كىشى ئىسىملىرى بىلەن ئاتالغان مەيدانلار
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-09-23 11:25

كولومبو مەيدانى: ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدنىڭ كاستىرىيە كوچىسىغا جايلاشقان. مەيداندا ئىتالىيەلىك دېڭىزچى، ئامېرىكا قىتئەسى چوڭ قۇرۇقلۇقىنى بايقىغۇچى كولومبونىڭ ھەيكىلى قەد كۆتىرىپ تۇرىدۇ.

سان ماركو مەيدانى: ئىتالىيەنىڭ ۋېنىتسىيە شەھەر مەركىزىدىكى رىئاتو ئارىلىدا بىر مەيدان بار، بۇ سان ماركو مەيدانىدۇر. ئۇ ۋېنىتسىيەنىڭ سىمۋولى. ۋېنىتسىيەلىكلەر ئۇنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بۇ مەيداننى بىنا قىلغان.

ۋاسلاۋ مەيدانى: بۇ مەيدان چېخ پايتەختى پراگانىڭ كونا شەھىرىدە بولۇپ، ئەڭ ھەشەمەتلىك مەيدان ھېسابلىنىدۇ. بۇ مەيداندا چېخ پادىشاھى ۋاسلاۋⅣنىڭ مىس ھەيكىلى بار، ۋاسىلاۋ مەيدانى شۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. مەيدان ئەتراپىنى مىللەت موزىيى، قوڭغۇراقلىق راۋاق، ئادرىيا مېھمانخانىسى، لۇچېنا سارىيى، خان تاجى مېھمانخانىسى قاتارلىق مەشھۇر قۇرۇلۇشلار ئوراپ تۇرىدۇ.

سۇخباتور مەيدانى: موڭغۇلىيە پايتەختى ئۇلانباتور شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. مەيداننىڭ نامى موڭغۇلىيە دۆلىتىنى قۇرغۇچى سۇخباتورنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. مەيدان مەركىزىدە سۇخباتورنىڭ خاتىرە مۇنارى ۋە ئاتقا مىنگەن ھەيكىلى بار.

سىتانىنىۋاف مەيدانى: فرانسىيەنىڭ شەرقىي قىسمىدىكى نانسى شەھىرىگە جايلاشقان. بۇ مەيدان سىتانىنىۋاف (I) نىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. سىتانىنىۋاف لىشخىنىسكىي ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان پادىشاھ بولۇپ، بۇ مەيدان سىتانىنىۋاف ۋە ئۇنىڭ فرانسىيەلىك كۈيئوغۇلى تۇئىس ⅤⅩنىڭ جەڭ غەلىبىسىنى ۋە ئۇنىڭ لوررىندىكى ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن بىنا قىلىنغان.

ئالبېرت مەيدانى: ئەنگلىيە مانچېستېر شەھىرىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان. ئايال پادىشاھ ۋېكتورىيەنىڭ ئېرى شاھزادە ئالبېرتنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ئۇنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان.

ئاسوت مەيدانى: ئامېرىكىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مىليونىرى ئاستورنىڭ ئىسمى بىلەن ئاتالغان. ھازىر ئاستو مەيدانى نيۇيوركتىكى مەشھۇر كوچا سەنئىتى ئورۇنلايدىغان جاي.

لافيېتتى مەيدانى: ئاقساراينىڭ شىمالىغا جايلاشقان لافيېتتى مەيدانى ئامېرىكا مۇستەقىللىق ئۇرۇشىغا ياردەم بەرگەن فرانسىيەلىك گراف لافيېتتىنى خاتىرىلەش ئۈچۈن ياسالغان. بۇ مەيدان يەنە ‹‹زۇڭتۇڭ مەيدانى››دەپمۇ ئاتىلىدۇ، بۇ مەيداندا ئامېرىكىدىكى يەتتە زۇڭتۇڭنىڭ مىس ھەيكىلىدىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ جەنۇب – شىمال ئۇرۇشىغا قاتناشقان بىر قىسىم چەت ئەللىكلەرنىڭمۇ مىس ھەيكىلى بار.

لىنكولىن مەيدانى:ئامېرىكىنىڭ نيۇيورك شەھىرىدىكى داڭلىق رايون مانخاتتانغا جايلاشقان. ئامېرىكىنىڭ زۇڭتۇڭى لىنكولىننىڭ نامى بىلەن ئاتالغان. لىنكولىن مەيدانى دۇنيادىكى داڭلىق سەنئەت كېچىلىكلىرى ئۆتكۈزۈلىدىغان مەيدان بولۇپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى داڭلىق چولپانلارنىڭ ئىزلىرى بۇ مەيداندا بېسىلغان.