پولات-تۆمۈر پادىشاھى-لىيۇكسېمبۇرگ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پەزىلەت ئارسلان|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-08-26 12:56

لىيۇكسېمبۇرگ-ياۋروپا قىتئەسىنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، شەرقتە گېرمانىيە، جەنۇبتا فىرانسىيە بىلەن قوشنا كېلىدۇ، غەربى ۋە شىمالى بېلگىيە بىلەن تۇتىشىدۇ.

يەر مەيدانى 25 مىڭ 863 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، نوپۇسى 441 مىڭ 300 بولۇپ، لىيۇكسېمبۇرگلىقلار %64.4نى، باشقىلار %35.6نى تەشكىل قىلىدۇ. ئۇلار ئاساسلىقى گېرمانىيە، ئامېرىكا، بېلگىيە، فىرانسىيە، ئىتالىيە، سابىق يۇگوسلاۋىيە، گوللاندىيە، پورتۇگالىيەلىك مۇھاجىرلار. ھۆكۈمەت تىلى فىرانسۇز تىلى، نېمىس تىلى، لىيۇكسېمبۇرگ تىلى. فىرانسۇز تىلى مەمۇرىيەت، ئەدلىيە ۋە دىپلوماتىيە ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ. نېمىس تىلى گېزىت–ژۇرنال، نەشرىيات ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدۇ. لىيۇكسېمبۇرگ تىلى ئەل ئىچىدىكى ئېغىز تىلى.%97 ئاھالە كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. پايتەختى-لىيۇكسېمبۇرگ شەھىرى. ھەر يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى دۆلەت بايرىمى. كىنەز ھىنرى 2000-يىلى 10-ئايدا قەسەم بېرىپ، رەسمىي ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان. لىيۇكسېمبۇرگنىڭ لىيۇكسېمبۇرگ، دېكىرش، گرېۋنېماخېردىن ئىبارەت ئۈچ ئۆلكىسى بار، ئۆلكە قارمىقىدا 12 مەخسۇس رايون ۋە 118 شەھەر-بازار بار. ئۆلكە، شەھەر، بازار باشلىقلىرىنى كېنەز تەيىنلەيدۇ.لىيۇكسېمبۇرگنىڭ قىسقىچە تارىخىنى سۆزلىسەك، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 50-يىلى بۇ يەر گېملارنىڭ ئولتۇراق جايى ئىدى. مىلادى 400-يىلىدىن كېيىن، ئىريان قەبىلىسى بۇ يەرگە تاجاۋۇز قىلىپ كىرگەن، بۇ يەر ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ فرانىك پادىشاھلىقى ۋە چارمان ئىمپېرىيەسىنىڭ بىر قىسمى بولغان. مىلادى 963-يىلى ئورتاق گەۋدە بولۇپ شەكىللەنگەن. 15-ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ، ئىسپانىيە، فىرانسىيە، ئاۋسترىيەنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدا بولغان. 1815-يىلى ياۋروپادا ئېچىلغان ۋىنا يىغىنى لىيۇكسېمبۇرگنى «لىيۇكسېمبۇرگ كېنەزلىكى» قىلىپ بېكىتكەن ۋە گوللاندىيە پادىشاھى كېنەزلىك ۋەزىپىسىنى قوشۇمچە ئۆتەيدىغان بولغان. لىيۇكسېمبۇرگ كېنەزلىكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، گېرمانىيە ئىتتىپاقىنىڭ ئەزاسى بولغان. 1839-يىلى لوندون كېلىشىمىدە لىيۇكسېمبۇرگنىڭ مۇستەقىل دۆلەت ئىكەنلىكى ئېتىراپ قىلىنغان. 1866-يىلى گېرمانىيە ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىپ چىققان. 1867-يىلى بىتەرەپ دۆلەت بولغان. 1868-يىلى پادىشاھ قانۇن تۇرغۇزۇش تۈزۈمىنى يولغا قويغان. 1890-يىلى گوللاندىيە پادىشاھلىقىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن ئۈزۈل-كېسىل قۇتۇلغان. ئىككى

قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا گېرمانىيەنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئۇچرىغان. 1948-يىلى بىتەرەپلىك سىياسىتىدىن ۋاز كەچكەن.