كانادا شەھەرلىرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-11-25 15:21

ھەر يىلى دۇنيادىكى ئەڭ ئولتۇراقلىشىشقا ماس كېلىدىغان شەھەرلەرنى باھالاشتا كانادانىڭ شەھەرلىرى دۇنيادا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغان دۆلەت بولۇپ، يەر كۆلىمى توققۇز مىليون 980 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيا بويىچە 2-ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى قۇرۇقلۇق يەر كۆلىمى توققۇز مىليون 93 مىڭ 507 كۋادرات كىلومېتىر، تاتلىق سۇ بىلەن قاپلانغان كۆلىمى 891 مىڭ 163 كىۋادرات كىلومېتىر. شىمالىي ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان. شەرقتە ئاتلانتىك ئوكيانغا، غەربتە تىنچ ئوكيانغا، جەنۇبتا ئامېرىكىغا، شىمالدا شىمالىي مۇز ئوكيانغا تۇتىشىدۇ، غەربىي شىمالدا ئامېرىكىنىڭ ئالياسكا ئىشتاتى بىلەن تۇتىشىدۇ، شەرقىي شىمالدا باففىن قولتۇقى ئارقىلىق گىرېنلاندىيە بىلەن تۇتىشىدۇ. دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسىنىڭ ئۇزۇنلۇقى 240 مىڭ كىلومېتىر. شەرقىي قىسمى ئېدىرلىقلاردىن ئىبارەت، جەنۇبىي قىسمىدىكى ئامېرىكا بىلەن چېگرىلىنىدىغان چوڭ كۆل ۋە ساينت لاۋرېنىس رايونىنىڭ يەر شەكلى تۈزلەڭ بولۇپ، ئويمانلىق كۆپ. غەربىي قىسمى كوردىللېرا تاغلىق رايونى بولۇپ، كانادادىكى ئەڭ ئېگىز رايون ھېسابلىنىدۇ، نۇرغۇن تاغ چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن يۇقىرى. شىمالىي قىسمى شىمالىي قۇتۇپ تاقىم ئاراللىرى بولۇپ، كۆپىنچىسى ئېدىرلىق ۋە پەس تاغلىق رايونلار. ئوتتۇرا قىسمى تۈزلەڭلىك. كانادا دۇنيادىكى كۆل ئەڭ كۆپ دۆلەتنىڭ بىرى. غەرب شامىلىنىڭ تەسىرىدە، كانادانىڭ قىسمەن رايونلىرىنىڭ كىلىماتى چوڭ قۇرۇقلۇق تىپىدىكى مۆتىدىل بەلۋاغ يىڭنە يوپۇرماقلىق ئورمىنى كىلىماتىغا تەۋە بولۇپ كەتكەن. شەرقىي قىسمىنىڭ تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنرەك، جەنۇبىي قىسمىنىڭ كىلىماتى يېقىشلىق، غەربىي قىسمىنىڭ كىلىماتى ئىللىق ۋە نەم، شىمالىي قىسمى سوغۇق بەلۋاغ تۇندرا كىلىماتىغا تەۋە بولۇپ، شىمالىي قۇتۇپ تاقىم ئاراللىرىدا يىلبويى قاتتىق سوغۇق بولىدۇ. ئوتتۇرا غەربىي قىسمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 40 سېلسىيە گرادۇستىن ئاشىدۇ، شىمالىي قىسمىنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 60 سېلسىيە گرادۇسقا چۈشىدۇ. نوپۇسى: 34 مىليون 898 مىڭ بولۇپ، نوپۇس زىچلىقى ھەر كىۋادرات كىلومېتىر جايغا ئۈچتىن تۆتكىچە ئادەم توغرا كېلىدۇ، ئاق تەنلىكلەر نوپۇسنىڭ 80 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدۇ. ئاساسلىقى ئەنگلىيە، فرانسىيە قاتارلىق ياۋروپالىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى، يەرلىك ئاھالە (ئىندىئانلار، مېدىيالار ۋە ئېسكىموسلار) تەخمىنەن پۈتۈن نوپۇسنىڭ %3 نى ئىگىلەيدۇ، قالغىنى ئاسىيالىقلار، لاتىن ئامېرىكىلىقلار، ئافرىقىلىقلارنىڭ ئەۋلادلىرى، ھىندىستان، پاكىستان ۋە سىرىلانكىدىن كەلگەن جەنۇبىي ئاسىيا كۆچمەنلىرىنىڭ نوپۇسى بىر مىليون 300 مىڭغا يەتتى. جۇڭگولۇقلار ئەۋلادلىرى كانادادىكى ئەڭ چوڭ ئاز سانلىق مىللەت بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى %25 كىشى كانادادا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، قالغانلىرىنىڭ كۆپ قىسمى جۇڭگونىڭ چوڭ قۇرۇقلۇقى، شياڭگاڭ، تەيۋەندىن كەلگەن.

پايتەختى ئوتتاۋا، ئونتارىئو ئۆلكىسىگە جايلاشقان. پايتەخت رايونىنىڭ نوپۇسى بىر مىليون 130 مىڭ 761، يەر كۆلىمى 4662 كىۋادرات كىلومېتىر. پۈتۈن مەملىكەت ئون ئۆلكە ۋە ئۈچ رايونغا بۆلۈنىدۇ. ئالبېرتا ئۆلكىسى، برىتانىيە كولومبىيە ئۆلكىسى، مانىتوبا ئۆلكىسى، يېڭى بىرىنۇسۋېكلىقلار ئۆلكىسى، نېۋفوندلاند-لابرادور ئۆلكىسى، نوۋا سىكوتىيە ئۆلكىسى، ئونتارىئو ئۆلكىسى، ئېدۋارد شاھزادە ئارىلى ئۆلكىسى، كۋېبېك ئۆلكىسى، ساسكاچېۋان ئۆلكىسىدىن ئىبارەت ئون ئۆلكە. غەربىي شىمال رايونى، يۇكون رايونى ۋە نۇناۋۇ ئالاھىدە رايونىدىن ئىبارەت ئۈچ رايون بار. ئاساسلىق شەھەرلەر تورونتو، ۋانكۇۋېر، مونتېرىئال.

كانادا ئەسلىدە ئىندىئانلار بىلەن ئېسكىموسلارنىڭ ماكانى ئىدى. 16-ئەسىردە فرانسىيە ۋە ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىسى بولۇپ قالغان. 1867-يىلى، ئەنگلىيە كانادا ئۆلكىسى، يېڭى بىرىنۇسۋېكلىقلار ئۆلكىسى ۋە نوۋا سىكوتىيە ئۆلكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ فېدېراتسىيە قىلىپ، ئەنگلىيىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى دومىنىيونى قىلىۋالغان. شۇنىڭدىن كېيىن، باشقا ئۆلكىلەرمۇ كەينى-كەينىدىن فېدېراتسىيەگە قوشۇلغان. 1926-يىلى، ئەنگلىيە كانادانىڭ «باراۋەر ئورنى»نى ئېتىراپ قىلغان، كانادا ئاخىرى دىپلوماتىيە جەھەتتە مۇستەقىللىقىغا ئېرىشكەن. 1931-يىلى، كانادا ئەنگلىيە فېدېراتسىيەسىنىڭ ئەزا دۆلىتى بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ پارلامېنتىمۇ ئەنگلىيە پارلامېنتى بىلەن باراۋەر قانۇن تۇرغۇزۇش ھوقۇقىغا ئىگە بولغان، بىراق يەنىلا ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش ھوقۇقى بولمىغان. 1982-يىلى، ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى «كانادا ئاساسىي قانۇن لايىھەسى»نى ئىمزالىغان، بۇنىڭ بىلەن كانادا پارلامېنتى ئاساسىي قانۇن تۇرغۇزۇش ۋە ئۇنىڭغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش تولۇق ھوقۇقىغا ئېرىشكەن.