ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت (1)
مەنبەسى:خەلق تورى     |تەھرىر:پەزىلەت ئارسلان|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-01-15 15:16

.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت (1)

 

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىكى ئەڭ چوڭ مەسچىت پايتەخت ئابۇزابىغا جايلاشقان 500 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك مەبلەغ بىلەن سېلىنغان شەيخ زايىد مەسچىتى بولۇپ، بىرلا ۋاقىتتا 40 مىڭدىن كۆپرەك ئادەمنى سىغدۇرالايدۇ. بارلىق قۇرۇلۇش ھىندىستاندىن ئىمپورت قىلىنغان ئاق مەرمەردىن ياسالغان بولۇپ، مەڭگۈ رەڭگى ئۆڭمەيدۇ. مەسچىتنىڭ ئاساسلىق ناماز ئوقۇيدىغان چوڭ زالىغا سېلىنغان گىلەم قولدا توقۇلغان گىلەمنىڭ كۆلمى 5627 كۋادرات مېتىر، ئېغىرلىقى 35 توننا بولۇپ، دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ گىلەم ھېسابلىنىدۇ، گىلەم ئىران ۋە يېڭى زىنلاندىيەدىن ئىمپورت قىلىنغان قوي يۇڭىدىن توقۇلغان.

  مەسچىتنىڭ ئەتراپىدا يەنە ئىنتايىن چوڭ سۇ كۆلچىكى بار، سۈپسۈزۈك كۆل سۈيى مەسچىتنىڭ ئەتراپىنى تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگۈزگەن. ھەر جۈمە كۈنى يەرلىك ۋە ھەر جايلاردىن كەلگەن نەچچە مىڭلىغان مۇسۇلمانلارنىڭ بۇ مەسچىتتە بىرلىكتە جۈمە نامىزى ئوقۇغان كۆرۈنۈشى كىشىگە ئاجايىپ ھەيۋەت تەسىر بېرىدۇ.