م خ ج دائىمىي كومىتېتىنىڭ «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل سايلاش چارىسى» توغرىسىدىكى قارارى
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-10-08 16:15

 جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ پەرمانى
(58–نومۇرلۇق)

«مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل سايلاش چارىسى>گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» 2012–يىل 6–ئاينىڭ 30–كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 11– نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 27–يىغىنىدا ماقۇللىنىپ ھازىر ئېلان قىلىندى، ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن.

جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ

2012–يىل 6–ئاينىڭ 30–كۈنى11–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 27–يىغىنى «جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل سايلاش چارىسى»گە تۆۋەندىكىدەك تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى قارار قىلدى:

1. 5–ماددىنىڭ 1–تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ رەسمىي ھەربىيلىرى، دەم ئېلىشقا، پېنسىيەگە چىققانلاردىن ئارمىيە ئورۇنلاشتۇرغانلىرى ۋە يەرلىكنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىدىغانلىرى، ئارمىيەدە ئىشلەۋاتقان مۈلكىي خادىملار، خىزمەتچىلەر، ئىشچى–خىزمەتچىلەر، رەسمىي مەجبۇرىيەت ئۆتىمەيدىغان مۇلازىملار شۇنىڭدەك مەمۇرىي مۇناسىۋىتى ئارمىيەدە بولغان باشقا كىشىلەر ئارمىيەنىڭ سايلىمىغا قاتنىشىدۇ».

2. 8–ماددىغا بىر تارماق قوشۇپ، 3–تارمىقى قىلىندى: «سايلام ھەيئىتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ، خىزمەت ھوقۇقىنى يېڭى سايلام ھەيئىتى سايلاپ چىقىلغانغا قەدەر يۈرگۈزىدۇ.»

3. 9–ماددا مۇنداق تۈزىتىلدى: «خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ سايلام ھەيئىتى 11دىن 19 غىچە كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇنىڭغا بىر مۇدىر، بىردىن ئۈچكىچە مۇئاۋىن مۇدىر ۋە بىرقانچە ئەزا قويۇلىدۇ. باشقا ھەر دەرىجىلىك سايلام ھەيئەتلىرى يەتتىدىن 17گىچە كىشىدىن تەركىب تاپىدۇ، ئۇنىڭغا بىر مۇدىر، بىردىن ئىككىگىچە مۇئاۋىن مۇدىر، بىرقانچە ئەزا قويۇلىدۇ».

4. 10–ماددىغا بىر تارماقچە قوشۇلۇپ 5–تارماقچىسى قىلىندى: «(5) سايلام نەتىجىسىنىڭ كۈچكە ئىگە بولغان–بولمىغانلىقىنى بېكىتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىكىگە سايلانغانلارنىڭ ئىسىملىكىنى ئېلان قىلىش»؛

10–ماددىنىڭ ئەسلىدىكى 5–تارماقچىسى 6–تارماقچىسى قىلىندى.

5. 17–ماددىغا بىر تارماق قوشۇلۇپ، 4–تارماق قىلىندى: «ھەربىيلەر قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بەش يىل بولىدۇ. ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى شۇ نۆۋەتلىك ھەربىيلەر قۇرۇلتىيىنىڭ 1–يىغىنى ئېچىلغاندىن تارتىپ، كېلەر نۆۋەتلىك ھەربىيلەر قۇرۇلتىيىنىڭ 1–يىغىنى ئېچىلغانغا قەدەر بولىدۇ».

6. 18–ماددىنىڭ 2–تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئارمىيەدىكى ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋەكىل نامزاتلىرىنى كۆرسەتسە بولىدۇ. سايلىغۇچىلار ياكى ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ئوندىن ئارتۇق كىشى بىرلىشىپ ئىمزا قويۇپ ۋەكىل نامزاتلىرىنى كۆرسەتسىمۇ بولىدۇ. كۆرسەتكۈچىلەر سايلام ھەيئىتىگە ياكى ھەربىيلەر كومىتېتىغا نامزاتلارنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشى كېرەك. ۋەكىل نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەنلەر ئۆزىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى سايلام ھەيئىتىگە ياكى ھەربىيلەر كومىتېتىغا ئەينەن ئېيتىشى كېرەك. ئېيتقان ئاساسىي ئەھۋالى ئەينەن بولمىسا، سايلام ھەيئىتى ياكى ھەربىيلەر كومىتېتى سايلىغۇچىلارنى ياكى ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى خەۋەرلەندۈرۈشى كېرەك».

7. 19–ماددا مۇنداق تۈزىتىلدى: «خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىدىن مەملىكەتلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل سايلاشتا، ئارتۇق نامزاتلىق سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ، ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ سانى سايلىنىدىغان ۋەكىل سانىدىن كۆپ بولۇشى كېرەك.

سايلىغۇچىلار بىۋاسىتە سايلايدىغان ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ سانى سايلىنىدىغان ۋەكىل سانىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن بىر ھەسسىسىگىچە كۆپ بولۇشى كېرەك؛ ھەربىيلەر قۇرۇلتىيىدا سايلىنىدىغان ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ سانى سايلىنىدىغان ۋەكىل سانىدىن بەشتىن بىرىدىن ئىككىدىن بىرگىچە كۆپ بولۇشى كېرەك».

8. 20–ماددا مۇنداق تۈزىتىلدى: «سايلىغۇچىلار بىۋاسىتە سايلايدىغان ۋەكىل نامزاتلىرىنى سايلام ھەيئىتى ياكى ھەربىيلەر كومىتېتى ئومۇملاشتۇرغاندىن كېيىن، ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى ۋە ئۇلارنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى سايلام كۈنىدىن 15 كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنى شۇ سايلام رايونىدىكى سايلىغۇچىلارنىڭ قايتا–قايتا مۇزاكىرە قىلىشى، كېڭىشىشىگە تاپشۇرۇپ، رەسمىي ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى بېكىتىدۇ. كۆرسىتىلگەن ۋەكىل نامزاتى سانى مۇشۇ چارىنىڭ 19–ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى ئارتۇق نامزات نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتسە، سايلام ھەيئىتى ياكى ھەربىيلەر كومىتېتى شۇ سايلام رايونىدىكى سايلىغۇچىلارنىڭ مۇزاكىرە قىلىشى ۋە كېڭىشىشىگە تاپشۇرۇپ، كۆپرەك سايلىغۇچىلارنىڭ پىكرىگە ئاساسەن، رەسمىي ۋەكىل نامزاتلىرىنى بېكىتىدۇ؛ رەسمىي ۋەكىل نامزاتلىرى ئۈستىدە بىردەك پىكىر ھاسىل قىلغىلى بولمىسا، تەييارلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈپ، تەييارلىق سايلامدا ئېرىشكەن ئاۋاز سانىنىڭ ئاز–كۆپلۈكى تەرتىپىگە ئاساسەن، رەسمىي ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى بېكىتىدۇ. رەسمىي ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكى، شۇنىڭدەك ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى سايلام كۈنىدىن يەتتە كۈن بۇرۇن ئېلان قىلىش كېرەك.

تۈەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلار ھەربىيلەر قۇرۇلتىيىدا خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلىغاندا ۋەكىل نامزاتلىرىنى كۆرسىتىش، غۇلغۇلا قىلىش ۋاقتى ئىككى كۈندىن كەم بولماسلىقى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك سايلام ھەيئەتلىرى قانۇن بويىچە كۆرسىتىلگەن ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئىسىملىكىنى، شۇنىڭدەك ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى ھەربىيلەر قۇرۇلتىيىنىڭ بارلىق ۋەكىللىرىنىڭ غۇلغۇلا ۋە مۇزاكىرە قىلىشىغا تارقىتىدۇ. كۆرسىتىلگەن ۋەكىل نامزاتىنىڭ سانى مۇشۇ چارىنىڭ 19–ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئارتۇق نامزات نىسبىتىگە ئۇيغۇن بولسا، بىۋاسىتە بېلەت تاشلاپ سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ. كۆرسىتىلگەن نامزات سانى مۇشۇ چارىنىڭ 19–ماددىسىدا بەلگىلەنگەن ئەڭ يۇقىرى ئارتۇق نامزات نىسبىتىدىن ئېشىپ كەتسە، تەييارلىق سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ. تەييارلىق سايلامدا ئېرىشكەن ئاۋاز سانىنىڭ ئاز–كۆپلۈكى تەرتىپىگە قاراپ، شۇ دەرىجىلىك ھەربىيلەر قۇرۇلتىيىدا بەلگىلەنگەن كونكرېت ئارتۇق نامزات نىسبىتى بويىچە رەسمىي ۋەكىل نامزاتلىرى ئىسىملىكى بېكىتىلىپ، بېلەت تاشلاپ سايلام ئۆتكۈزۈلىدۇ».

9. 22–ماددىنىڭ 2–تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «ۋەكىل نامزاتلىرىنى كۆرسەتكەن تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەر سايلىغۇچىلار گۇرۇپپىسى ياكى ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى گۇرۇپپا يىغىنىدا ئۆزى كۆرسەتكەن ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرسا بولىدۇ، بىۋاسىتە سايلام ئۆتكۈزگەندە، سايلام ھەيئىتى ياكى ھەربىيلەر كومىتېتى سايلىغۇچىلارنىڭ تەلىپى بويىچە ۋەكىل نامزاتلىرى بىلەن سايلىغۇچىلارنى كۆرۈشتۈرۈشى، ۋەكىل نامزاتلىرى ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇشى، سايلىغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىشى كېرەك. لېكىن سايلام كۈنى ۋەكىل نامزاتلىرىنى تونۇشتۇرۇشنى توختىتىش شەرت».

10. 23–ماددىنىڭ 1–تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «بىۋاسىتە سايلامدا، سايلام رايونلىرى ھەربىيلەر يىغىنى ئېچىپ ياكى بېلەت تاشلاش پونكىتى، كۆچمە بېلەت تاشلاش ساندۇقى تەسىس قىلىپ سايلام ئۆتكۈزۈشى لازىم. تارقاق ئولتۇراقلاشقان ياكى ھەرىكىتى قولايسىز سايلىغۇچىلار كۆچمە بېلەت ساندۇقىغا بېلەت تاشلىسا بولىدۇ. بېلەت تاشلاش سايلىمىغا ھەربىيلەر كومىتېتى ياكى سايلام ھەيئىتى رىياسەتچىلىك قىلىدۇ».

11. 24–ماددىنىڭ 1–تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىدىن مەملىكەتلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل سايلاشتا بىردەك يوشۇرۇن ئاۋاز بېرىش ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. سايلام ئۆتكۈزگەندە بېلەتنى مەخپىي تولدۇرۇش ئورنى تەسىس قىلىش كېرەك».

12. 25–ماددا مۇنداق تۈزىتىلدى:«سايلىغۇچى سايلام مەزگىلىدە سىرتقا چىقىپ كەتكەن بولسا، ھەربىيلەر كومىتېتى ياكى سايلام ھەيئىتىنىڭ ماقۇللۇقىنى ئېلىپ، ئاۋاز بېرىپ قويۇشنى باشقا سايلىغۇچىغا يازما ھاۋالە قىلسا بولىدۇ. ھەربىر سايلىغۇچى ئۈچتىن ئارتۇق كىشىنىڭ ھاۋالىسىنى قوبۇل قىلماسلىقى ھەمدە ھاۋالە قىلغۇچىنىڭ ئارزۇسى بويىچە ئاۋاز بېرىپ قويۇشى كېرەك».

13. 27–ماددىغا بىر تارماق قوشۇپ، 2–تارماق قىلىندى: «ۋەكىل نامزاتلىرىنىڭ تۇغقانلىرى بېلەت نازارەتچىسى، بېلەت ھېسابلىغۇچى بولسا بولمايدۇ».

14. 37–ماددىنىڭ 1–تارمىقى مۇنداق تۈزىتىلدى: «خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى سايلىغان رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئۆزىنى سايلىغان ئورۇننىڭ سايلام ھەيئىتىدىن يازما ئىستېپا سورىسا بولىدۇ. خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى سايلىغان ناھىيە دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى ئۆزىنى سايلىغان رايوننىڭ سايلام ھەيئىتىدىن ياكى ھەربىيلەر كومىتېتىدىن يازما ئىستېپا سورىسا بولىدۇ. ئىستېپانى قوبۇل قىلىشتا، ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى ياكى ھەربىيلەر يىغىنىغا قاتناشقان بارلىق كىشىلەرنىڭ تەڭدىن تولىسىنىڭ ماقۇللۇقىدىن ئۆتكۈزۈش ھەمدە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋە ئارمىيەنىڭ بىر دەرىجە يۇقىرى سايلام ھەيئىتىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك».

بىر تارماق قوشۇپ، 2–تارمىقى قىلىندى: «ۋەزىپە ئىجرا قىلىش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، ھەربىيلەر قۇرۇلتىيى ئاچقىلى بولمىسا، تۈەن دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ سايلام ھەيئىتى شۇ دەرىجىلىك ئورۇنلار سايلىغان رايون بار شەھەرلىك، ئاپتونوم ئوبلاستلىق، ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك ۋە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلسا بولىدۇ. سايلام ھەيئىتى خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ ئىستېپاسىنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، شۇ ۋەكىلنى سايلىغان ھەربىيلەر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىللىرىنى ۋاقتىدا خەۋەرلەندۈرۈشى ھەمدە شۇ دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىغا ۋە ئارمىيەنىڭ بىر دەرىجە يۇقىرى سايلام ھەيئىتىگە ئەنگە ئالدۇرۇشى كېرەك».

بۇنىڭدىن باشقا، 7–بابنىڭ نامى مۇنداق تۈزىتىلدى: «ۋەكىللەرنى نازارەت قىلىش، قالدۇرۇۋېتىش، ئىستېپا بېرىش ۋە تولۇقلاپ سايلاش».

بۇ قارار ئېلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

«جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ مەملىكەتلىك ۋە ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا ۋەكىل سايلاش چارىسى» مۇشۇ قارارغا ئاساسەن مۇناسىپ تۈزىتىلگەندىن كېيىن، قايتا ئېلان قىلىنىدۇ.