گۈللەر دۆلىتى-گوللاندىيە
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-09-23 16:53

گوللاندىيە غەربىي ياۋروپانىڭ بىرىتانىيە ئارىلى بىلەن قارىشىپ تۇرىدىغان ئويمان دېڭىز بويىغا جايلاشقان بولۇپ، گۈللەر دۆلىتى دېگەن چىرايلىق نامى بار. بېلگىيە، گېرمانىيە بىلەن چېگرىلىنىدۇ، شىمال تەرىپى نورۋېگىيە بىلەن گوللاندىيەنىڭ تەبىئىي چېگرىسى بولغان نوردلان ئېگىزلىكى بولۇپ، گوللاندىيەدىكى ئەڭ ئىگىز چوققا كېبىناكەيس چوققىسى دېڭىز يۈزىدىن 2123 مېتىر ئېگىز. جەنۇبى، دېڭىز بويلىرى تۈزلەڭلىك ياكى ئېدىرلىق. گوللاندىيەدىكى ئەڭ چوڭ كۆل ۋانارىن كۆلى بولۇپ، كۆلىمى 5585 كۋادرات كىلومېتىر، ياۋروپادا ئۈچىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ. %15 زېمىنى شىمالىي قۇتۇپ دائىرسىدە بولسىمۇ، ئاتلانتىك ئوكيان ئىللىق ئېقىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغاچقا قىش پەسلى ئانچە سوغوق بولمايدۇ، كۆپ قىسىم جايلىرى مۆتىدىل بەلۋاغ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمان ھاۋا كىلماتىغا تەۋە، دانىيەگە يېقىن جەنۇبىي تەرىپى مۆتىدىل بەلباغ كەڭ يوپۇرماقلىق ئورمان ھاۋا كىلماتىغا تەۋە .

گوللاندىيە 12 ئۆلكىگە بۆلۈنىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا ئوتتۇرا ئامېرىكىدىكى ئاپتونومىيىلىك ئاراللاردىن ئارۇبا ئارىلى ۋە گوللاندىيەگە قاراشلىق ئانتىل تاقىم ئاراللىرى بار. ئۆلكە باشلىقى ھۆكۈمەت تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. شەھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك ئاپپاراتى سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ئۆلكە، شەھەرنىڭ ئۆزىگە ئۆزى خوجا بولۇش ھوقۇقى بار. گوللاندىيىنىڭ تولۇق نامى نىدىرلاندىيە پادىشاھلىقى بولۇپ، نىدىرلاندىيە دىگەن جاي نامى ھازىرقى گوللاندىيە ۋە بېلگىيەنىڭ شىمالى قىسمىدىكى فىلېمىنلار ئولتۇراقلاشقان جاينى كۆرسىتىدۇ. گوللاندىيە قەدىمدە گوتلارنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، تەرەققىياتى بىر قەدەر ئارقىدا بولغان. يازما خاتىرىلەردە ئېيتىلىشىچە ئەڭ دەسلەپكى گوللاندىيە دۆلىتى 1463-يىلى رەسمىي قۇرۇلغان، 16-ئەسىردە بىر مەزگىل ئىسپانىيە ھۆكۈمرانلىق قىلغان، 1648-يىلى ئىسپانىيىلىكلەرنى ھەيدەپ چىقىرىپ، مۇستەقىللىق جاكارلىغان. 17-ئەسىرلىرىنىڭ ئاخىرلىرى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز مۇستەملىكە ئىمپېرىيىسىگە ئايلانغان، 18-ئەسىردىن كېيىن، گوللاندىيە مۇستەملىكە سىستېمىسى تەدرىجىي پارچىلىنىپ، بىر قىسىم زىمىنى ناپالىيۇن تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغان، 1806-يىلى گوللاندىيە پادىشاھلىقى قۇرۇلغان.

پارلامېنت دۆلەتنىڭ بىردىنبىر قانۇن تۇرغۇزۇش ئورگىنى بولۇپ، ئومۇمىي سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. پادىشاھنىڭ تۇنجى پەرزەنتى قانۇندا بەلگىلەنگەن ۋارىس بولىدۇ . گوللاندىيىنىڭ سانائىتى ئىنتايىن تەرەققىي قىلغان بولۇپ، ئاساسلىقى ماشىنسازلىق، ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرى، ماشىنا، تېلېگراف، يېمەكلىك پىششىقلاپ ئىشلەش قاتارلىق ساھەلەر زور تەرەققىي قىلغان. ئاساسلىق ئېكىسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلىرى ماشىنا، خىمىيە سانائىتى ۋە دورا مەھسۇلاتلىرى، ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرى، ئېنېرگىيە ئۈسكۈنىلىرى، نېفىت مەھسۇلاتلىرى، تەبئىي گاز ۋە توقۇمچىلىق مەھسۇلاتلىرى. گوللاندىيە دۆلەت بايرىقىنىڭ تارىخىنى 17-ئەسىرگىچە سۈرۈشتۈرۈشكە بولىدۇ، 1937-يىلى گوللاندىيە ھۆكۈمىتى قىزىل، ئاق ۋە كۆك رەڭنى رەسمىي دۆلەت بايرىقىغا مۇقىملاشتۇرغان. قىزىل رەڭ خەلقنىڭ جەڭگىۋارلىقىغا، ئاق رەڭ خەلقنىڭ بەختكە بولغان ئىنتىلىشىغا، كۆك رەڭ خەلقنىڭ ۋەتەنگە بولغان قىزغىن مۇھەببىتى ۋە سادىق قەلبىگە سىمۋول قىلىنغان.