جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش سېكرېتارلىرى ۋە رەئىسلىرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2011-12-30 08:50

 

چېن دۇشيۇ: 1-قۇرۇلتايدىن 5-قۇرۇلتايغىچە ۋاقىتلىق مەركىزىي كومىتېت بيۇروسىنىڭ سېكرېتارى، كومىتېت باشلىقى ۋە باش سېكرېتارى بولۇپ سايلانغان. 1921-يىلى 7-ئايدىن 1927- يىلى 8-ئايغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن. «7-ئاۋغۇست» يىغىنىدا ۋەزىپىسى ئېلىپ تاشلانغان.

چۇي چيۇبەي: «7-ئاۋغۇست» يىغىنىدا باش سېكرېتار بولۇپ سايلانغان. 1927-يىلى 8-ئايدىن 1928-يىلى 7-ئايغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 6-قۇرۇلتايدا ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلغان.

شياڭ جۇڭفا: 6-قۇرۇلتايدا باش سېكرېتارلىقىغا سايلانغان. 1928-يىلى 7-ئايدىن 1931-يىلى 6-ئايغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 1931-يىلى 6-ئايدا گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ قۇربان بولغان.

چىن باڭشەن: 1931-يىلى 6-ئايدا ۋاڭ مىڭ پارتىيەنىڭ مۇۋەققەت سېكرېتارى بولغان. 9-ئايدا ۋاڭ مىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونالدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى سۈپىتىدە موسكۋاغا كەتكەن. ۋاڭ مىڭ ۋە كوممۇنىستىك ئىنتېرناتسىئونال شەرق بۆلۈمىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە چىن باڭشەن ۋاقىتلىق مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش سېكرېتارى بولغان.

جياڭ ۋىنتيەن: زۇنيى يىغىنىدا باش سېكرېتار بولۇپ سايلانغان، بىر نەچچە يولداشتىن تەركىپ تاپقان سېكرېتارىيات پۈتۈن پارتىيەنىڭ خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلغاندىمۇ، جياڭ ۋىنتيەن قوشۇمچە سېكرېتارىياتنىڭ سېكرېتارى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن.

ماۋ زېدۇڭ: 1943-يىلى 3-ئايدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتىتىنىڭ سىياسى بيۇروسى يىغىنىدا مەركىزىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 1943-يىلى 3- ئايدىن 1976-يىلى 9-ئايغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن. 7-قۇرۇلتايدىن 10-قۇرۇلتايغىچە مەركىزىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن.

خۇا گوفېڭ: 1976-يىلى 10-ئايدا مەركىزىي كومىتېت سىياسى بيۇروسى خۇا گوفىڭنى ج ك پ مەركىزىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەشنى قارار قىلغان. 11- قۇرۇلتايدا ئۇ مەركىزىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 1976-يىلى 10-ئايدىن 1981-يىلى 6-ئايغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن.

خۇ ياۋباڭ: 1981-يىلى 6-ئايدا پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىدا مەركىزىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان. 12- قۇرۇلتايدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش سېكرېتارلىقىغا سايلانغان. 1981-يىلى 6-ئايدىن 1987- يىلى 1-ئايغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن.

جاۋ زىياڭ: 1987-يىلى 1-ئايدىن 11-ئايغىچە مۇۋەققەت باش سېكرېتارلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن. 1987- يىلى 11-ئاينىڭ 2-كۈنى پارتىيە 13- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 1-ئومۇمى يىغىنىدا باش سېكرېتارلىققا سايلانغان. 1987-يىلى 1-ئايدىن 1989- يىلى 5-ئايغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن.

جياڭ زېمىن: 1989- يىلى 6- ئاينىڭ 23- كۈنىدىن 24- كۈنىگىچە ئېچىلغان پارتىيە 13-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىدا باش سېكرېتارلىققا سايلانغان. 1989-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 2002- يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە چاقىرىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 16- قۇرۇلتىيىغىچە ۋەزىپە ئۆتىگەن.

خۇ جىنتاۋ: 2002-يىلى 11-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 15- كۈنىگىچە ئېچىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 16-قۇرۇلتىيىدا مەركىزىي كومىتېتنىڭ باش سېكرېتارلىقىغا سايلانغان.