دۇنيادىكى داڭلىق قۇرۇلۇشلار
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-09-23 15:31

مىلان چوڭ چىركاۋى

ئىتالىيە مىلان چوڭ چېركاۋى ياۋروپا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا ئەسىردىكى ئەڭ چوڭ چېركاۋى بولۇپ، تۆت مىڭ ئادەمنىڭ دىنىي پائالىيەت قىلىشىغا بولىدۇ. بۇ چېركاۋ 1386-يىلى ياسالغان بولۇپ 1485-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن تاماملانغان. بۇ چېركاۋ پۈتۈنلەي ئاق رەڭلىك مەرمەر تاشتىن ياسالغان بولۇپ، زالنىڭ كەڭلىكى 59 مېتىرغام ئۇزۇنلۇقى 130 مېتىرغا، ئوتتۇرا قىسمىنىڭ ئەڭ ئىگىز جايى 45 مېتىرغا يېتىدۇ. چېركاۋنىڭ ئالاھىدىلىكى ئۇنىڭ سىرىتقى شەكلى بولۇپ، جەمئىي 135 ئۇچلۇق مۇنار بار. بۇ چېركاۋ دۇنيادىكى ھەيكەل ئەڭ كۆپ گىت ئۇسلۇبىدىكى چېركاۋ بولۇپ، چېركاۋ سىرتىدا 2000 دىن ئارتۇق ھەيكەل بار.

فولورېنس چوڭ چېركاۋى

فولورېنس چوڭ چېركاۋى ئەمەلىيەتتە بىر يۈرۈش قۇرۇلۇش توپىدىن ئىبارەت بولۇپ، چوڭ چېركاۋ، قوڭغۇراق مۇنارى ۋە پاكلاندۇرۇش زالىدىن تەشكىل تاپقان، ئورنى ھازىرىقى فولولۇنسا شەھىرىدىكى دۇئامو مەيدانى ۋە شۇ يەرگە يېقىن بولغان رىئوۋان مەيدانىغا توغرا كېلىدۇ، چېركاۋنىڭ پۈتكۈل قۇرۇلۇش توپىدىكى ئاساسى گەۋدە قىسمى 1296-يىلى ياسىلىشقا باشلاپ 1462-يىلى تاماملانغان بولۇپ، فولولۇنسانىڭ تازا گۈللەنگەن دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ.

سان پېتىربورگ چېركاۋى

15-ئەسىردە دىن پاپالىرى ئۆرۈلۈپ چۈشكەن قەدىمقىي يىغىن زالى ئورنىغا يېڭىدىن بىر چېركاۋ سېلىشنى پىلانلىغان ۋە بۇ چېركاۋنى سېلىش ئارقىلىق ئىتالىيە ياسىغان گېت ئۇسلۇبىدىكى چېركاۋنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بۇ قۇرۇلۇش باشلىنىپ ناھايىتى جاپالىق كۈنلەرنى باشتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئاخىرى بۇ قۇرۇلۇش تاماملانغان.

كېرىمىل سارىيى

موسكىۋا كېرىمىل سارىيى موسكىۋا پايتەختىنىڭ ئەڭ مەركىزىگە جايلاشقان، ئۇ يەردە مۇستەھكەم قورشاۋ تام، قوڭغىراقلىق سائەت، ئالتۇن ئۆگىزلىك چېركاۋ، ئوردا قاتارلىقلار بار بولۇپ، ئىنتايىن چىرايلىق ۋە ھەيۋەتلىك سەنئەت قۇرۇلۇش توپى ھېسابلىنىدۇ. بۇ قۇرۇلۇش 11-ئەسىر ۋە 12-ئەسىر ئارلىقىدا سېلىنغان بولۇپ، 15-ئەسىرگە كەلگەندە دۆلەت ھاكىمىيىتى ۋەە دىنىي ھوقۇق كۈچلىرى تۇرۇشلۇق جايغا ئايلانغان.

لوۋرا ئوردىسى

لوۋرا ئوردىسى پارىژ شەھىرىنىڭ مەركىزىدىكى ساينا دەرياسىنىڭ شىمالىي قىرغىقىغا جايلاشقان بولۇپ، پارىژنىڭ يۈرىكى ھېسابلىنىدۇ، بۇ قۇرۇلۇشنىڭ پۈتكۈل شەكلى ئۇ شەكلىدە بولۇپ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 24 گېكتار، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 680 مېتىر كېلىدۇ، بۇ جاي دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق، ئەڭ چوڭ بولغان سەنئەت گۆھەرلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، بۇ قۇرۇلۇش ئەڭ دەسلەپتە 12-ئەسىرنىڭ باشلىرى ياسالغان بولۇپ، 15-ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە بولغان ئارلىقتا تۆت قېتىم ئۆزگەرتىپ ياسالغان ۋە كېڭەيتىلىپ ياسالغان.

يۇمىلاق زال داچىسى

پالادىئودا لايىھىلەنگەن داچىلار ئىچىدە ئەڭ مۇنەۋۋەر ۋە ئەڭ تەسىرگە ئىگە بۇ سىچىنساي قەدىمقىي شەھەر سىرتىغا جايلاشقان داچا 1550-يىلى ياسالغان بولۇپ، شۇ چاغدا يۇمىلاق زال داچىسى دەپ ئاتالغان. بۇ داچا كىشىگە بىر خىل پاكىز، ھەيۋەتلىك ۋە ھەشەمەتلىك تۇيغۇسى ئاتا قىلىدۇ. بۇ داچا ھازىر دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى نۇرغۇن ساياھەتچىلەرنى جەلىپ قىلىپ كەلمەكتە.

خۇاشىلى بولارىمى چېركاۋى

مۇقەددەس سوفىيە چېركاۋىدىن باشقا زور قۇرۇلۇش پائالىيەتلىرى بولمىغان. ئوقۇتۇشنىڭ كۆلىمى ناھايىتىمۇ كىچىك بولۇپ، ئەگمە ئۆگىزىنىڭ ئەڭ چوڭ دىيامېتىرى ئالتە مېتىردىن ئاشمايدۇ. ئەمما بۇ چېركاۋلارنىڭ سىرىتقى شەكلىدە ئۆزگەرتىش بولغان، ئەگمە ئۆگىزە تەدىرىجىي تويۇنۇپ بارغان.روسىيە، رومىنىيە، بۇلغارىيە ۋە سېربىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە بۇ خىل چېركاۋ مودا بولغان.

جىلو شەھىرى

1346-يىلى ياسالغان جىلو شەەھىرى بىر زور دائىرىلىك مۇستەھكەم سېپىل ھېسابلىنىدۇ، ئۇ سىزنى ياپۇنىيە فىئودالىزىم تۈزۈمى دەۋىرىگە باشلاپ بارىدۇ. ئۇ ياپۇنىيەدە ھازىرىغا قەدەر ساقلىنىپ قالغان تاشقى قىسم ئەسلى قىياپىتى، ئىچكى قىسىم قۇرۇلمىسىدىكى قورغانلارنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

تاج مەھەل مەقبەرىسى

تاج مەھەل مەقبەرىسى ھىندىستاننىڭ قەدىمقىي پايتەختى ئاگىغا جايلاشقان بولۇپ دۇنيادىكى يەتتە چوڭ مۆجىزىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ، ھىندىستانغا ساياھەتكە بارغۇچىلار بۇ يەرنى كۆرمىسە بىر ئۆمۈر پۇشايماندا قالىدۇ.

فارساي ئوردىسى

فارساي ئوردىسى فىرانسىيە پادىشاھى لويى 14 دىن لويى 16 گىچە بولغان پادىشاھلارنىڭ نەچچە ئەۋلاد بىناكارلىق ئۇستىلىرى ۋە ھەيكالتاراشلىرى، نەقىشچىلىرى، باغچەنچىلىك قۇرۇلۇش ئۇستىلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشى نەتىجىسىدە بارلىققا كەلگەن كاتتا قۇرۇلۇش.