جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۈچ چوڭ ئەڭگۈشتەرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2011-12-30 00:14

 

پارتىيە قۇرۇلۇشى، قوراللىق كۆرەش، بىرلىكسەپ پارتىيەمىزنىڭ ئۈچ چوڭ ئەڭگۈشتەرىدۇر (1939-يىلى 10-ئايدا، ماۋزېدۇڭ «كوممۇنىستلار» ژۇرنىلىغا يازغان ماقالىسىدا، ئىككى قېتىملىق ئىچكى ئىنقىلابىي ئۇرۇشنىڭ تەجرىبە ساۋاقلىرىنى يەكۈنلەپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ ئوبيېكتىپ قانۇنىيىتىنى كۆرسىتىپ بەرگەن. ئۇ: 18 يىللىق تەجرىبىلەردىن بىزگە شۇ ئايان بولدىكى: بىرلىكسەپ، قوراللىق كۆرەش، پارتىيە قۇرۇلۇشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو ئىنقىلابىدا دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىدىكى ئۈچ چوڭ ئەڭگۈشتەرى، دېگەن مەشھۇر نۇتقىدا ئېنىق ئىزاھلاپ بەرگەن).