دۇبەي
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-11-27 13:07

«دۇبەي» دېگەن ئىسىم ھازىر خەلقئارادا ئېسىلزادىلىك ۋە ھەشەمەتچىلىكنىڭ ۋەكىللىك سۆزى بولۇپ قالدى. دۇبەيدە دۇنيادىكى تۇنجى يەتتە يۇلتۇزلۇق مېھمانخانا (يەلكەن مېھمانخانىسى)، دۇنيادىكى ئەڭ ئېگىز بىنا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ مال سېتىۋېلىش مەركىزى، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ زال ئىچى قار تېيىلىش مەيدانى قاتارلىقلار بار.

دۇبەي دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم سودا پورتى ۋە شۇنداقلا ئىقتىساد مەركىزى بولۇپ قالدى. دۇبەي ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى تەۋەسىدىكى نۇپۇس سانى ئەڭ كۆپ بولغان دۆلەت بولۇپ، ئۆي-مۈلۈك سودىسى، ھەر خىل مۇسابىقە، يىغىن قاتارلىقلار ئارقىلىق دۇنيادىكى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن دۆلەتلەردىن بولۇپ قالدى. ئىگىلىنىشىچە، دۇبەي بايلارنىڭ بۇ دۇنيادىكى جەننىتى بولۇپ ھىسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇ يەردە ئاسمانغا تاقىشىدىغان چاقپەلەك، يەتتە يۇلتۇزلۇق ئەرەب مىھمانخانىسى (Burj Al Arab Hotel)، ناھايىتى گۈزەل ۋە سىرلىق بولغان سۈنئىي تاغلار، سۇ بىلەن قۇياش نۇرى بىرلىشىپ ناھايىتى چىرايلىق مەنزىرە ھاسىل قىلىدىغان فونتان، كېچىچە ناھايىتى قىززىيدىغان ئىسىل گولف توپ مەيدانى قاتارلىقلار بار. بۇندىن باشقا يەنە بۇ يەرنىڭ تەبىئىي مەنزىرىسىمۇ كىشىنىڭ مەيلىنى ئۆزىگە تارتىپ تۇرىدۇ، ئەتىگەندىكى قىزىل شەپەقلىك قۇياش كۆتۈرۈلۈش مەنزىرىسى كىشىلەرنىڭ مەڭزىنى سۆيسە، كەچتىكى كۈننىڭ ئولتۇرۇش مەنزىرىسى ئادەمنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالىدۇ. كۆپكۈك ۋە سۈپسۈزۈك سۇلار دۇبەينىڭ گۈزەل مەنزىرىسىگە تېخىمۇ گۈزەل ۋە كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان ھېسىيات بېغىشلىغان. ئالدىنقى يىلى دۇنيادىكى ئەڭ قىممەت شەھەرلەر تەرتىپىدە دۇبەي 22-ئورۇننى ئىگىلىگەن، بىراق ئوتتۇرا شەرق رايونىدا دۇبەي بىرىنچى ئورۇندىكى ئەڭ ئېسىل رايون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خەۋەردە دېيىلىشىچە، دۇبەيدە نەچچە مىڭلىغان چەت ئەللىكلەر ئولتۇراقلاشقان بولۇپ، بۇ يەردە باج ئېلىنمايدىغان، ئېسىل تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى راسا سۈرىشىدىكەن. دۇبەي يەنە ئوتتۇرا شەرقتىكى ئەڭ ئاسان ئولتۇراقلاشقىلى بولىدىغان بىر رايون بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.