سامسۇڭ گورۇھى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-12-20 11:29

كورىيىنىڭ "سامسۇڭ" گۇرۇھى 1938-يىلى قۇرۇلغان. 1991-يىلى "سامسۇڭ" گۇرۇھى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك 500 كارخانا ئىچىدە 18-ئورۇندا تۇرغان. ھازىر "سامسۇڭ" گۇرۇھى كورىيىدىكى ئەڭ چوڭ مونوپول گۇرۇھنىڭ بىرى بولۇپ قالدى. بۇ گۇرۇھقا قاراشلىق شىركەتلەر سودا، پۇل-مۇئامىلە، ئېلېكترون، پاراخوت ياساش، ئېغىر سانائەت ۋە خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. ھازىر سامسۇڭ شىركىتى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ كومپىيۇتېر ئېكرانى ئىشلەپچىقارغۇچى، دۇنيادىكى 3-تېلېفون ئىشلەپچىقارغۇچى، دۇنيادىكى 5-ئىچكى ساقلىغۇچ ئىشلەپچىقارغۇچى كارخانا بولۇپ كورىيەنىڭ پەخرىگە ئايلاندى. "سامسۇڭ" گۇرۇھىنىڭ كىچىك بىر ئۇيۇشمىدىن كورىيە ئىقتىسادىدا مۇھىم رول ئوينايدىغان چولپانغا ئايلىنىشى ئۇنىڭ قۇرغۇچىسى لى بيۇڭچۇلنىڭ تىجارەت ئېڭى ۋە پرىنسىپىدىن ئايرىلالمايدۇ. لى بيۇڭچۇل ئۆزىنىڭ تۆۋەندىكىدەك تىجارەت يولىنى شەكىللەندۈرگەن: لى بيۇڭچۇلنىڭ تىجارەت ئىدىيىسى ۋە كۆز قارىشىنىڭ تەسىرىدە "سامسۇڭ" گۇرۇھى باشتىن-ئاخىر بىرىنچى بولۇش پرىنسىپىنى ئىجرا قىلىپ كەلگەن. بىرىنچىلىكنى قولغا كەلتۈرۈش "سامسۇڭلۇقلار"نىڭ ئاساسىي قىممەت قارىشى. ئەمەلىيەتتە، شىركەتنىڭ بۇ خىل مەدەنىيىتى" سامسۇڭ" دېگەن ئىسىمدىمۇ تولۇق ئىپادىلەنگەن. "سامسۇڭ" دېگەن سۆز كورىيىچە "ئۈچ يۇلتۇز" دېگەن مەنىدە بولۇپ، "بۈيۈك"، "كۈچلۈك"، "مەڭگۈ نۇر چېچىپ تۇرماق" دېگەندەك سىمۋوللۇق مەنىگە ئىگە.

"سامسۇڭ" گۇرۇھى تىجارەت ۋە باشقۇرۇش جەھەتتە باشتىن- ئاخىر بىرىنچىلىكنى قوغلىشىپ كەلگەن. بىرىنچىدىن، "بىرىنچى"لىكنى تالىشىش ئىدىيىسى "سامسۇڭ" گۇرۇھىغا قاراشلىق شىركەتلەرنىڭ ئىسىملىرىدىمۇ ئىپادىلىنىدۇ. مەسىلەن، بىرىنچى كەمپۈت ياساش شىركىتى، بىرىنچى يۇڭ توقۇمىچىلىق شىركىتى، بىرىنچى تاللا شىركىتى، بىرىنچى پىلان شىركىتى، بىرىنچى توڭلىتىش شىركىتى دېگەندەك. مۇشۇنداق بىرىنچىلىكنى قوغلىشىش ئارقىلىق، "سامسۇڭ" گۇرۇھى باشقۇرغۇچىلارغا كارخانىنى مەڭگۈ ئالدىنقى قاتاردىكى كارخانا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىدىيىسىنى سىڭدۈرگەن. ئىككىنچىدىن، سۈپەتنى، خېرىدارلارنى بىرىنچى ئورۇندا قويغان. ئەينى يىلى "سامسۇڭ" گۇرۇھىنىڭ قەلەم ئىشلەپ چىقىرىدىغان شىركىتى گېرمانىيىدىن 30 خىل قەلەمنىڭ نۇسخىسىنى سېتىۋالغان. لى بيۇڭچۇل ئۇلارنىڭ ئارىسىدىن ئىككى نۇسخىسىنى تاللاپ، تەقلىد قىلىپ ئىشلەپچىقارغان ھەمدە ئىشلەپچىقارغان نۇسخىنى ئۆزى تەكشۈرۈپ، ئۆلچەمگە يەتكەندىن كېيىن، ئاندىن تۈركۈملەپ ئىشلەپچىقىرىشقا رۇخسەت قىلغان. بۇ خىل روھ "سامسۇڭ" گۇرۇھىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنىڭ كەسكىن رىقابەتتە خەلقئارا بازاردا پۇت تىرەپ تۇرىشىغا تۈرتكە بولغان. بىرىنچى بولۇش پرىنسىپى يەنە "سامسۇڭ" گۇرۇھىنىڭ ئىستراتېگىيىسىدە ئىپادىلەنگەن. لى بيۇڭچۇلنىڭ "سامسۇڭ" گۇرۇھىنى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى كارخانا قىلىپ قۇرۇپ چىقىش ئىرادىسى بار ئىدى، ئۇ ۋاپات بولغاندىن كېيىن، 1987- يىلى ئۇنىڭ ۋارىسى "سامسۇڭ" گۇرۇھىنى دۇنيادىكى ئون چوڭ كارخانا قاتارىغا كىرگۈزۈشنى "سامسۇڭ" گۇرۇھىنىڭ 21- ئەسىردىكى ئىستراتېگىيىلىك تىجارەت نىشانى قىلغان. بىرىنچى بولۇش پرىنسىپى "سامسۇڭ" گۇرۇھىنىڭ ئادەم بايلىقىنى باشقۇرۇشتىكى "ئىختىساسلىقلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش" پرىنسىپىدىمۇ ئىپادىلەنگەن. "سامسۇڭ" گۇرۇھى كارخانىنىڭ ھايات-ماماتى خادىملارنىڭ ساپاسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دېگەن پرىنسىپتا چىڭ تۇرۇپ كەلگەن. "سامسۇڭ" گۇرۇھىدا "بىر مۇنەۋۋەر خادىم 100 ئادەمنى باقالايدۇ" دەيدىغان قاراش بار. "سامسۇڭ" گۇرۇھىنىڭ ئىختىساسلىقلارنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتىن ئىبارەت بۇ خىل پرىنسىپى خادىملارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن ھەمدە "سامسۇڭ"نىڭ كارخانا مەدەنىيىتىنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغان. "سامسۇڭ" گۇرۇھىنىڭ ھەر بىر خادىمنى سىستېمىلىق تەربىيىلەش پىلانى بار. خادىملار ئۆزىگە ماس كېلىدىغان ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالغان چاغدا شىركەتنىڭ يۇقىرى قاتلىمى خىزمەتلەرنىڭ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ھەر بىر خادىمغا تولۇق تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. "يادرولۇق كىشىلەرنى جەلپ قىلىش"- "سامسۇڭ" گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرىنىڭ ئادەت سۆزى. 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ بېشىدا "سامسۇڭ" گۇرۇھى ياپونىيىلىك بىر مۇتەخەسسىسنى مەسلىھەتچىلىككە تەكلىپ قىلغان. لېكىن "سامسۇڭ"نىڭ ئېلېكترون تىجارەت كوللېكتىپى ئۇنىڭ مەسلىھەتىگە سەل قارىغان، بۇ مەسلىھەتچى بۇ ئىشنى تەنقىدلەپ دوكلات يازغان. كېيىن باش مۇدىر بۇ دوكلاتنى كۆرۈپ قېلىپ ئىنتايىن خاپا بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن "سامسۇڭ" گۇرۇھى تەكلىپ قىلىنغان ئىختىساسلىقلارغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن تىرىشىدىغان بولغان.

"سامسۇڭ" گۇرۇھى ساتقۇچىلارنىڭ ئەمەلىي ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىككى ئادەمنى بىر گۇرۇپپا قىلىپ، "سامسۇڭ"نىڭ مەھسۇلاتلىرىنى سېتىشقا بۇيرۇيدۇ، ئون سائەت ئىچىدە ئەڭ كۆپ ساتقان خادىملار كۆپ نومۇرغا ئېرىشىدۇ. بۇ ئارقىلىق "سامسۇڭ" گۇرۇھى ئىختىساسلىقلارنى بايقايدۇ. شىركەت يەنە ئىقتىدارلىقلارنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ. ئۇلارنى مۇكاپاتلايدۇ ھەمدە ئۆستۈرىدۇ. بۇ خىل ئەمەلىي خىزمەت جەريانىدىكى تەربىيىلەش ئۇسۇلى خادىملارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە ياخشى ئۈنۈم بېرىدۇ. "سامسۇڭ" گۇرۇھىنىڭ مۇشۇنداق ئادەم ئىشلىتىش ئۇسۇلى ئۇنى كىچىك بىر شىركەتتىن ئائىلە ئېلېكترون سايمانلىرى ۋە كومپيوتېر ئىشلەپچىقىرىش جەھەتتە دۇنيا بويىچە ئالدىنقى قاتارد تۇرىدىغان چوڭ كارخانىغا، كورىيىنىڭ سەركىسىگە ئايلاندۇرغان.