پىنسىيونېرلار ياقتۇرىدىغان دۆلەتلەر
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-12-13 13:02

ئامېرىكا«خەلقئارالىق تۇرمۇش» ئايلىق ژۇرنىلىنىڭ ئېلان قىلىشىچە، 2013-يىللىق شىمالىي ئامېرىكا پىنسىيونېرلىرىنىڭ ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان كۆچمەن دۆلىتىنى تاللاش نەتىجىسىدە، ئېكۋاتور تۇرمۇش تەننەرخى تۆۋەن، ھاۋاسى ئىللىق ۋە ئۆي-زېمىن باھاسى تۆۋەن، ئۆز تالانتىنى جارى قىلدۇرالايدىغان بولۇشتەك ئەۋزەللىكلىرى بىلەن ئۇدا بەش قېتىم بىرىنچىلىككە ئېرىشكەن. ئېكۋاتورنىڭ ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىكى:تۇرمۇش تەننەرخى تۆۋەن.

«خەلقئارالىق تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرلىرى تۇرمۇش تەننەرخى، ھاۋا كېلىماتى، ئۆي باھاسى، سەھىيە سەۋىيىسى، سىرتتىن كەلگەنلەرنى قوبۇل قىلىش دەرىجىسى، ئاساسىي ئەسلىھە، كۆڭۈل ئېچىش سېستىمىسى ۋە ياشانغانلار ئالاھىدە پاراۋانى قاتارلىق تەرەپلەردىن باھالىغاندا، ئامېرىكا ۋە كانادادىكى كۆپلىگەن پىنسىيونېرلار توپى ياخشى كۆرىدىغان كۆچمەن دۆلەت جەنۇبىي ئامېرىكا قىتئەسىدىكى ئېكۋاتور بولۇپ، بىرىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. «خەلقئارالىق تۇرمۇش» ژۇرنىلىنىڭ ئالاھىدە تۈرگە مەسئۇل تەھرىرى پرېيشېر، رېيتېر ئاگېنتلىقى مۇخبىرىغا:«مېنىڭچە ئېچىۋېتىلگەن مەدەنىيەت، ئازادە مۇھىت، جانلانغان سودا-سېتىقى قاتارلىق جەھەتلەردە ئامېرىكا بىلەن پەرقلىنىپ كەتمىگەچكە ئېكۋاتور بۇ تىزىملىكتە بىرىنچى ئورۇندا تۇردى»دېگەن. ئېكۋاتورنىڭ شىمالىي ئامېرىكا پىنسىيونېرلىرى توپىنىڭ ئالاھىدە ياخشى كۆرۈشى ۋە قوللىشىغا ئېرىشىشى-تۇرمۇش تەننەرخىنىڭ ئالاھىدە تۆۋەنلىكىدە. بۇ يەردە ھەر ئايلىق تۇرمۇش راسخوتى ئۈچۈن 900~1400 ئامېرىكا دوللىرى بولسىلا يېتىدىكەن، بىر بوتولكا پىۋىنىڭ باھاسى بىر ئامېرىكا دوللىرىغىمۇ يەتمەيدىكەن، بىر قېتىم دوختۇرغا كۆرۈنۈش، بىر سائەت بەدەن ئۇۋىلىتىش ئۈچۈن ئارانلا 25 ئامېرىكا دوللىرى كېتىدىكەن.

پرېيشېر: «جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى پانامانىڭ كۆپلىگەن ئالاھىدىلىكلىرى ئېكۋاتور بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، لېكىن تۇرمۇش تەننەرخى ئېكۋاتوردىن يۇقىرىراق، شۇڭلاشقا ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ» دېدى. پانامادا پىنسىيونېرلار ۋىزىسىنى بېجىرىش ئاسان بولۇپ، چەتئەللىك پىنسىيونېرلارنىڭ ئەڭ تېز سۈرئەتتە ئولتۇراقلىشىش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشىگە ناھايىتى قولايلىق ئىكەن. پانامانىڭ شىمالىي ئامېرىكا پىنسىيونېر كۆچمەنلىرىنى ئۆزىگە جەلپ قىلىدىغان ئېتىبار تەدبىرلىرىدىن يەنە، پىنسىيونېرلارنىڭ توپ دورا سېتىۋېلىشى، كۆڭۈل ئېچىش ھەم تاماقلىنىش ئېتىبارلىرىمۇ بار ئىكەن. ئەلۋەتتە، يەرلىكلەرنىڭ قىزغىن مۇئامىلىسىمۇ ئۇلارنى قىزىقتۇرىدىغان مۇھىم ئامىلدۇر.

شىمالىي ئامېرىكا پىنسىيونېرلىرى ياخشى كۆرىدىغان كۆچمەن دۆلەتلەرنىڭ، ئالدىنقى10 قاتاردىكى دۆلەت ئىچىدە، ئىسپانىيە تىلى دۆلىتى كۆپ ساننى ئىگىلەيدىكەن، مېكسىكا تۆتىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن. كوستارىكا، ئۇرۇگۋاي، كولومبىيە، ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بەشىنچى ئورۇندا تۇرىدىكەن.

پرېيشېر:«گەرچە بۇ دۆلەتلەرنىڭ تىلى ئوخشىمىغىنى بىلەن، شىمالىي ئامېرىكا پىنسىيونېرلىرىنىڭ كۆپ قىسمى ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن بۇ دۆلەتلەرنىڭ قوبۇل قىلىدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى ئوخشايدۇ» دېگەن.

شىمالىي ئامېرىكىلىق پىنسىيونېرلىرى ياقتۇرىدىغان ئون چوڭ كۆچمەن دۆلەتنىڭ ئىچىدە ئىككى ئاسىيا دۆلىتى بولۇپ، مالايسىيا كىشىنى مەپتۇن قىلىدىغان دېڭىز ساھىلى، كىشىگە راھەت-بەخش ئاتا قىلىدىغان ھاۋا كېلىماتى، ئەرزان تۇرمۇش خىراجىتى ۋە ئۆي ئىجارە ھەققى جەھەتلەردىكى ئەۋزەللىكلىرى بىلەن پىنسىيونېرلارنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلىپ، ئالدىنقى ئۈچنىڭ ئىچىگە كىردى. تايلاند جانلانغان سودا-سېتىق ئىشلىرى، ئۆزگىچە مەدەنىيىتى، دالا تۇرمۇش ئۇسلۇبى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكلىرى بىلەن 9-ئورۇندا تۇرىدىكەن. مالتا ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەزا دۆلىتى. ئىنگىلىزتىلى ئىككىنچى ھۆكۈمەت تىلىدۇر. مالتا جىنايەت ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىكى، ئوتتۇرا دېڭىز كېلىماتى ۋە ئىنگىلىزتىلىدە سۆزلىشىدىغانلارنىڭ كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان ئەۋزەللىكلىرى بىلەن 10-ئورۇندا تۇرغان. ئىرېلاندىيە، پورتۇگالىيە، ئىتالىيە، فىلىپپىن ۋە يېڭى زېلاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەر تۇرمۇش تەننەرخى سەل تۆۋەنرەك بولۇپ، 10-ئورۇندا تۇرىدىكەن. بۇ شەھەرلەر سەككىز باھالاپ سېلىشتۇرۇش تۈرى بويىچە تاللانغان بولۇپ، بۇ سەككىز تۈر ئۆي-مۈلۈك باھاسى، پىنسىيونېرلار ئالاھىدە پاراۋانى، تۇرمۇش تەننەرخى، ئۇنۋېرسال تۈر، كۆڭۈل ئېچىش ۋە ئەسلىھە، سەھىيە ساغلاملىقى، پېنسىيە ئاساسىي ئەسلىھەلىرى، ھاۋا كېلىماتى.

تىزىملىكتىكى ئالدىنقى ئون دۆلەت:1. ئېكۋاتور، 2. پاناما، 3. مالايسىيە، 4. مىكسىكا، 5. كوستارىكا، 6.ئۇرۇگۋاي، 7. كولومبىيە، 8. ئىسپانىيە، 9.تايلاند، 10. مالتا