جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۈچ چوڭ ئىستىلى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2011-12-30 00:15
 
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۈچ چوڭ ئىستىلى نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەتنى بىرلەشتۈرۈش ئىستىلى، خەلق ئاممىسى بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاش ئىستىلى ۋە تەنقىد قىلىش ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد قىلىش ئىستىلىدىن ئىبارەت. بۇنى ماۋزېدۇڭ پارتىيەنىڭ 7-قۇرۇلتىيىدا «بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش توغرىسىدا» دېگەن سىياسىي دوكلاتىدا يەكۈنلەپ چىققان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ئىنقىلابىي كۈرەش ئەمەلىيىتى جەريانىدا، بولۇپمۇ يەنئەندىكى ئىستىل تۈزىتىش ھەركىتى جەريانىدا شەكىللەنگەن پۈتۈن پارتىيە بويىچە بىرلىككە كەلگەن ئېسىل ئىستىل، پارتىيەمىزنىڭ باشقا پارتىيەلەر بىلەن پەرقلىنىپ تۇرىدىغان روشەن بەلگىسى.