ئافرىقىدىكى مالىغا سەپەر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-07-26 15:02

 مالى جۇمھۇرىيىتى (The Republic of Mali) قىسقارتىلىپ مالى دېيىلىدۇ، ئۇ ئافرىقىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى، شىمالدا ئالجىرىيە بىلەن، شەرقتە نىگېر بىلەن، جەنۇبتا بۇركىنا فاسو ۋە كوتېدىۋويرې بىلەن، غەربىي جەنۇبتا كېنىيە جۇمھۇرىيىتى بىلەن، غەربتە ماۋرىتانىيە ۋە سېنېگال بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئۇ غەربىي ئافرىقىدىكى كۆلەم چوڭلۇقى 2-ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت. ئۇنىڭ شىمالى چېگرىسى سەھرايى كەبىر چۆلىنىڭ مەركىزىدە بولۇپ، كۆپلىگەن ئاھالىسى جەنۇبقا مەركەزلىشىپ ئولتۇراقلاشقان، چۈنكى نىگېر دەرياسى ۋە سېنېگال دەرياسى مۇشۇ يەردىن باشلىنىدۇ.
  مالى ئۆتمۈشتە فىرانسىيەگە قاراشلىق سۇدان دەپمۇ ئاتالغان، ئۇنىڭ ھازىرقى ئىسمى مالى ئىمپېرىيەسىدىن كەلگەن. ھازىرقى پايتەختى باماكو (Bamako). مالىنىڭ 2012-يىلى ئىستاتىستىكا قىلىنغان نوپۇسى 16 مىليون 300 مىڭ، پۈتۈن مەملىكەتتە 23 مىللەت بار، ئاساسلىقى بامبارالار بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسنىڭ %34 ىنى ئىگىلەيدۇ. يەنە پور، سېنۇفۇ، ساراكوۋلى قاتارلىقلار بار. ھەر مىللەتنىڭ ئۆز تىلى بار. ھۆكۈمەت تىلى فىرانسۇز تىلى، ئورتاق تىل بامبارا تىلى (1972-يىلى يېزىقى شەكىللەنگەن). %80 ئاھالىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ.