شىۋېتسارىيە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-09-23 16:33

شىۋېتسارىيە ياۋروپا قىتئەسىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى بولۇپ، شىمالى گېرمانىيە بىلەن، غەربى فرانسىيە بىلەن، جەنۇبى ئىتالىيە، شەرقى ئاۋسىتىرىيە بىلەن چېگرىلىنىدىغان فېدراتسىيە تۈزۈمىدىكى دۆلەت.

يەر مەيدانى:41مىڭ 300 كىۋادىرات كىلومېتىر

نوپۇسى: 7 مىليون 952 مىڭ 600 بۇلۇپ، شىۋېتسارىيلىكلەر %79.8 نى ئىگەللەيدۇ. كۆپ قىسمى كاتولىك دىنى ۋە خىرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، كاتولىك دىنىغا ئېتىقاد قىلدىغانلار پۈتۈن نوپۇسنىڭ %44.1 نى خىرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلدىغانلار %36.6 نى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلدىغانلار %4.5 نى، باشقىلار %3.1 نى ئىگىلەيدۇ.

شىۋېتسارىيەدە ئاساسلىق تۆت خىل تىل ئىشلىنىدۇ، نېمىس تىلى، فىرانسۇز تىلى، ئىتالىيان تىلى، لاتىن-رومان تىلى، نېمىس تىلى ئىشلىتىدىغانلار پۈتۈن نوپۇسنىڭ %63.9 نى ئىگىلەيدۇ. شىۋېتسارىيەنىڭ تولۇق ئىسمى شىۋېتسارىيە فېدراتسىيسى بولۇپ، ياۋروپانىڭ ئوتتۇرا جەنۇبىغا جايلاشقان ئىچكى قۇرۇقلۇق دۆلىتى. ئالىپ تاغ تىزمىلىرى پۈتۈن يەر مەيدانىنىڭ %60 نى غەربى شىمال تەرىىپىدىكى ژۇرا تاغ تىزمىلىرى پۈتۈن يەرمەيدانىنىڭ %10نى ئىگەللەيدۇ. ئوتتۇرا قىسمىدىكى ئېگىزلىك پۈتۈن يەرمەيدانىنىڭ %30نى ئىگەللەيدۇ. دېڭىز يۈزىدىن ئوتتۇرىچە ئېگىزلىكى 1350 مېتىر، ئورمانلىق 12523 كىۋادىرات كىلومېتىر بولۇپ، پۈتۈن يەرمەيدانىنىڭ %30.3 نى ئىگەللەيدۇ. دەريا چوڭ-كىچىك 100دىن ئارتۇق كۆل بار. ئىقلىمى يەر ئوتتۇرا دېڭىز ئىقلىمىغا كىرىدۇ.

شىۋېتسارىيە 11-ئەسىردىن باشلاپ رىم ئىمپىرىيسىنىڭ بىر ئۆلكىسى بولغان، 1291-يىلى بىر نەچچە ئوبلاست بىرلىشىپ ئۆز ۋاقتىدىكى خابۇس پادىشاھقا قارشى ئىتتىپاق بولۇپ ئۇيۇشقان. بۇ ئىتتىپاق ھازىرقى شىۋېتسارىيە بىرلەشمىسىنىڭ ئاساسي بولۇپ شەكىللەنگەن. 1648-يىلى مۇستەقىل بولغان. شىۋېتسارىيە 16-ئەسىردىن باشلاپ خەلقئارا ئىشلاردا بىتەرەپلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزگەن، 1798-يىلى ناپالىئون شىۋېتسارىينى بېسىۋالغان چاغلاردا بىر مەزگىل ھارۋىل جۇمھۇرىيىتىنى قۇرغان، 1815-يىلى ۋېينا يىغىنىدا شىۋېتسارىينىڭ مەڭگۈ بىتەرەپلىك ئورنى ئېتراپ قىلىندى، كېيىنكى ئىككى قېتىملىق دۇنيا ئۇرۇشىدا بىتەرەپلىك سىياسىتىنى يۈرگۈزدى. 1848-يىلى ئاساسىي قانۇن تۈزۈپ چىقىپ رەسمىي ھالدا بىرلىككە كەلگەن فېدراپ دۆلەت بولغان.

شىۋېتسارىيە تەرەققى قىلغان سانائەت دۆلىتى، ئۇ خەلق ئىگىلىكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ كىشى بېشىغا تەقسىم قىلىنىشى جەھەتتە خېلى يىللاردىن بۇيان دۇنيادا بىرىنجى ئورۇننى ئىگەللەپ كەلمەكتە، شىۋېتسارىيىنىڭ سانائىتى خەلق ئىگىلىكىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، كاپتال مەركەزلەشكەن، سانائىتىدە بۇلۇپمۇ ماشىنسازلىق، ھەرخىل نازۇك ئەسۋاپلارنى ئىشلەپچىقىرىش، خىمىيە سانائىتى ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. سائەت ياساش سانائىتى ئالاھىدە تەرەققىي قىلغان. شۇڭا ئۇنى سانائەت دۆلىتى دەپمۇ ئاتايدۇ، شىۋېتسارىيە تاغلىق دۆلەت بولسىمۇ ئۇنىڭ يېزا ئىگىلىكى تەرەققىي قىلغان، يېزا ئىگىلىكىدە چارۋىچىلىق ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ، چارۋىچىلىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى پۈتۈن يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئومومىي قىممىتىنىڭ %75 نى ئىگەللەيدۇ، ئاشلىق بىلەن ئۆزىنى تەمىنلىيەلمەيدۇ، شىۋېتسارىيە ئىشلەپچىقارغان سانائەت مەھسۇلاتىنىڭ %90 نى ئېكىسپورت قىلىدۇ، سىرتتىن خام ئەشيا، يېقىلغۇ، ئاشلىق قاتارلىقلارنى ئىمپورت قىلىدۇ، شىۋېتسارىيىنىڭ ھاۋاسى ئىللىق مەنزىرسى گۈزەل بولغاچقا ساياھەت، دەم ئېلىش ئورۇنلىرى ناھايتى كۆپ، ئاھالىسىنىڭ خېلى كۆپ قىسمى ساياھەتچىلىك بىلەن شوغۇللىندۇ، شىۋېتسارىيىنىڭ پۇل-مۇئامىلە ئىشلىرى ناھايتى تەرەققىي قىلغان، ئۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ ئاتاقلىق پۇل- مۇئامىلە دۆلىتىنىڭ بىرى. شىۋېتسارىيىنىڭ قۇرۇقلۇق، ھاۋا قاتنىشى بەك تەرەققىي قىلغان.