تېھران
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-12-13 13:00

تېھران ئىراننىڭ پايتەختى، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ سىياسى، ئىقتىسادى ۋە مەدىنيەت مەركىزى. تېھران پارىسچە مۇقەددەس، پاك شەھەر دىگەن مەنىدە. ئۇ ئېلبۇرس تاغلىرىنىڭ جەنۇبىي ئېتەكلىرىدىكى بوستانلىققا جايلاشقان بولۇپ، شىمالىي ئاپپاق قارلار قاپلىغان غەرىبىي ئاسىيادىكى بىرىنچى ئېگىز چوققا دېماۋەند چوققىسىغا يۆلىنىپ تۇرىدۇ. ئاھالىسى 10 مىليوندىن ئارتۇق، دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 1200 مېتىردىن 1500 مېتىرغىچە بولۇپ، كۆلىمى 300 نەچچە كۋادرات كىلومېتىر، نوپۇسى 11 مىليۇندىن ئارتۇق. 1785-يىلى قازار سۇلالىسىنىڭ پايتەختى قىلىنغان. شۇنىڭدىن باشلاپ تا ھازىرغىچە تېھران ئىراننىڭ پايتەختى بولۇپ كەلمەكتە. 1926-يىلىدىن كىيىن پەھلىۋى سۇلالىسىنىڭ ئاساسچىسى رىزاخان تېھران شەھرىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتىپ قۇرغان، تېھران شەھرىنىڭ تەرەققىياتىمۇ تېز بولغان.

تېھران قۇرۇقلۇق قۇرغان ئىقلىمىغا مەنسۇپ بولۇپ، قىش پەسلى ۋە كىچە-كۈندۈز ئوتتۇرىسىدىكى تىمپىراتۇرا پەرىقى نىسپەتەن چوڭ، 7-ئايدا ئوتتۇرىچە تىمپىراتۇرا29.1 سېلسىيە گىرادۇس بولىدۇ. 1-ئايدا ئوتۇرىچە تىمپىراتۇرىسى 0.9 سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپىدا بولىدۇ. ھۆل-يىغىن 2-،3-ئايلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئادەتتە ھۆل-يىغىن مىقتارى 200-مىللىمىتىرغا يىتىدۇ. ياز پەسلى ئىنتايىن ئىسسىق بولىدۇ. شەھەر رايۇنىنىڭ جەنۇبىدىن شىمالىغىچە قەلئە، بازار، مەسچىت، خانىقالار ئورۇنلاشقان بولۇپ، شەرىق شەھەرلىرىگە خاس ئالاھىدىلىكنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ. شەھەرنىڭ جەنۇبىي كونا شەھەر رايۇنى بولۇپ، تار كوچا، رەستىلەر خىلى كۆپ، ئىماراتلەرنىڭ كۆپى بىر-ئىككى قەۋەت قىلىپ سېلىنغان، بۇ جايدا كەڭ ئىشچىلار، قول سانائەتچىلەر، ئۇششاق تىجارەتچىلەر، تۆۋەن دەرىجىلىك خىزمەتچىلەر ئولتۇراقلاشقان. بۇ رايۇندا يەنە چوڭ-كىچىك خانىقا مەسچىتلەر بولۇپ، ئىخلاسمەن مۇسۇلمانلار توپ-توپ بولۇپ ناماز ئوقۇيدۇ. ئوتتۇرا ۋە شىمالىي قىسمى زامانىۋىيلاشقان يىڭى شەھەر رايۇنى بولۇپ، كوچا، رەستىلەر ئىنتايىن كۆپ، يول بويلىرىغا ئىگىز بىنالار جايلاشقان. بۇ جايغا بانكا، شىركەت، ئالىي دەرىجىلىك رىستۇرانلاردىن تارتىپ ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، چەتئەل ئەلچىخانىلىرى ھەمدە بەگ، تۆرە، ئاقسۆڭەكلەرنڭ سارايلىرى، كاتتا سودىگەرلەرنىڭ قەسىرلىرى جايلاشقان. تېھران پۈتۈن مەملىكەتنىڭ قاتناش مەركىزى بولۇپلا قالماي، بەلكى ياۋرۇپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىن ئىبارەت ئۈچ قىتئەنىڭ ھاۋا نەقلىياتى مەركىزى. شەھەر ئىچىدە نۇرغۇن ئالىي مەكتەپ، تەتقىقات مەركىزى، نەشىرىيات، ئەدىبىيات-سەنئەت، تەنتەربىيە كۇلۇپلىرى تەسىس قىلىنغان. مەشھۇر توز قاشتاش تەخىتلىك كونا خان ئوردىسى بار. كونا خان ئوردىسىنىڭ لېستان سارىيىدا گۈزەل-سەنئەت، مىللىي ئۆرۈپ-ئادەت ۋە ئارخىلوگىيە موزىيى تەسىس قىلىنغان.

9-ئەسىردە پارس ئەرپ ئېمپىرىيىسىنىڭ بىر تەركىۋى قىسمى ئىدى، بۇ ۋاقىتتا تېھران بىر كەنت ئىدى. ئەمما مۇڭغۇللار يېتىپ كېلىشتىن بۇرۇن يېقىن ئەتراپتىكى لاييى شۇ جايدىكى موھىم شەھەر ئىدى. ئەمما 13-ئەسىردە مۇڭغۇل ئارمىيىسى لاييىنى ۋەيران قىلىۋەتكەندىن كېيىن نۇرغۇنلىغان كىشلەر تېھرانغا قېچىپ بېرىۋالغان. 1340-يىلى تېھران مەشھۇر كەنتكە ئايلانغان. 17-ئەسىردە تېھران سافى خاندانلىقىنىڭ پايتەختى بولغان، تايمىسپو بىرىنچى بىر بازار ۋە شەھەر سېپىلى قۇرغان، ئەمما كېيىن بىر قېتىم ئاپوس بىرىنچى ئەسكەر چىقىرىپ ئۆزبىكلەر قىلغان ئۇرۇشتا بۇ يەردىن ئۆتكەن ۋاقتىدا تېھران يەنە نەزەردىن چۈشۈپ قالغان. 18-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا تېھران قايتا پايتەخىت قىلىنغان، ئەمما كېيىن يەنە نەزەردىن چۈشۈپ قالغان. ئەڭ ئاخىرىدا 1795-يىلى كازار خاندانلىقىنىڭ پادىشاھى تېھراننى يەنە پايتەخىت قىلىپ بېكىتكەن. 1976-يىلى تېھراننىڭ ئاھالىسى 4 مىليۇن 500 مىڭغا يەتكەن.