جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ خەلق ھاۋا مۇداپىئە قانۇنى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:نۇزىگۈل ئىمىر|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-10-21 11:18

 

1996 - يىل 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى 8 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 22 - يىغىنىدا ماقۇللاندى، 1996 - يىل 10 - ئاينىڭ 29 - كۈنى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى رەئىسىنىڭ 78 - نومۇرلۇق پەرمانى بىلەن ئېلان قىلىندى.

1 – باب ئومۇمىي پرىنسىپ

1 - ماددابۇ قانۇن خەلق ھاۋا مۇداپىئەسىنى ئۈنۈملۈك تەشكىللەپ، خەلقنىڭ ھاياتى ۋە مال - مۈلۈكنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش مەقسىتىدە تۈزۈلدى.

2 - مادداخەلق ھاۋا مۇداپىئەسى دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ تەركىبىي قىسمى. دۆلەت مۇداپىئەسىنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، دۆلەت ئاممىنى مۇداپىئە تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، ھاۋا ھۇجۇمى زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى ئازايتىشقا سەپەرۋەر قىلىدۇ ۋە تەشكىللەيدۇ

خەلق ھاۋا مۇداپىئەسىدە ئۇزاق مۇددەت تەييارلىق كۆرۈش، نۇقتىلىق قۇرۇلۇش قىلىش، تىنچ مەزگىل بىلەن ئۇرۇش مەزگىلىنى بىرلەشتۈرۈش فاڭجېنى يولغا قويۇلىدۇ، ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش بىلەن ماس قەدەمدە راۋاجلاندۇرۇش، شەھەر قۇرۇلۇشى بىلەن بىرلەشتۈرۈش پرىنسىپى ئىزچىللاشتۇرۇلىدۇ.

3 - مادداناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمەتلىرى خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزۈشى لازىم.

4 - مادداخەلق ھاۋا مۇداپىئە خىراجىتىنى دۆلەت بىلەن جەمئىيەت بىرلىكتە ئۈستىگە ئالىدۇ.

مەركەز ئۈستىگە ئالىدىغان خەلق ھاۋا مۇداپىئە خىراجىتى مەركەزنىڭ خام چوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ، ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۈستىگە ئالىدىغان خەلق ھاۋا مۇداپىئە خىراجىتى يەرلىك ھەر دەرىجىلىك خام چوتىغا كىرگۈزۈلىدۇ.

مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن خەلق ھاۋا مۇداپىئە خىراجىتىنى ئۈستىگە ئېلىشى لازىم.

5 - ماددادۆلەت مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن خەلق ھاۋا مۇداپىئە ئەسلىھەلىرىنى قۇرۇشقا ئېتىبار بېرىدۇ.

دۆلەت كارخانىلار، كەسپىي تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ ھەر خىل يوللار بىلەن خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ. تىنچ مەزگىلدە خەلق ھاۋا مۇداپىئە قۇرۇلۇشىنى مەبلەغ سالغۇچى ئىشلىتىپ باشقۇرىدۇ، ئۇنىڭ پايدىسى مەبلەغ سالغۇچىغا تەئەللۇق بولىدۇ.