ئامېرىكىنىڭ ئاپتونوم جايلىرى 1
مەنبەسى:جېك تور خاتىرىسى     |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2010-10-03 09:42
 

 
ئامېرىكىدا دۇنيانىڭ باشقا يېرىدە، بولۇپمۇ ياۋروپادا يوق بىر بايرام كۈنى بار. بۇ كۈن مىننەتدارلىق بايرىمى (Thanks giving day)كۈنىدۇر. 1620-يىلى 100 دىن ئارتۇق ئادەمنى باسقان بىر كېمە ئاتلانتىك ئوكياندىن ئۆتۈپ يېڭى دۇنياغا كەلگەن. بۇ بىر گۇرۇپپا دىنى ئادەملەر ئەنگلىيە باش چېركاۋىنىڭ دىننى يولغا قويۇش ۋە چەكلىمىسىگە چىدىماي قېچىپ يېڭى چىقىش يولى ئىزدەپ كەلگەنلەر بولۇپ، بۇلار ماسساچۇسېتس شتاتىدا قىرغاققا چىقىپ شۇ يەرلەردە ئولتۇراقلاشقان. بۇلار كەلگەن ۋاقىت كۈز ئۆتۈپ كېتىپ قىش كەلگەن ۋاقىت بولۇپ، بۇلار ئېلىپ كەلگەن يېمەكلىك تېزلا تۈگەپ قالغان. بىر نەرسە تېرىپ يەي دېسە قىش كىرىپ بولغان بولۇپ، بۇ ئۇزاق قىشنى ئۆتكۈزۈش ئۇلارغا بەكمۇ تەس كەلگەن. ئاچلىق، سوغۇق ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ھەر خىل كېسەللىك تۈپەيلىدىن بۇ قىشنى ئۆتكۈزۈپ بولالماي كەلگەنلەرنىڭ يېرىمى ئۆلۈپ كەتكەن. باھار كەلگەندە شۇ يەردىكى يەرلىك ھىندىئانلار بۇلارغا يېڭى بىر خىل زىرائەت قوناق تېرىشنى ئۆگەتكەن. ھىندىئانلار بۇلارغا يەنە شۇ يەردىكى تۇپراقتا ئۆسىدىغان باشقا زىرائەتلەرنىمۇ تېرىشنى ھەم قانداق بېلىق تۇتۇشنى ئۆگەتكەن. 1621-يىلى كۈزدە بۇ يېڭىدىن كەلگەنلەر قوناق، ئارپا، كاۋا، پۇرچاقتىن چوڭ مول ھوسۇل ئېلىپ بىر يىللىق ئاچ قورساق ئۆتكەن ھاياتى ئاخىرلاشقان ھەم بۇ مول ھوسۇلنى تەبرىكلەشنى پىلانلاپ يەرلىك ھىندىئانلارنىڭ ئاقساقىلى ۋە ئاھالىلىرى بولۇپ 90 دەك ئادەمنى چاقىرىپ يىغىلىش قىلىپ تەبرىكلىگەن. يەرلىك ھىندىئانلار ئوۋلىغان بۇغا ۋە كاۋاپ قىلىنغان گۆش توخۇسىنى (Tuekey) ئېلىپ كېلىپ، ئۇسسۇل ئويناپ ناخشا ئېيتىپ كۆڭۈل ئاچقان. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ مول-ھوسۇل بايرىمى بارا-بارا ئومۇملىشىپ لىنكولىن زۇڭتۇڭ دەۋرىگە كەلگەندە پارلامىنت قارار چىقىرىپ، بۇ كۈننى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بېكىتكەن بايرام كۈنى قىلىپ بېكىتكەن. بۇ ھازىرمۇ داۋاملىشىدۇ. ھەر يىلى 11-ئاينىڭ ئاخىرقى پەيشەنبىسى پۈتۈن ئامېرىكىدا ئىككى كۈن بايرام بولۇپ قويۇپ بېرىلىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ تارىخىغا ئەمدى تېخى 300 يىلدىن ئارتۇقراق بولدى. لېكىن بۇ زېمىندا ئادەم ياشاۋاتقىلى ئۇزۇن زامانلار بولدى. 1492-يىلى ھىندىستانغا بېرىپ ئالتۇن ئىزدىمەكچى بولغان كولۇمبۇ ئامېرىكا قۇرۇقلىقىغا كېلىپ قېلىپ بۇ قۇرۇقلۇقنى خاتا ھالدا ھىندىستان دەپ ئىشىنىپ قالغان ۋە بۇ زىمىندىكى ئادەملەرنىمۇ ھىندىستانلىق (Indian) دەپ ئاتىغان. شۇنىڭدىن كىيىن بۇ ئادەملەر خاتا ھالدا ھىندىئان ( ھىندىئان دىگەن گەپ بىزنىڭ تىلىمىزدا ھىندىستانلىق دېگەن بولىدۇ). ھىندىستانلىق دىگەن گەپ بىلەن ئارلاشتۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن ھازىر بۇلارنى يەرلىك ئامېرىكىلىق (Native American) ياكى يەرلىق ھىندىئان(Native Indian) دەپ ئاتايدۇ.
ئامېرىكىدا Coeur D'Alene دېگەن بىر كۆل بار ئىكەن. بۇ نام ياشاۋاتقان ھىندىئانلار قەبىلىسىنىڭ نامىكەن. بۇ رايونغا كىرگەندىن كېيىن شۇ يەرنىڭ قانۇنى ۋە بەلگىلىمىسگە بويسۇنۇش لازىمكەن. ئامېرىكىدا شتاتلارنىڭ ئايرىم بەلگىلىمىسى ۋە قانۇنى بارلىقىنى بىلىمەن لېكىن ھىندىئانلار تۇرىدىغان جايلارنىڭ ئۇنداق ئىكەنلىگىنى ئاڭلىمىغانىدىم. ئەسلى ئامېرىكىدىمۇ ئاپتونۇم رايونلار بارئىكەن. لېكىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئۇ يەرلەرنى ئاپتونوم رايون دېمەي reservation يەنى قوغداش رايۇنى(ياكى ساقلاپ قېلىش رايونى) دەپ ئاتايدىكەن.
ئامېرىكا چوڭ قۇرۇقلىقىدىكى ھىندىئانلارنىڭ يېقىنقى زامان تارىخى ئىنتايىن قانلىق بولغان ئېچىنىشلىق تارىخ. ياۋروپا مۇستەملىكىچىلىرى بۇ يەرگە كېلىشتىن بۇرۇن يەرلىك خەلق بۇ زېمىندا ياشاپ، گۈللىنىپ ئۆز مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى ياراتقان. ھازىرمۇ ئامېرىكىنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ھىندىئانلارنىڭ بەلگىسىنى ئۇچراتقىلى بولىدۇ. ئامېرىكىدىكى نۇرغۇنلىغان جايلارنىڭ ئىسىملىرىنىڭ نامى-چوڭلىرى شتات ناملىرىدىن تارتىپ كىچىكلىرى كوچا ناملىرىغىچە يەرلىك ھىندىئانلارنىڭ تىلىدا ئاتالغان. لېكىن جېنىدىن تويغان بىرىنچى تۈركۈم ياۋروپالىقلار بۇ زېمىنغا قەدەم باسقاندىن كېيىن يەرلىك خەلقلەرنىڭ تىنچ، خاتىرجەم تۇرمۇشى بۇزۇلغان. ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشى داۋامىدا ھىندىئانلار ئەنگىلىيە تەرەپتە تۇرۇپ مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىغا قارشى ئۇرۇشقان ياكى قارشى تەرەپكە ياردەم بەرگەن. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتىمۇ ئۆز زېمىنىنى ۋە مەنپەئەتىنى، ياشاش تېررىتورىيسىنى قوغداپ قېلىش بولغان. لېكىن ئۇلارنىڭ تەلىيىگە قارشى مۇستەقىلچى تەرەپلەر ئۇرۇشتا غەلبە قىلىپ ئامېرىكا دۆلىتىنى قۇرغان. كۆپ قىسىم ھىندىئانلارنىڭ ئۇرۇش جەريانىدا ئۆزىگە قارشى تەرەپتە تۇرغانلىقى-يېڭى دۆلەت باشلىقلىرى ۋە بولۇپمۇ ئارمىيىنىڭ كاللىسىدا بىر داغ قالدۇرۇپ قويغان. تۈزۈلگەن ئاساسى قانۇندىمۇ ئامېرىكىقلار يەرلىك ھىندىئانلارنى ئۆزىنىڭ بىر تەركىبى قىسمى دەپ قارىمىغان. توختىماي كېلىپ چىقىۋاتقان زېمىن، سۇ، ۋە باشقا تالاش تارتىشلار نەتىجىسىدە ئامېرىكىلىقلار بىلەن ھىندىئانلار ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش ۋە ئۇرۇشلار بېسىقمىغان، نۇرغۇن قېتىملىق قىرغىن قىلىنىش، قورشاپ يوقىتىش، قوغلاپ چىقىرىلىش نەتىجىسىدە ھىندىئانلار جىق نوپۇسىنى يوقاتقان. ئامېرىكىقلارمۇ كېلىشىم ھاسىل قىلالىسا كېلىشىم ھاسىل قىلىپ، قىلالمىسا ئۆلتۈرۈپ يوقىتىپ ھىندىئانلار ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان. ئوقۇغان ماتېرىياللاردا دېيىلىشىچە گەرچە ئامېرىكا ئارمىيىسى ياكى ھۆكۈمىتىنىڭ پىلان قىلىپ قىرغىن قىلغان ھىندىئانلار كۆپ بولمىسىمۇ يەرلىك خەلقنىڭ بىرلىشىپ ئۆلتۈرگەنلىرى خېلى كۆپ بولغان. بولۇپمۇ دەسلەپكى مەزگىللىك تارىختا ۋاستىلىق ھالدا ئۆلۈپ كەتكەنلەر جەمئىي ئۆلۈپ كەتكەنلەرنىڭ ئىچىدە زور سالماقنى ئىگەللىگەن. سىتاتىستىكىلاردا دېيىلىشىچە يېڭى قۇرۇقلۇققا كەلگەن ياۋروپالىقلار ئۆزى بىلەن بىللە يەنە ئامېرىكىدىن ھەرخىل يۇقۇملۇق كېسەللەرنى بىللە ئېلىپ كەلگەن بولۇپ بۇ يېڭى كېسەللىكلەرگە نىسبەتەن ھىندىئانلارنىڭ بەدىنىدە ھېچقانداق ئىممونىت كۈچى بولمىغاچقا ئەمەلىيەتتە شۇ كېسەللىكلەر ئارقىلىق ئۆلگەنلەرنىڭ سانىمۇ ئۇرۇشتا ئۆلگەنلەرنىڭ سانىدىن خېلى كۆپ بولغان.
يېڭى كۆچمەنلەر ئامېرىكىدا مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇپ بارا-بارا كۈچىيىشىيىگە ئەگىشىپ ئۇلارنىڭ يەرلىك خەلق بىلەن بولغان مەنپەئەت توقۇنۇشىمۇ بارغانسېرى كۈچىيىپ بارغان. 1830-يىلى ئامېرىكا پارلامېنتى قانۇن ماقۇللاپ زۇڭتۇڭغا مىسسىسىپى دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى بارلىق ھىندىئانلارنى دەريانىڭ غەربىي قىرغىقىغا يۆتكەش پىلانىنى يۈرگۈزۈش ھوقۇقى بەرگەن. گەرچە قانۇندا ھىندىئانلار بىلەن كېلىشىم ۋە ئالماشتۇرۇش ئىمزالىنىشى، بۇ كۆچۈش ھىندىئانلارنىڭ ئىختىيارلىقى بىلەن بولۇشى كېرەك دەپ بەلگىلەنگەن بولسىمۇ ئەمىلىىيەتتە ئاساسەن مەجبۇرىي ھالدا كۆچۈرۈلگەن. 1832-يىلى ئالىي سوتى ھىندىئانلار ئۆز تېررىتورىيىسىدە ئامېرىكا قانۇنىنى كۈچكە ئىگە قىلمىسىمۇ بولىدۇ دەپ قارار چىقارغان. كېيىنچە يەنە شەرىقتىكى نوپۇسنىڭ يەنە بارغانسېرى ئېشىپ ئاق تەنلىكلەرنىڭمۇ غەرىبكە كۆچۈشىگە ئەگىشىپ دەريانىڭ غەربىدىكى كەڭرى بىپايان زىمىنلاردىمۇ زىمىن تالاش-تارتىشىشى باشلانغان. 1851-يىلى پارلامېنت Indian Appropriations Act نى ماقۇللاپ ھىندىئانلارنىڭ زېمىنىنى ئايرىپ ئۇلارنىڭ زېمىنى ۋە ھوقۇقىنى ساقلاپ قېلىشنى بەلگىلىگەن. ھەتتا يەنە ئامېرىكىدىكى پۈتۈن ھىندىئانلارنى بىر زېمىنغا يىغىپ، ئۇلارنى بىر شتات قىلىپ قۇرۇپ بېرىپ بۇ جىدەلدىن مەڭگۈلۈك قۇتۇلماقچىمۇ بولغان ۋە ئوكلاخۇمانى شۇنداق قىلىشقا پىلانلىغان ۋە باشتا ئۇ يەردىكى ھىندىئانلار بىلەن زېمىن ئايرىم بەرگەن ۋە بۇنى reservation يەنى قوغداش رايونى دەپ ئاتىغان. بۇ زېمىن ئۇ ۋاقىتلاردا ئىنتايىن چوڭ بولغان. لېكىن كېيىن ئوكلاخۇمادا نېفىت ۋە باشقا كان مەنبەلىرىنىڭ چىقىشىغا ئەگىشىپ شتات قۇرۇش پىلانىنى تاشلىۋەتكەن. ئەمما ھىندىئانلار بار رايوننى قوغداش رايونى دەپ ئاتاپ ياكى ئۇنى كېلىشىم ھاسىل قىلىپ قۇرۇپ ئاقلار بىلەن ھىندىئانلارنىڭ زېمىنىنى ئايرىش داۋاملاشقان. 1887-يىلى پارلامىنىت يەنە داۋىس لاھىيىسىنى ماقۇللىغان. بۇ لاھىيە بويىچە ھىندىئان قەبىلىلىرىگە بۆلەك بويىچە بىراقلا بېرىۋەتمەي قەبىلە ئەزالىرىغا بىر-بىرلەپ ئايرىم ئايرىم يەر بۆلۈپ بېرىشنى بەلگىلىگەن. بۇ بويىچە بەزى يەرلەردە بىر ئادەمگە 150 مودىن، بەزى يەرلەردە 30 مودىن يەر بۆلۈپ بەرگەن. لېكىن بۇ ئارقىلىق ھىندىئان قەبىلىلىرىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى بۇزغان ۋە ئېشىپ قالغان يەرلەرنى ئاق تەنلىكلەر بۆلۈشكەن. بۇ لاھىيە 1934-يىلى ماقۇللانغان ھىندىئانلارنى قايتا تەشكىللەش لاھىيەسى ماقۇللانغان. بۇ يېڭى لاھىيەدە قەبىلە ئەزالىرىغا ئايرىم-ئايرىم يەر بۆلۈپ بېرىش توختىلىپ قەبىلىنى ئاساس قىلىپ يەر تەقسىملەش بەلگىلەنگەن. ئۇندىن باشقا يەنە ھىندىئانلارغا نۇرغۇن ھوقۇقلار بېرىلگەن. يەرلىرى تارتىۋىلىنغان ھىندىئانلارغا تۆلەم بېرىلىدىغان بولغان. 20 مىليون مو يەر يەرلىك قەبىلىلەرگە قايتۇرۇپ بىرىلگەن. ئۇندىن باشقا يەنە ساقلاپ قېلىش رايۇنلىرىدا قەبىلىلەر ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت قۇرۇشى كېرەكلىگى بەلگىلەنگەن. ئامېرىكىنىڭ ھىندىئانلارغا قاراتقان سىياسىتى شۇنىڭدىن كېيىن ئاساسەن مۇشۇ رامكا ئىچىدە تەرەققىي قىلىنىپ كەپتۇ. بۇلار ناھايىتى ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ تارىخ ئىكەن. ھىندىئانلارنىڭ ئامېرىكا پۇقراسى ئىكەنلىگى 1924-يىلى ئاندىن ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بېلەت تاشلاش ۋە سايلاش، سايلىنىش، ئامېرىكا سىياسى ئىشلىرىغا قاتنىشىش ھوقۇقى شۇ ۋاقىتتا ئاندىن بولغان.
ھازىر ئامېرىكىدا 560 تىن ئارتۇق ھۆكۈمەت تىزىملىغان ھىندىئان قەبىلىسى بار بولۇپ، بۇلار 310 ئەتراپىدىكى قوغدىلىش رايونلىرىدا ياشايدۇ. قوغدىلىش رايونلىرى ئامېرىكىنىڭ ئوخشىمىغان شىتاتلىرىغا ناھايىتى تەكشىسىز ھالەتتە جايلاشقان. مۇتلەق كۆپ ساندىكىسى غەربىي قىسىم رايونلاردا. بەزى قەبىلىلەرنىڭ بىردىن ئارتۇق قوغدىلىش رايونلىرى بار. نەچچە يۈز يىلدىن بۇيانقى ئوخشىمىغان سىياسەت تۈپەيلى ئۇندىن باشقا بەزى رايونلاردا يەككە ھىندىئانلار ئىگىدارچىلىقىدىكى نەچچە مىڭ مو كېلىدىغان زېمىنلارمۇ باركەن. ئامېرىكىدىكى ھىندىئانلارغا تەۋە قوغدىلىش رايونلىرىنىڭ ئومۇمىي يەر كۆلىمى 55 مىليون مو، يەنى 225 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، ئامېرىكا يەر مەيدانىنىڭ %2.3 تىنى ئىگەللەيدۇ. توققۇز قوغدىلىش رايونىنىڭ زېمىنى دىلاۋىر شىتاتىدىن چوڭ. ئەسلى بۇ قوغدىلىش رايونلىرى ئۆز ۋاقتىدا ئىنتايىن چوڭ زېمىنلەر بولۇپ، يۈز نەچچە يىللىق تارىخ جەريانىدا كىچىكلەپ ھازىرقىچىلىك قالغان. ئامېرىكىدا ھازىر ئىككى مىليوندىن كۆپراق ھىندىئانلار بار. ئوخشىمىغان شتاتلارغا جايلاشقان ھىندىئانلارنىڭ مىللىتى، تىلى ۋە ئۆرپ ئادىتى ئوخشىماسلىقى تۈپەيلى تۈزۈملىرىمۇ ئوخشىمايدىكەن. ئۇندىن باشقا ئۆز ۋاقتىدا ھۆكۈمەت ياكى ئارمىيە بىلەن كېلىشكەن كېلىشىمنامىسى ئوخشىمىغاچقا، ھۆكۈمەتتىن ئالىدىغان ياردەم پۇللىرى ۋە سوممىسىمۇ ئوخشىمايدىكەن. يەنە بۇ قوغدىلىش رايونلىرى ئىچىدە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن قوغدىلىش رايونلىرىمۇ، شتاتلار ئۆزى بەلگىلىگەن قوغدىلىش رايونلىرىمۇ بار ئىكەن. غەرىبتىكى قوغدىلىش رايونلىرى ئاساسەن فېدىراتسىيە ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن ئىكەن. شەرىقتە شتاتلىق ھۆكۈمەت بەلگىلىگەنلىرى جىقراق ئىكەن.