6-باب. پارتىيە كادىرلىرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-11-04 16:22

33-ماددا. پارتىيە كادىرلىرى پارتىيە ئىشلىرىنىڭ تايانچ كۈچى، خەلقنىڭ خىزمەتكارى. پارتىيە كادىرلارنى ھەم ئەخلاقلىق، ھەم قابىلىيەتلىك بولۇش پرىنسپى بويىچە تاللاپ ئۆستۈرىدۇ، ياخشىلارنىلا ئىشقا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆز يېقىنلىرىنىلا ئىشقا قويۇشقا قارشى تۇرىدۇ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ ئىنقىلابىيلىشىشى، ياشلاشتۇرۇلۇشى، زىيالىيلىشىشى ۋە ئىختىساسلىشىشىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ.پارتىيە كادىرلارنى تەربىيىلەشكە، يېتىشتۈرۈشكە، تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ۋە سىناشقا، بولۇپمۇ مۇنەۋۋەر ياش كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ. كادىرلار تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى پائال ئىلگىرى سۈرىدۇ.پارتىيە ئايال كادىرلارنى ۋە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە ۋە تاللاپ ئۆستۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىدۇ.

34-ماددا. پارتىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرى پارتىيە ئەزالىرىنىڭ مۇشۇ نىزامنامىنىڭ 3-ماددىسىدا بەلگىلەنگەن مەجبۇرىيەتلىرىنى نەمۇنىلىك بىلەن ئادا قىلىشى ھەمدە تۆۋەندىكى ئاساسىي شەرتلەرنى ھازىرلىشى كېرەك: (1ئۆز بۇرچىنى ئادا قىلىشتا زۆرۈر بولغان ماركسىزم-لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيىسى ۋە دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيىسى سەۋىيىسىگە ئىگە بولۇش، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيىسىنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى باشلامچىلىق بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇل بىلەن تەھلىل قىلىش ۋە ھەل قىلىشقا تىرىشىش، ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بېرىش، سىياسىغا ئەھمىيەت بېرىش، توغرا كەيپىياتقا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇش، ھەر خىل بوران-چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىش. (2كوممۇنىستىك ئۇلۇغۋار غايىگە ۋە جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك چىڭ ئېتىقادقا ئىگە بولۇش، پارتىيىنىڭ ئاساسىي لۇشيەنى ۋە تۈرلۈك فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى قەتئىي ئىجرا قىلىش، ئىسلاھات-ئېچىۋېتىشكە ئىرادە باغلاش، ئۆزىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلىرىغا بېغىشلاش، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇشتا جاپاغا چىداپ ئىگىلىك تىكلەش، توغرا نەتىجە قارىشى تۇرغۇزۇپ، ئەمەلىيەت، خەلق، تارىخنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان ئەمەلىي نەتىجە يارىتىش.

3) قەتئىي ئېغىشماي ئىدىيىدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىش، ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، پارتىيىنىڭ فاڭجېن-سىياسەتلىرىنى ئۆز رايونىنىڭ، ئۆز تارمىقىنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش، خىزمەتنى تازا ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش، راست گەپ قىلىش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، ھەقىقىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تىرىشىش، شەكىلۋازلىققا قارشى تۇرۇش. 4) كۈچلۈك ئىنقىلابىي ئىشچانلىققا ۋە سىياسىي مەسئۇلىيەتچانلىققا، ئەمەلىي تەجرىبىگە ئىگە بولۇش، رەھبەرلىك خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىغان تەشكىلاتچىلىق قابىلىيىتىگە، مەدەنىيەت سەۋىيىسىگە ۋە كەسپىي بىلىمگە ئىگە بولۇش.(5 خەلق بەرگەن ھوقۇقنى توغرا ئىشلىتىش، قانۇن بويىچە ئىش قىلىش، پاك-دىيانەتلىك بولۇش، خەلق ئۈچۈن تىرىشىپ ئىشلەش، ئۆز ئەمەلىيىتىدە ئۈلگە كۆرسىتىش، جاپاغا چىداپ ئىشلەش، ئاددىي-ساددا ياشاش، ئامما بىلەن زىچ مۇناسىۋەت باغلاش، پارتىيىنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە بىلەن ئاممىنىڭ تەنقىد ۋە نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىش، ئەخلاقىي تەربىيىلىنىشنى كۈچەيتىش، ئۆزىنى قەدىرلەش، ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش، ئۆزىنى ئاگاھلاندۇرۇش، ئۆزىنى رىغبەتلەندۈرۈش تەلىپىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، بيۇروكراتلىققا قارشى تۇرۇش، خىزمەت ھوقۇقىنى كەلسە-كەلمەس ئىشلىتىدىغان، ئۆز نەپسىگە چوغ تارتىدىغان ناتوغرا ئىستىللارنىڭ ھەرقاندىقىغا قارشى تۇرۇش. (6 پارتىيىنىڭ دېموكراتىيە-مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش ۋە قوغداش، دېموكراتىيە ئىستىلى ۋە ئومۇمىيەت كۆز قارىشىغا ئىگە بولۇش، يولداشلار بىلەن، جۈملىدىن ئ−ۆزى بىلەن بىر پىكىردە بولمىغان يولداشلار بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، بىللە ئىشلەشكە ماھىر بولۇش.

35-ماددا. پارتىيىلىك كادىرلار پارتىيىسىز كادىرلار بىلەن ھەمكارلىشىپ بىللە ئىشلەشكە ماھىر بولۇشى، ئۇلارغا ھۆرمەت قىلىشى، ئۇلارنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى كەمتەرلىك بىلەن ئۆگىنىشى لازىم.پارتىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ھەقىقىي قابىلىيەتلىك ۋە بىلىملىك پارتىيىسىز كادىرلارنى بايقاشقا ۋە رەھبەرلىك خىزمىتىنى ئۆتەشكە كۆرسىتىشكە ماھىر بولۇشى، ئۇلارنىڭ خىزمىتىمۇ، ھوقۇقىمۇ بولۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىپ، رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

36-ماددا پارتىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلىرىدىن دېموكراتىك يول بىلەن سايلانغانلارنىڭ ۋەزىپىسىمۇ، رەھبىرىي ئورگانلار تەيىنلىگەنلەرنىڭ ۋەزىپىسىمۇ باقىمەندە ئەمەس، ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۆزگەرتىشكە ياكى ئۇلارنى ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇشقا بولىدۇ. يېشى ۋە سالامەتلىكى داۋاملىق ئىشلەشكە يار بەرمەيدىغان كادىرلار دۆلەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە دەم ئېلىشىقا چىقىشى لازىم.