داڭلىق زەپەر دەرۋازىلىرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-12-20 15:36

زەپەر دەرۋازىسى ياۋروپانىڭ ئۇرۇش غەلبىسىنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن سېلىنغان ئەنئەنە خاراكتىرلىك قۇرۇلۇشى بولۇپ، دەسلەپ يۇناندا باشلانغاندىن كېيىن قەدىمكى رىم دەۋرىدە ئومۇملاشقان، ئەينى ۋاقىتتا ھۆكۈمرانلار زەپەر دەرۋازىسى ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇش ئۇتۇقىنى كۆرسەتكەن، كېيىن ياۋروپادىكى باشقا دۆلەتلەرمۇ ھەر قېتىم غەلىبە قازانغىنىدا ئۆز غەلىبىسىنى تەنتەنە قىلىش ئۈچۈن قوللانغان. زەپەر دەرۋازىسى ئادەتتە شەھەرلەرنىڭ مۇھىم كوچىلىرىغا، خەلق مەيدانلىرىغا تاشتىن قوۋۇق شەكلىدە قوپۇرۇلىدۇ، بىرياكى ئۈچتىن ئەگمە دالانچە بولىدۇ. ئۈستىگە ھۆكۈمرانلارنىڭ ئۇرۇش ئۇتۇقلىرىنى ئىپادىلەيدىغان قاپارتما نەقىشلەر ئويۇلغان بولىدۇ.

مەشھۇر زەپەر دەرۋازىلىرى

1.ھازىرغىچە ساقلىنىپ قالغان ئەڭ قەدىمى زەپەر دەرۋازىسى-تىتۇس زەپەر دەرۋازىسى بولۇپ، مىلادى 82-يىلى قۇرۇلغان، ئېگىزلىكى 14.4 مېتىر، كەڭلىكى 13.3 مېتىر، قېلىنلىقى 6 مېتىر، ئۈستىدە قاپارتما نەقىشلەر بار. ئىمپىرىيەنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىدە تىتۇس پادىشاھى يەھۇدىلارنى بېسىۋالغانلىق غەلبىسىنى خاتىرلەش يۈزىسىدىن قۇرغان.

2. سېۋىرۇ زەپەر دەرۋازىسى-مىلادى 315-يىلى قۇرۇلغان، ئۈچ ئەگمە دالانچىسى بار، كونسىتاتىن ئىمپىراتۇرىنىڭ 312-يىلى غەلبە قىلغانلىغىنى خاتىرلەش يۈزسىدىن قۇرغان. بۇ زەپەر دەرۋازىسىنىڭ بېزىلىشى كۆپ خىل بولۇپ، كۆپ قىسمى قەدىمكى رىم پادىشاھلىقىنىڭ زەپەر دەرۋازىسى ياكى باشقا قۇرۇلۇشلارنىڭ زىننەت بۇيۇملىرىدىن كەلگەن.

3. ئەڭ مەشھۇر زەپەر دەرۋازىسى-فىرانسىيە پارىژ زەپەر دەرۋازىسى بولۇپ، پارىژنىڭ دې گولىزىم يۇلتۇزسىمان مەيدانىنىڭ دەل ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان، فىرانسىيە پادىشاھى ناپالىئون بوناپارتنىڭ جەڭدە غەلىبە قىلغانلىقىنى خاتىرلەش ئۈچۈن قۇرغان. 1806-يىلى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇلىنى سالغان، 1836-يىلى 7-ئاينىڭ 29-كۈنى پۈتۈپ چىققان. ئاساسلىق لاھىيلىگۈچىسى شاللىر گېران ئېگىزلىكى 50 مېتىر، كەڭلىكى 45 مېتىر، قېلىنلىقى 23 مېتىر، ئىچكى قىسمىدا ناپالىئونغا ئەگىشىپ جەڭ قىلغان 836 نەپەر قەھرىماننىڭ ئىسمى ئويۇلغان. ئۈستىگە تارىختىكى مۇھىم جەڭلەرنىڭ قاپارتما نەقىشلىرى ئويۇلغان. 1920-يىلى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى فىرانسىيە ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن زەپەر دەرۋازىسى ئاستىغا نامسىز قەھرىمانلار قەبرىسى ئورنىتىلدى ھەم قەبرىگە ئۆچمەس چىراق ئورنىتىلىپ قەھرىمانلارنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەيدىغانلىقىغا سىمۋول قىلىندى. پارىژ زەپەر دەرۋازىسى ئېففېل تۆمۈر مۇنارى بىلەن بىرلىكتە فىرانسىيەنىڭ شانۇ شەۋكىتىگە سىمۋول قىلىنىدۇ.