىغانلىقىنى ياكى ئەسلىي كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىش مۇمكىنلىكىنى ۋە ياكى مەشغۇلات جەريانىدا باشقىلارنىڭ ھاياتىي ۋە سالامەتلىكىگە خەۋپ يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان كېسەلنىڭ شۇ كىشىدىكى ئالاھىدە فىزىيولوگىيەلىك ياكى پاتولوگىيەلىك ئالامىتىنى كۆرسىتىدۇ.

88–ماددا بۇ قانۇننىڭ 2–ماددىسىدا بەلگىلەنمىگەن ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلاردىن كەسپىي كېسەل خەۋپى پەيدا بولغانلىرى كەسپىي كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى داۋالاشتا مۇشۇ قانۇندىن پايدىلانسا بولىدۇ.

ئەمگەكچى ئەۋەتىدىغان ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن مۇشۇ قانۇندا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىشى كېرەك.

جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ بۇ قانۇندىن پايدىلىنىپ ئىجرا قىلىش چارىسىنى دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېت چىقىرىدۇ.

89–ماددا داۋالاش ئاپپاراتىنىڭ رادىيوئاكتىپلىق كەسپىي كېسەل خەۋپىنى تىزگىنلىشىنى سەھىيە مەمۇرىي تارمىقى مۇشۇ قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.

90–ماددا بۇ قانۇن 2002–يىل 5–ئاينىڭ 1–كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئىشىخانىسى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)