جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخىدىكى «ئەڭ» ۋە «تۇنجى»لار
مەنبەسى:تەڭرىتاغ تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2011-12-29 21:20
 
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخىدا ئەڭ بۇرۇن «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى» دېگەن نامنى ئوتتۇرىغا قويغان كىشى سەي خېسىن. ئۇ فرانسىيەدە ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە، يەنى 1920-يىلى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى ۋە 9-ئاينىڭ 16-كۈنى ماۋزېدۇڭغا يازغان ئىككى پارچە خېتىدە كوممۇنىستىك پارتىيە ئۇقۇمىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلغان. سەي خېسىن غەربىي ياۋروپادىكى ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى كوممۇنىستىك پارتىيە، بولۇپمۇ روسىيە كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى تەكشۈرۈش ئاساسىدا، خېتىدە كونكېرىت قىلىپ: »جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنى رەسمىي قۇرۇش كېرەك»، دەپ ئوتتۇرىغا قويغان.
جۇڭگونىڭ تۇنجى كوممۇنىزم گۇرۇپپىسى 1920-يىلى 8-ئايدا چېن دۇشيۇ، لى خەنجۈن، لى دا، چېن ۋاڭداۋ، شاۋلىزى قاتارلىقلار شاڭخەيدە قۇرغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تەشكىلاتى—شاڭخەي كوممۇنىزم گۇرۇپپىسىدۇر.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1-قۇرۇلتىيى 1921-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنى شاڭخەي فرانسىيە كونسېسسىيەسىگە تەۋە ۋاڭ جىلۇ كوچىسى شۇدېلى 3-نومۇرلۇق قورۇسىدا ئېچىلغان. يىغىنغا 12 ۋەكىل قاتناشقان ، ئۇلار: لى دا، لى خەنجۈن، جاڭ گوتاۋ، ليۇ رېنجىڭ، ماۋ زېدۇڭ، خې شۇخېڭ، دۇڭ بىۋۇ، چېن تەنچىيۇ، ۋاڭ جېنمېي، دېڭ ئېنمىڭ، چېن گۇڭبو، جۇ فۇخەي قاتارلىقلار، ئۇلار پۈتۈن مەملىكەتتىكى 53 نەپەر پارتىيە ئەزاسىغا ۋەكىل بولۇپ قۇرۇلتايغا قاتناشقان. باۋ خۇيسېڭ ئەينى چاغدا گۇاڭجۇدا تۇرۇۋاتقان چېن دۇشيۇنىڭ ھاۋالە قىلىپ ئەۋەتىشى بىلەن قۇرۇلتايغا قاتناشقان. كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ ۋەكىلى مالىن ۋە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالنىڭ يىراق شەرق بيۇروسىنىڭ ۋەكىلى نىكىرىسكىيمۇ قۇرۇلتايغا قاتناشقان. قۇرۇلتاينىڭ ئاخىرقى بىر كۈنىدىكى يىغىنى 31-ئىيۇل جېجىياڭ ئۆلكىسىنىڭ جىياشېڭ ناھىيەسىدىكى نەنخۇ كۆلى (جەنۇبىي كۆل) دە بىر كېمە ئۈستىدە ئېچىلغان، ئەينى چاغدا شاڭخەيدىكى يىغىن مەيدانى جاسۇسلار ۋە چەت ئەل كونسېسسىيە ساقچىلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتقاچقا، ئەڭ ئاخىرقى بىر كۈن يىغىن نەنخۇ كۆلىدە بىر كېمە ئۈستىدە ئېچىلغان.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تۇنجى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى: چېن دۇشىيۇ. ئۇ 1921-يىلى 7-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە ئېچىلغان پارتىيەنىڭ 1-قۇرۇلتىيىدا پارتىيە مەركىزىي بيۇروسىنىڭ شۇجىسى بولغان. 1922-يىلى 7-ئايدا ئېچىلغان پارتىيە 2-قۇرۇلتىيىدىن 1927-يىلى 4-ئايدا ئېچىلغان پارتىيە 5-قۇرۇلتىيىغىچە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش شۇجىسى بولغان.
جۇڭگو ئىشچىلار ھەركىتىنىڭ تۇنجى يۇقىرى دولقۇنىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسى 1922-يىلى 1-ئاينىڭ 12-كۈنى باشلانغان شىياڭگاڭ ماتروسلىرىنىڭ چوڭ ئىش تاشلىشى بولۇپ، 3-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە داۋاملىشىپ غەلىبىلىك ئاخىرلاشقان.
تۇنجى قېتىم جاھانگىرلىككە، فېئودالىزمغا قارشى تۇرۇش دېموكراتىك ئىنقىلاب پىروگراممىسىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويغان قۇرۇلتاي 1922-يىلى 7-ئايدا ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى2-قۇرۇلتىيى بولۇپ ، قۇرۇلتايدا ئېلان قىلغان خىتابنامىدا: ئىچكى ئۇرۇشنى توختىتىش، مىللىتارىستلارنى يوقىتىش، دۆلەت ئىچىدە تىنچلىقنى بەرپا قىلىش، خەلقئارا جاھانگىرلىكنىڭ ئېزىشىنى تۈگىتىش، جاھانگىرلىكنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، جۇڭخۇا مىللەتلىرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى ھەقىقىي ئەمەلگە ئاشۇرۇش، بىرلىككە كەلگەن جۇڭگودىن ئىبارەت ھەقىقىي دېموكراتىك جۇمھۇرىيەت قۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلغان.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ تۇنجى پارتىيە نىزامنامىسى 1922-يىلى 7-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 2-قۇرۇلتىيىدا ماقۇللانغان، بۇ «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ پارتىيە نىزامنامىسى»دا: پارتىيە ئەزالىرىنىڭ شەرتى، پارتىيەنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيە ئىنتىزامى توغرىسىدا كونكرېت بەلگىلىمە چىقىرىلغان.