ش ئۇ ئا ر نىڭ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى»نى يولغا قويۇش چارىسى
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدا بەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-08-09 08:47

 (2012–يىل 5–ئاينىڭ 30–كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11–نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 36–يىغىنىدا ماقۇللاندى)

1–باب ئومۇمىي پىرىنسىپ

1–ماددا بۇ چارە تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، تاسادىپىي ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، تاسادىپىي ۋەقەگە ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش قانۇنى» ۋە ئالاقىدار قانۇن–نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2–ماددا بۇ چارە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەمۇرىي تەۋەسىدە يۈز بەرگەن تاسادىپىي ۋەقەدىكى ئالدىنى ئېلىش ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈش، كۆزىتىش ۋە سىگنال بېرىش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش، كېيىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە قايتا قۇرۇش قاتارلىق تاقابىل تۇرۇش ھەرىكەتلىرىگە تەتبىقلىنىدۇ.

3–ماددا بۇ چارىدە ئېيتىلغان تاسادىپىي ۋەقە تاسادىپىي يۈز بەرگەن، ئېغىر ئىجتىمائىي خەۋپ يەتكۈزگەن ياكى يەتكۈزۈش ئېھتىمالى بولغان، جىددىي تاقابىل تۇرۇش–بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىپ تاقابىل تۇرىدىغان تەبىئىي ئاپەت، بالا–قازا، جامائەت ساغلاملىقى ۋەقەسى ۋە جەمئىيەت بىخەتەرلىكى ۋەقەسىنى كۆرسىتىدۇ.
تەبىئىي ئاپەت، بالا–قازا، جامائەت ساغلاملىقى ۋەقەسى ئىجتىمائىي خەۋپنىڭ دەرىجىسى، تەسىر دائىرىسى قاتارلىق ئامىللارغا قاراپ، پەۋقۇلئاددە چوڭ، چوڭ، چوڭراق ۋە ئادەتتىكى دەپ تۆت دەرىجىگە ئايرىلىدۇ. قانۇن، مەمۇرىي نىزاملاردا ئايرىم بەلگىلىمە بولسا ۋە گوۋۇيۈەننىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى بولسا، شۇ بەلگىلىمە بويىچە بولىدۇ.

4–ماددا تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىدە ئالدىنى ئېلىشنى ئاساس قىلىش، ئالدىنى ئېلىش بىلەن جىددىي تاقابىل تۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش پىرىنسىپىنى يولغا قويۇپ، بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىش، ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش، تۈر بويىچە باشقۇرۇش، دەرىجە بويىچە مەسئۇل بولۇش، تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش ئاساس قىلىنغان جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىنىدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

5–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ، تاسادىپىي ۋەقەگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئاپپاراتى قۇرۇپ، ئۆز مەمۇرىي رايونىنىڭ جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ۋە تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە بىر تۇتاش رەھبەرلىك قىلىدۇ ۋە ئۇنى ماسلاشتۇرىدۇ.

تاسادىپىي ۋەقەگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئاپپاراتى شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى شۇنىڭدەك ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، شۇ جايدىكى جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ۋە جۇڭگو خەلق قوراللىق ساقچى قىسىمىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرىدىن تەركىب تاپىدۇ. تاسادىپىي ۋەقەگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئاپپاراتى ۋە ئەزا ئورۇنلار جىددىي تاقابىل تۇرۇش ھەمتۈرتكە مېخانىزمى بەرپا قىلىدۇ.

تاسادىپىي ۋەقەگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئاپپاراتى خىزمەت ئېھتىياجىغا قاراپ، تاسادىپىي ۋەقەگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مەخسۇس قوماندانلىق ئاپپاراتىنى قۇرىدۇ، ئۇلار ئۆزىگە مۇناسىۋەتلىك تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى تەشكىللەيدۇ، ماسلاشتۇرىدۇ ۋە ئۇنىڭغا قوماندانلىق قىلىدۇ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش مەخسۇس قوماندانلىق ئاپپاراتلىرى شۇ دەرىجىلىك تاسادىپىي ۋەقەگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئاپپاراتىنىڭ رەھبەرلىكىدە بولىدۇ.

6–ماددا تاسادىپىي ۋەقەگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئاپپاراتى جىددىي ئىشلار باشقۇرۇش ئاپپاراتى قۇرىدۇ، ئۇ، شۇ دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي تاقابىل تۇرۇش قوماندانلىق ئاپپاراتىنىڭ كۈندىلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلەيدۇ، جىددىي ئىشلار دىجورنىلىكى قىلىش، ئۇچۇرلارنى يىغىپ تەھلىل قىلىش، ھەر تەرەپلىمە ماسلاشتۇرۇش، نازارەت قىلىش، يېتەكچىلىك قىلىش مەسئۇلىيىتى قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى ئادا قىلىدۇ.

ئالاقىدار تارماقلار جىددىي تاقابىل تۇرۇش مەخسۇس قوماندانلىق ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك. تاسادىپىي ۋەقەگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش مەخسۇس قوماندانلىق ئاپپاراتى جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مەخسۇس ئاپپاراتى قۇرۇشى، مەخسۇس خادىملارنى قويۇشى كېرەك.

يېزىلىق (بازارلىق) خەلق ھۆكۈمىتى ۋە كوچا باشقارمىلىرى ئېھتىياجغا قاراپ، جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش ئاپپاراتىنى قۇرسا ياكى بېكىتسە بولىدۇ.

7–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى جىددىي تاقابىل تۇرۇش سىستېما قۇرۇلۇشى يىرىك پىلانىنى تۈزۈشى ھەمدە ئۇنى شۇ مەمۇرىي رايوننىڭ خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈشى كېرەك.

8–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرىخەلق ھۆكۈمىتى تاسادىپىي ۋەقەگە جىددىي تاقابىل تۇرۇش خىزمىتى خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى، جىددىي تاقابىل تۇرۇش بويىچە قۇتقۇزۇش ئەشيالىرى، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش جابدۇقلىرى ۋە تۇرمۇش بۇيۇملىرى قاتارلىق جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئەشيالىرىنى زاپاس ساقلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك خەلق ھۆكۈمىتى، ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە جىددىي ئىشلار زاپاس پۇل تۈزۈمى ئورنىتىشى، زاپاس پۇلنى تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە ئىشلىتىشى كېرەك.

9–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تاسادىپىي ۋەقە ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلاش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ئۇچۇر ئېلان قىلىش تۈزۈمى ۋە ئاخبارات باياناتچىلىرى تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، چوڭ–چوڭ تاسادىپىي ۋەقەگە دائىر خەۋەرلەرگە تېز ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇچۇر ئېلان قىلىش، خەۋەر بېرىش خىزمىتىنى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇش ۋە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشى كېرەك.

تاسادىپىي ۋەقە ئۇچۇرلىرىنى ۋاقتىدا، ئوبيېكتىپ، توغرا، ئەينەن ئېلان قىلىش، دۆلەت مەخپىيىتىگە چېتىلىدىغانلىرىدا دۆلەتنىڭ مەخپىيەتلىكنى ساقلاشقا دائىر بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىش كېرەك.

10–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى مەمۇرىي ئورگاننىڭ ئاساسلىق مەسئۇلى، شۇنىڭدەك ئالاقىدار مەسئۇللارنىڭ يىللىق خىزمەت نەتىجىسىنى باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى، تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى نىشان بويىچە باھالىشى، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈش تۈزۈمىنى يولغا قويۇشى كېرەك.

11–ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇشتا، جەمئىيەتتىكىلەرنى سەپەرۋەر قىلىش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ياكى باشقا تەشكىلاتلارنىڭ تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇشتىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.
پۇقرالار، قانۇنىي ئىگىلەر ۋە باشقا تەشكىلاتلارنىڭ تاسادىپىي ۋەقەگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە قاتنىشىش مەجبۇرىيىتى بار.