سىرلىق تاش ئوردىدىكى ئېچىلمىغان سىرلار (1)
مەنبەسى:خەلق تورى     |تەھرىر:پەزىلەت ئارسلان|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-01-15 15:31
 

 

 
 شىنجاڭ بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئارشاڭ ناھىيەسىنىڭ غەربىگە 40 كىلومېتىردىن ئارتۇق كېلىدىغان جايدا «ئادۇنچورۇم» ناملىق بىر قەدىمكى خارابە بار. بۇ خارابە موڭغۇل تىلىدا «ئاتلار توپىغا ئوخشايدىغان تاش» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. يىراقتىكى تاغ تىزمىسىدا تۇرۇپ نەزەر سالغاندا، كەڭ كەتكەن يايلاقتا پەقەت تۈرلۈك پارچە تاشلارنىڭ شاھمات ئۇرۇقلىرىدەك يېيىلغانلىقىنى ھەمدە نۇرغۇن ئاتلارنىڭ چېپىپ كېتىۋاتقان ھالىتىگە ئوخشايدىغان شەكىللەرنى ھاسىل قىلغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ ئاتلار توپى ئارخېئولوگلار تەرىپىدىن «سىرلىق تاش ئوردا» دەپ ئاتالغان. «سىرلىق تاش ئوردا» ئىچىدە بۇنىڭدىن 4000 يىل بۇرۇنقى قەدىمقى كىشىلەرنىڭ قەبرىسى ۋە ئۇلارنىڭ نەزىر-چىراغ بېرىدىغان تاش سەھنىسى بار. ئۇنىڭ بايقىلىشى پۈتۈن مەملىكەتنى زىلزىلگە سالغان بولۇپ، 2012-يىلى «جۇڭگودىكى ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاش»نىڭ بىرى دەپ باھالاندى. سىرلىق تاش ئوردىنىڭ ئىچىگە زادى قانداق سىرلار يوشۇرۇنغان؟ بۇ يەردە قايسى مىللەتلەر ئولتۇراقلاشقان؟ ئۇلار قەيەردىن كەلگەن؟ يەنە قەيەرگە كەتكەن؟ بۇ سىرلار كىشىلەرنىڭ ئېچىشىنى كۈتۈپ تۇرماقتا.

  قەدىمكى كىشىلەر چوڭ تاشنى قانداق يۆتكىگەن؟
«تاش سەھنە» تەكشى تىكلەپ قويۇلغان غايەت چوڭ تاش بولۇپ، كەڭلىكى توققۇز مېتىرغا يېقىن، ئېگىزلىكى تەخمىنەن ئالتە مېتىر كېلىدۇ، ئۇ شەرقىي شىمالغا قارايدۇ. يىراقتىكى تاغ تىزمىسىدىن قارىغاندا ئۇ ئاغزىنى ئېچىپ تۇرغان بىر پاقىغا ئوخشايدۇ. ئۇنىڭ ئەتراپىدا يەنە بىر ئايلانما شەكىللىك ئۇششاق تاشلار بار بولۇپ، ئارخېئولوگلار بۇنى قەدىمكى كىشىلەرنىڭ «نەزىر-چىراغ ئۆتكۈزىدىغان پائالىيەت مەركىزى» دەپ پەرەز قىلغان.
قەدىمكىلەرنىڭ نەزىرىدە تاغ-دەريالارنىڭمۇ جېنى بار، بولۇپمۇ «ئادۇنچورۇم خارابىلىقى»غا ئوخشاش ئوت-چۆپتىن باشقا، يەنە تاش بار جايدا گەۋدىلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە تاشلار كىشىلەرنىڭ مەنىۋى تاپشۇرۇقىغا ئايلانغان. كىچىك تاغدىكى بەزى غايەت چوڭ تاشلارنىڭ يىلتىزى يوق بولۇپ، ئاستىغا كىچىك تاشلار قويۇلغان. بۇ تاشلار يەر ئاستىدىن ئۈنۈپ چىققان تاش بولماستىن، بەلكى قەدىمكى كىشىلەر باشقا جايدىن يۆتكەپ كەلگەن تاش بولۇپ، مەلۇم نەزىر–چىراغ پائالىيىتى ئۆتكۈزىدىغان ئەلچى تاش بولۇشى كېرەك.
ئارخېئولوگىيە خادىملىرى كاربون 14 تەجرىبىسى ئارقىلىق «ئادۇنچورۇم خارابىلىكى»دىكى سىرلىق تاش ئوردىنىڭ يىل دەۋرىنىڭ مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 19-ئەسىردىن مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 17-ئەسىرلەرگە توغرا كېلىدىغانلىقى ۋە بىرونزا دەۋرىنىڭ ئالدىنقى مەزگىللىرىگە تەئەللۇق ئىكەنلىكى، تەخمىنەن 4000 يىل بولغانلىقىنى بېكىتكەن. قەدىمكى كىشىلەر ئۈچ-تۆت توننا، ھەتتا ئون نەچچە توننا كېلىدىغان غايەت چوڭ تاشنى تاغدىن قانداق يۆتكىگەن؟ ئەجەبا تاشنى كۆتۈرىدىغان ئارغامچا ياكى ياغاچ پىشاڭ كەشىپ قىلىپ، غايەت چوڭ تاشنى تاغقا ئېلىپ چىققانمىدۇ؟