جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سودا بانكىسى قانۇنى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-10-21 11:14

1995 - يىل 5 - ئاينىڭ 10 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 13 - يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2003 - يىل 12 - ئاينىڭ 27 - كۈنى 10 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى 6 - يىغىنىنىڭ «مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سودا بانكىسى قانۇنى> غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى» غا ئاساسەن تۈزىتىلدى.

1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1 - ماددابۇ قانۇن سودا بانكىسى، پۇل ئامانەت قويغۇچى ۋە باشقا مۇئامىلدارلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، سودا بانكىسى ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، كرېدىت مەبلىغىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، نازارەت قىلىش باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، سودا بانكىسى كەسپىنىڭ ساغلام يۈرۈشىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، پۇل مۇئامىلىسى تەرتىپىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

2 - ماددابۇ قانۇندا ئېيتىلغان سودا بانكىسى بۇ قانۇن ۋە «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ شىركەت قانۇنى» بويىچە تەسىس قىلىنغان جامائەت ئامانەت پۇلىنى جەلپ قىلىش، قەرز پۇل تارقىتىش، راسچوت قىلىش قاتارلىق كەسىپلەرنى بېجىرىدىغان كارخانا تىپىدىكى قانۇنىي ئىگىنى كۆرسىتىدۇ.

3 - ماددا سودا بانكىسى تۆۋەندىكى كەسىپلەرنىڭ بىر قىسمىنى ياكى ھەممىسىنى بېجىرسە بولىدۇ:

(1) جامائەت ئامانەت پۇلىنى جەلپ قىلىش؛

(2) قىسقا، ئوتتۇرا ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك قەرز پۇل تارقىتىش؛

(3) دۆلەت ئىچى، سىرتىدىكى راسچوتىنى بېجىرىش؛

(4) ۋېكسىل ئىتراپ قىلىش ۋە دېسكونلاشنى بېجىرىش؛

(5) پۇل مۇئامىلىسى زايومىنى تارقىتىش؛

(6) ھۆكۈمەت زايومىنى ۋاكالىتەن تارقىتىش، بېرىش ۋە سېتىش؛

(7) ھۆكۈمەت زايوم، پۇل مۇئامىلىسى زايومنى ئېلىش - سېتىش؛

(8) كەسىپداشلار ئارا مەبلەغنى ئۆتنە قىلىش؛

(9) تاشقى پېرېۋوتنى ئېلىش - سېتىش؛ ۋاكالىتەن ئېلىش - سېتىش؛

(10)بانكا كارتىسى كەسپى بىلەن شۇغۇللىنىش؛

(11) ئىناۋەت گۇۋاھنامىسى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ۋە كېپىل بولۇش؛

(12) پۇل كىرىم - چىقىمى قىلىش ۋە سۇغۇرتا كەسپىنى ۋاكالىتەن بېجىرىش؛

(13) ساقلاش ساندۇقى مۇلازىمىتى قىلىش؛

(14) گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەستىقلىغان باشقا كەسىپلەر.

تىجارەت دائىرىسى سودا بانكىسىنىڭ نىزامنامىدا بەلگىلىنىدۇ، گوۋۇيۈەننىڭ بانكىچىلىقىنى نازارەت قىلىش باشقۇرۇش ئاپپاراتى تەستىىقلايدۇ.

سودا بانكىسى جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ تەستىقى بىلەن پېرېۋوت راسچوت قىلىش، پېرېۋوت سېتىش كەسپىنى بېجىرسە بولىدۇ.