دۇنيادىكى ئەڭ سوغۇق شەھەر-ياكۇتسىك
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-02-14 17:31

شىمالىي قۇتۇپ چەمبىرىكىنىڭ جەنۇبىغا 450 كىلومېتىر كېلىدىغان يەرگە جايلاشقان روسىيەنىڭ ياكۇتسىك (Yakutsk)شەھىرىنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ سوغۇق شەھەر دىگەن نامى بار بولۇپ، قىش پەسلىدىكى ئوتتۇرىچە تېمپىراتورا نۆلدىن تۆۋەن 40 سېلسىيە گرادوستىن تۆۋەن بولىدىكەن، ئەڭ سوغۇق بولغان ۋاقىتلاردا ھەتتا نۆلدىن تۆۋەن 60 سېلسىيە گرادوسقا چۈشىدىكەن. پەسىلنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، ياكۇتسىكنىڭ تېمپىراتورىسىدىكى ئۆزگۈرۈش ئىنتايىن چوڭ بولىدۇ. ياز پەسلىدە ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 25 سېلسىيە گرادوسقا يېتىدۇ، قىش پەسلىدە ھەتتا نۆلدىن تۆۋەن 60 سېلسىيە گرادوسنىڭ تۆۋىنىگە چۈشۈپ قالىدۇ. ياكۇتسىكنىڭ ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتۇرىسى فېۋرالدا كۆرۈلگەن بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپىراتورا 64.4 سېلسىيە گرادوسقا چۈشۈپ قالغان. ھازىر بۇ يەرنىڭ تېمپىراتورىسى نۆلدىن تۆۋەن 49 گرادوس. يەر يۈزىنىڭ ھەممىسى مەڭگۈلۈك مۇز توپا بولغانلىقتىن، بۇ يەردە ئىگىز ئىمارەتلەرنى سېلىش قىيىن بولۇپلا قالماي يەنە خەتەرلىك، بارلىق ئىمارەتلەرنىڭ ھەممىسى دىگۈدەك بېتون ئۈستىگە قۇرۇلىدۇ. بىراق شۇ يەرلىك كىشىلەر بۇ خىل قاتتىق سوغۇققا كۈنۈپ كەتكەن، تېمپىراتورا تۆۋەنلەپ 52 سېلسىيە گرادوسقا چۈشمىگىچە مەكتەپلەر تاقالمايدۇ. ياكۇتسىكدا ھازىر 270 نۇپۇس بار بولۇپ، سىبىرىيە رايۇنىدىكى ئۇمۇمىي نۇپۇسنىڭ تۆتتىن بىر قىسمىنى ئىگىلەيدۇ.