ئەرەب سۈرىيە جۇمھۇرىيىتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-12-13 12:53

نوپۇسى

2012-يىلى 22 مىليون 530 مىڭ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەرەبلەر %80 نى ئىگىلەيدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كۇرد، ئەرمەن، تۈركىمەن قاتارلىق مىللەتلەر بار. ئەرەب تىلى بولسا دۆلەت تىلى، ئادەتتە ئىنگلىز تىلى ۋە فرانسۇز تىلى قۇشۇمچە قىلىنىدۇ. ئاھالىسىنىڭ %85 كۆپرەكى ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ، %14 خرىستىئان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدە، ئىسلام دىنى سۈنئىي مەزھىپىدىكىلەر %80 نى «پۈتۈن دۆلەت نوپۇسىنىڭ %68 نى ئىگىلەيدۇ»، شىئە مەزھىپىدىكىلەر %20 نى ئىگىلەيدۇ، 2011-يىلى سۈرىيىدە ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغاندىن بۇيان، كۆپ قىسىم سۈرىيە خەلقى ئۇرۇشتا قېچىپ كەتتى، ئەڭ كەم دېگەندە 100 مىڭ ئادەم ئۇرۇشتا ئۆلدى.

پايتەختى

دەمەشىق دۇنيادىكى قەدىمكى شەھەر، يەنە «جەننەت شەھەر» دەپمۇ نامى بار، بۇ شەھەر سۈرىيىنىڭ غەربى جەنۇبىدىكى دەريا ۋادىسىغا جايلاشقان. شەھەر رايونى ئاساسلىق كخسىم تېغى تۆپىلىكىگە جايلاشقان بولۇپ، كۆلىمى 100 كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. ھازىرغا قەدەر 4500 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە. نوپۇسى 2009-يىلى تۆت مىليون 710 مىڭدىن ئېشىپ كەتكەن.

تارىخى

سۈرىيە بولسا ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە بولغان قەدىمى دۆلەت، قەدىمكى تاش قوراللار دەۋرىدىن باشلاپ سۈرىيىدە ئىنسانلار ياشاشقا باشلىغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 4000 يىللىرى ئەتراپىدا، بۇ يەردە ئاھالىلەر ئولتۇراقلىشىپ، مىس قوراللارنى ئىشلىتىشكە باشلىغان. مىلادىدىن ئىلگىرى 3000 يىللىرى، سۈرىيە جەمئىيىتى ئىپتىدائىي باسقۇچتىن قۇللۇق تۈزۈمگە كىرگەن ۋە شەھەرلەردە بىر قىسىم سودا مەركەزلىرى قۇرۇلۇپ، قۇللۇق تۈزۈمىدىكى دۆلەت ئاساسىنى تىكلىگەن.

سىمىتقۇلارنىڭ تۆھپىسى

مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3000-يىلىدىن 1000-يىلىغىچە، ئەرەب يېرىم ئارىلىدىكى چارۋىچىلىق قىلىدىغان سىمىتقۇلار سۈرىيە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارغا قاراپ تۈركۈملەپ كۆچۈپ كىرىشكە باشلىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 3000-يىلىنىڭ ئاخىرقى نەچچە يۈز يىللاردا، سىمىتقۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئامورېيرالىقلار سۈرىيىگە كىرگەن ۋە نۇرغۇن كىچىك پادىشاھلىقنى شەكىللەندۈرگەن ھەمدە سۈرىيىدىكى بىرىنچى قېتىملىق سىمىتقۇلار جەمئىيىتى شەكىللەنگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000 يىللىرىدىن كېيىن، ئىككىنچى تۈركۈمىدىكىلەر زور تۈركۈملەپ سۈرىيە، لىۋان ۋە پەلەستىن زېمىنىغا كىرگەن. ئۇلار ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقى ۋە ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىدا بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئورنى تەسىس قىلىپ ئەڭ قەدىمكى مەدەنىيەتنى يارىتىشقا باشلىغان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000 يىللىرى ئەتراپىدا سۈرىيە تۆمۈر قوراللار دەۋرىگە كىرگەن. ئەينى ۋاقىتتىكى ئاھالىلەر ئوتتۇرا دېڭىز قىرغىقىدىكى كەنئان خەلقى، ۋە فىنىكلار بولۇپ ئۇلار دېڭىز سودىسىنى تەرەققىي قىلدۇرغان ۋە ئوتتۇرا دېڭىز دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىسادى، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىللە 22 تاۋۇشلۇق فىنىك يېزىقىنى ئىجاد قىلىپ دۇنيا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىغا زور تۆھپە قوشقان. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000-يىللىرىدىن 1000 يىللىرىنىڭ ئوتتۇرىغىچە، ئۈچىنچى تۈركۈمدىكى كىشىلەر سۈرىيە زېمىنغا كۆچۈپ كىرگەن. ئۇلار خاما ۋە دەمەشىق قاتارلىق شەھەرلەرنى بەرپا قىلىپ ئەرەب يېزىقىنى قوللىنىشقا باشلىغان، شۇنداقلا بۇ سۈرىيە مەدەنىيىتىنىڭ بۆشۈكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.