جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخىدىكى ئەڭ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2011-12-30 00:10
 
* ماركىسىزىمنى ئەڭ بۇرۇن تارقاتقان كىشى — لى داجاۋ
* تۇنجى پارتىيەگۇرۇپپىسى 1920-يىلى 8-ئايدا شاڭخەيدە قۇرۇلغان، ئۇ چېن دۇشيۇ، لى دا، چېن ۋاڭداۋ قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان.
* ئەڭ بۇرۇن نەشر قىلىنغان پارتىيە ئىچىدىكى ژۇرنال 1920-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى لى دانىڭ مەسئۇل مۇھەررىرلىكىدە نەشر قىلىنغان «كوممۇنىستىك پارتىيە خىتاپنامىسى» ئايلىق ژۇرنىلىدۇر.
* جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 1-قۇرۇلتىيى 1921-يىلى 7-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 31-كۈنىگىچە ئالدى بىلەن شاڭخەيدە، ئاخىرقى بىر كۈنى جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ جياشىڭ دېگەن يېرىدىكى نەنخۇ كۆلىدە ئۆتكۈزۈلگەن.
* جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ دەسلەپكى ئورگان گېزىتى – سەي خېسىن مەسئۇل مۇھەررىرلىكىدىكى «يول باشلىغۇچى» گېزىتى 1922-يىلى 9-ئاينىڭ 13- كۈنى شاڭخەيدە نەشر قىلىنغان.
* «ئىنتېرناتسىيونال» شېئىرىنىڭ تېكىستىنى دەسلەپ تەرجىمە قىلغان پارتىيە ئەزاسى— چۈ چيۇبەي
* پارتىيەنىڭ ئىشچىلار ھەركىتىگە رەھبەرلىك قىلىدىغان تۇنجى باش ئورگىنى — 1921-يىلى 8-ئايدا شاڭخەيدە قۇرۇلغان جۇڭگو ئەمگەكچىلەر بىرلەشمىسى سېكرېتارىياتى.
* پارتىيە رەھبەرلىگىدە قۇرۇلغان تۇنجى دېھقانلار كۇرسى— 1924-يىل 7-ئايدا پىڭ بەي قۇرغان گۇاڭجۇ دېھقانلار ھەركىتى كۇرسى.
* پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى تۇنجى يېزا ئىنقىلابىي تايانچ بازىسى- 1927-يىلى 10-ئايدا ماۋ زېدۇڭ قاتارلىقلار قۇرغان جىڭگاڭشەن تايانچ بازىسى.