«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى» دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئەسقەر تۇرسۇن|     يوللانغان ۋاقىت: 2011-12-30 08:56
 
«جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى» دېگەن بۇ ئاتالغۇ ئەڭ دەسلەپ 1920-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى فرانسىيەدە تۇرۇۋاتقان سەي خېسېن بىلەن دۆلەت ئىچىدىكى يولداش ماۋزېدۇڭنىڭ خەت-ئالاقىسىدا مەيدانغا كەلگەن. يولداش سەي خېسېن خېتىدە «جوڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنى رەسمىي قۇرۇش» لازىملىقىنى تەشەببۇس قىلغان ھەمدە بۇ پارتىيەنى «ئىنقىلابىي ھەرىكەتنىڭ قوغدىغۇچىسى، تەشۋىقاتچىسى، ئاۋانگارتى، جەڭ قىلىش قىسمى» دەپ ئاتىغان. ماۋزېدۇڭ قايتارما خېتىدە: «سىزنىڭ بۇ خېتىڭىزدە ناھايىتى مۇۋاپىق قاراپسىز، مەن تامامەن قوشۇلىمەن» دېگەن.
1920-يىلى 11-ئاينىڭ 7-كۈنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شاڭخەي قۇرغۇچىلار گۇرۇپپىسىدىكى چېن دۇشيۇ، لى داجاۋ قاتارلىق كىشىلەر يېرىم مەخپى خاراكتېردىكى ئورگان مەتبۇئاتى «كوممۇنىستىك پارتىيە» ئايلىق ژۇرنىلىنى دۇنياغا كەلتۈردى. ئۇلار ئۇچۇق- ئاشكارا ھالدا «كوممۇنىستىك پارتىيە» چوڭ بايرىغىنى كۆتەردى. 1921-يىلى 7-ئايدا شاڭخەيدە پارتىيە 1-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيى ئېچىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەسمىي قۇرۇلدى ھەمدە پارتىيەنىڭ رەسمىي نامى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى» دەپ ئېنىق بەلگىلەندى.