قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پەزىلەت ئارسلان|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-08-26 15:08


دۆلەت بايرىقى

ئاساسلىق بايراملىرى: نورۇز (22-مارت، شۇنداقلا قازاقىستاننىڭ يېڭى يىلى)؛ ئىگىلىك ھوقۇقلۇق جۇمھۇرىيەت كۈنى(1990-يىلى 10-ئاينىڭ 25-كۈنى «ئىگىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ماقۇللانغان )؛ مۇستەقىللىق كۈنى: 16-دېكابىر (1991-يىلى)؛ قوراللىق كۈچلەر كۈنى: 7-ماي(1992-يىلى)؛ ئاساسىي قانۇن كۈنى: 30-ئاۋغۇست(قازاقىستاننىڭ ئاساسىي قانۇنى 1995-يىلى 30-ئاۋغۇست ماقۇللانغان)

زۇڭتۇڭ: نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ، 1992-يىلى 12-ئايدا قازاقىستان مۇستەقىل بولغاندىن كېيىنكى تۇنجى زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، 1999-يىلى 1-ئايدا يەنەبىر قېتىم زۇڭتۇڭلۇققا سايلانغان، 2005-يىلى 12-ئايدا يەنە زۇڭتۇڭلۇق ۋەزىپىسىنى يەنە ئۆز ئۈستىگە ئالغان. 2006-يىلى 1-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان. زۇڭلى كەرىم مەسىموۋ 2007-يىلى 1-ئايدا ۋەزىپىگە ئولتۇرغان.

نوپۇسى: تەخمىنەن 15 مىليون 815 مىڭ بولۇپ، قازاق، رۇس، ئۇكرائىن، ئۆزبېك، نېمىس ۋە تاتار قاتارلىق 131 مىللەتتىن تەركىب تاپقان، بۇنىڭ ئىچىدە قازاقلار نوپۇسنىڭ %58.6ىنى ئىگىلەيدۇ. قازاق تىلى دۆلەت تىلى، رۇس تىلى دۆلەت ئورگانلىرى ۋە يەرلىك ئاپتونومىيە ئورگانلىرى ئىشلىتىدىغان ھۆكۈمەت تىلى. ئاھالىنىڭ كۆپىنچىسى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە پراۋۇسلاۋىيە دىنى، خرىستىئان دىنى قاتارلىق دىنلار بار.پايتەختى: ئاستانە، نوپۇسى 550 مىڭ. ئاستانىنىڭ ئەسلى نامى ئاقمۇلا بولۇپ، 1997-يىلى 12-ئاينىڭ 10-كۈنى ئالمائاتانىڭ ئورنىنى ئېلىپ پايتەخت قىلىنغان، 1998-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى ھازىرقى ئىسمىغا ئۆزگەرتىلگەن.


دۆلەت گىربى