7-باب. پارتىيە ئىنتىزامى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-11-04 16:28

37-ماددا. پارتىيە ئىنتىزامى پارتىيىنىڭ ھەر دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرى ۋە بارلىق ئەزالىرى رىئايە قىلىش شەرت بولغان ھەرىكەت قائىدىسى، پارتىيىنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە بىرلىكىنى قوغداش، پارتىيىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنداشنىڭ كاپالىتى. پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىنتىزامىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشى ۋە قوغدىشى، كومپارتىيە ئەزالىرى ئۆزىنى پارتىيە ئىنتىزامى بىلەن ئاڭلىق تىزگىنلەپ تۇرۇشى شەرت.

38-ماددا. پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلغان پارتىيە ئەزالىرىغا ئۆتمۈشتىكىدىن ساۋاق ئېلىپ، كېيىنكىگە ئىبرەت قىلىش، كېسەلنى داۋالاپ، ئادەمنى قۇتقۇزۇش روھى بويىچە، خاتالىقىنىڭ خاراكتېرىگە ۋە قىلمىشىنىڭ ئېغىر-يېنىكلىكىگە قاراپ، تەنقىد-تەربىيە بېرىشى، ھەتتا ئىنتىزام جازاسى بېرىشى كېرەك.جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان پارتىيە ئەزالىرىنى پارتىيىدىن چىقىرىۋېتىش شەرت.پارتىيە ئىچىدە پارتىيە ئەزالىرىغا پارتىيە نىزامنامىسىگە ۋە دۆلەت قانۇنىغا خىلاپ ۋاسىتىلەر بىلەن مۇئامىلە قىلىش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ، زەربە بېرىپ ئۆچ ئېلىش ۋە قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىش قاتتىق مەنئىي قىلىنىدۇ. مۇشۇ بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغان تەشكىلاتلار ياكى شەخسلەرنى پارتىيە ئىنتىزامى ۋە دۆلەت قانۇنى بويىچە سۈرۈشتۈرۈش شەرت.

39-ماددا. پارتىيىنىڭ ئىنتىزام جازاسى بەش خىل بولىدۇ: ئاگاھلاندۇرۇش، قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش، پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، پارتىيىدە قالدۇرۇپ سىناش ۋە پارتىيىدىن چىقىرىۋېتىش.پارتىيىدە قالدۇرۇپ سىناش ۋاقتى ئەڭ ئۇزۇن بولغاندا ئىككى يىلدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. پارتىيە ئەزاسىنىڭ پارتىيىدە قالدۇرۇپ سىناش مەزگىلىدە ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى، سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقى بولمايدۇ. پارتىيە ئەزاسى پارتىيىدە قالدۇرۇپ سىناش داۋامىدا خاتالىقىنى ھەقىقەتەن تۈزەتكەن بولسا، ئۇنىڭ پارتىيە ئەزاسىغا خاس ھوقۇقى ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشى كېرەك؛ تۈزەتمەي خاتالىقىدا چىڭ تۇرۇۋالسا، پارتىيىدىن چىقىرىۋېتىلىشى لازىم.پارتىيىدىن چىقىرىۋېتىش پارتىيە ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى جازا. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئەزاسىنى پارتىيىدىن چىقىرىۋېتىشنى قارار قىلىش ياكى تەستىقلاش ۋاقتىدا، ئالاقىدار ماتېرىيال ۋە پىكىرلەر ئۈستىدە ئەتراپلىق مۇھاكىمە يۈرگۈزۈشى، ئىنتايىن ئېھتىياتچان پوزىتسىيىدە بولۇشى كېرەك.

40-ماددا. پارتىيە ئەزاسىغا بېرىلىدىغان ئىنتىزام جازاسى ياچېيكا يىغىنىنىڭ مۇزاكىرىسى ئارقىلىق قارار قىلىنىشى ۋە پارتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى شەرت؛ ئەگەر چېتىلىدىغان مەسىلىلەر بىرقەدەر مۇھىم ياكى مۇرەككەپ بولسا ۋە ياكى پارتىيە ئەزاسىغا پارتىيىدىن چىقىرىۋېتىش جازاسى بېرىشكە توغرا كەلسە، ئوخشاش بولمىغان ئەھۋالغا قاراپ، پارتىيىنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك ياكى ناھىيىدىن يۇقىرى دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىغا تەستىقلىتىش لازىم. ئالاھىدە ئەھۋالدا، پارتىيىنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك ۋە ناھىيىدىن يۇقىرى ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرى ھەم ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرى پارتىيە ئەزاسىغا ئىنتىزام جازاسى بېرىشنى بىۋاسىتە قارار قىلىشقا ھوقۇقلۇق.پارتىيىنىڭ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلىرىنىڭ ئەزالىرىغا، كاندىدات ئەزالىرىغا پارتىيە ئىچىدىكى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش، پارتىيىدە قالدۇرۇپ سىناش ياكى پارتىيىدىن چىقىرىش جازاسى بېرىشنى شۇ كىشى ئەزا بولغان كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن ئارتۇق ئاۋاز بىلەن قارار قىلىشى شەرت. ئالاھىدە ئەھۋالدا، ئاۋۋال مەركىزىي كومىتېتنىڭ سىياسىي بيۇروسى ۋە يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلارنىڭ دائىمىي كومىتېتلىرى بىر تەرەپ قىلىش قارارىنى چىقارسا، ئۇنى كومىتېتنىڭ ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلغاندا ئېتىراپ قىلسا بولىدۇ. يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلارنىڭ ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىغا بېرىلىدىغان يۇقىرىدىكى جازا ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى شەرت.مەركىزىي كومىتېتنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىنى پارتىيىدىن چىقىرىشنى مەركىزىي كومىتېتنىڭ سىياسىي بيۇروسى قارار قىلىدۇ؛ يەرلىك ھەر دەرىجىلىك كومىتېتلارنىڭ جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىنى پارتىيىدىن چىقىرىۋېتىشنى شۇ دەرىجىلىك كومىتېتلارنىڭ دائىمىي كومىتېتى قارار قىلىدۇ.

41-ماددا. پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئەزاسىغا جازا بېرىشنى قارار قىلىشتا، پاكىتلارنى ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئاساسىدا تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى لازىم. جازا قارارىدا ئاساس قىلىنغان پاكىت ماتېرىياللىرىنى ۋە جازا قارارىنى جازالانغۇچىغا كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئەھۋال توغرىسىدىكى ئىزاھلىرىنى ۋە ئۆزىنى ئاقلاش پىكرىنى ئاڭلىشى كېرەك. جازالانغۇچى جازا قارارىغا قايىل بولمىسا، ئىلتىماسەن ئەرز قىلسا بولىدۇ، مۇناسىۋەتلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ئەرزنى مەسئۇللۇق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى ياكى باستۇرۇپ قويماي يۇقىرىغا تېز يەتكۈزۈپ بېرىشى شەرت. خاتا پىكىردە ۋە يولسىز تەلەپتە چىڭ تۇرۇۋالغانلىقى ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرغان كىشىلەرگە تەنقىد-تەربىيە بېرىش لازىم.

42-ماددا. پارتىيە تەشكىلاتى پارتىيە ئىنتىزامىنى قوغداش جەھەتتە مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلسا، سۈرۈشتە قىلىنىشى شەرت.پارتىيە ئىنتىزامىغا ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلغان ھەم ئۆزى تۈزىتەلمەيدىغان پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى ئۆزىدىن بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغاندىن كېيىن، ئەھۋالنىڭ ئېغىرلىق دەرىجىسىگە قاراپ، شۇ تەشكىلاتنى ئۆزگەرتىپ تەشكىللەش ياكى تارقىتىۋېتىش توغرىسىدا قارار چىقىرىشى ھەمدە ئۆزىدىن يەنە بىر دەرىجە يۇقىرى پارتىيە كومىتېتىنىڭ تەكشۈرۈپ تەستىقلىشىدىن ئۆتكۈزگەندىن كېيىن، رەسمىي ئېلان قىلىپ ئىجرا قىلىشى كېرەك.