مىللىتى ئەڭ كۆپ دۆلەت
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدىالىق ئەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-10-23 11:47

 

ئافرىقا قىتئەسىدىكى نىگېرىيە دۇنيادا مىللىتى ئەڭ كۆپ دۆلەت بولۇپ، ھازىر بۇ دۆلەتتە 250 تىن ئارتۇق مىللەت بار، يەنە كېلىپ ھەربىر مىللەتنىڭ ئۆرۈپ-ئادىتى، ئەنئەنىسى ۋە تىلى بار، شۇڭا نىگېرىيە كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ئىگە دۆلەتكە كىرىدۇ.
 

 

南非.jpg

نىگېرىيە «غەربىي ئافرىقىدىكى دۇنيانىڭ جەننىتى» دەپ تەرىپلىنىدۇ، دۆلەت نامى نىگېر دەرياسىنىڭ نامى بولغان «نىگېر» سۆزىگە يەر نامىنى بىلدۈرىدىغان «يەر» قوشۇمچىسىنى قوشۇش ئارقىلىق ياسالغان، مەنىسى «نىگېر دەرياسى ئېقىپ ئۆتىدىغان جاي» دېگەنلىك بولىدۇ. نىگېرىيە غەربىي ئافرىقىدىكى نىگېر دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا-تۆۋەن ئېقىنىغا جايلاشقان بولۇپ، جەنۇبتا كېنىيە قولتۇقىغا تۇتىشىدۇ، دېڭىز قىرغىقى لىنىيىسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 800 كىلومېتىر كېلىدۇ. قۇرۇقلۇقتا بېنىن، نىگېر، چاد ۋە كامېرونلار بىلەن قوشنا. نىگېرىيە ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى بىر نەچچە كۆچمەنلەر يولىنىڭ تۇتىشىدىغان يېرىگە جايلاشقان بولۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ مىللەت تەركىبىنىڭ كۆپ خىل بولۇشى شۇ سەۋەبتىن كېلىپ چىققان.
  ماتېرىياللاردا كۆرسىتىلىشىچە،نىگېرىيەدە 250 تىن ئارتۇق مىللەت بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدە خائۇسلار، يورۇبلار، ئىبولار، فۇرانىلار، ئىبىبىئولار، كارۇنىلار، بىنىلار، تىۋلار، ئىجاۋلار، ۋە نۇپىلار قاتارلىق ئون مىللەتنىڭ سانى پۈتۈن مەملىكەت نوپۇسىنىڭ تەخمىنەن ئوندىن توققۇزىنى ئىگىلەيدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ شىمالىي قىسمىدىكى خائۇسلار 19-ئەسىردە ئاز سانلىق مىللەتلەر تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان بولۇپ، كېيىچە ئىككىسى بىرلىشىپ كەتكەن،ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى مۇسۇلمان. يەنە بىر مۇھىم مىللەت نىگېرىيىنىڭ غەرىبىدىكى يورۇب تىلىدا سۆزلىشىدىغان قەبىلىلەرنىڭ قوشۇلىشىدىن ھاسىل بولغان. نىگېرىيىنىڭ شەرقىي جەنۇبى قىسمىدىكى ئىبو تىلىدا سۆزلىشىدىغان ھەرقايسى قەبىلىلەر ئۈچۈنچى چوڭ مىللەت ھېسابلىنىدۇ. سانى ئانچە كۆپ بولمىغان مىللەتلەردىن ئىبو ئەتراپىدا ئولتۇراقلاشقان ئىبىبىئولار ۋە بېنىن شەھىرىدە ئولتۇراقلاشقان بىنىلار بار. ئوخشىمىغان قەبىلىلەر مەركەزلىك ئولتۇراقلاشقان ئوتتۇرا قىسمىدا تىۋلار ۋە نوپىلار شۇ جايدىكى ئەڭ چوڭ مىللەت ھېسابلىنىدۇ.
  نىگېرىيە ھۆكۈمەت تىلى ئىنگىلىز تىلى بولسىمۇ، پەقەت شەھەردىلا قوللىنىدۇ. ئادەتتە ئەڭ كۆپ قوللىنىلىدىغان ھۆكۈمەت تىلى خائوسا تىلىدىن ئىبارەت.
  نىگېرىيەنىڭ دېھقانچىلىق ، ئورمانچىلىق، نېفىت سانائىتى قاتارلىق تۈرلىرى ئافرىقا، ھەتتا دۇنيا مىقياسىدىمۇ ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، كۆپ خىل ئىقتىسادىي زىرائەت ۋە نېفىت ئېكسپورتى دۇنيا ئىقتىسادىغا خېلى مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭدىن سىرت، نىگېرىيە نۇرغۇن ساياھەتچىلەر تەلپۈنىدىغان دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.