بېنگالنىڭ پايتەختى داككا
مەنبەسى:تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى     |تەھرىر:پەزىلەت ئارسلان|     يوللانغان ۋاقىت: 2014-04-16 12:41

تېھراندا ئولتۇرۇشلۇق ئىرانلىق فوتوگراف پەدرام سالامەي ‹‹پەرىشتىنىڭ چۈشى››ناملىق سۈرەت توپلىمىدا ، بېنگالنىڭ پايتەختى داككانىڭ سىرلىق مەنزىرسىنى سۈرەتلەپ بەرگەن .

گانگې دەرياسى دېلتاسىغا جايلاشقان داككانىڭ ھاۋا كىلىماتى نەم ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلىرى بۈك-باراقسان ، كوچىلىرى ھەدىدىن زىيادە ۋاراڭ-چۇرۇڭ ۋە تىقما-تىقما بولۇپ ، ھەممە ئۆز ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش . فوتوگراف پەدرام داككاغا كەلگەندىن كېيىن ، ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزگەن . ئۇنىڭ نەزىرىدە بۇ چاتقاللىق ئىچىدە چوڭ بولغان داككارلىقلارنىڭ تۇرمۇشى ناھايىتى جاپالىق بولۇپ، غۇربەتچىلىكتە ياشاپ كەلگەن. فوتوگرافنىڭ نەزىرىدە داكارلىقلار دىنغا، تەبىئەتكە ۋە ھاياتقا چوقۇنىدىغانلاردىن بولغاچقا، ھەقىقىي ئەقىل-پاراسەت ئىگىلىرى ئىكەن .

داككارلىقلار باشقىلار ئىيتقاندەك سىياسىي ئىشلارغا ۋە ئىجتىمائىي تالاش-تارتىشلاغا ئانچە قىزىقىپ كەتمەيدىكەن . ياۋروپالىقلاردىنمۇ بەكرەك ئەركىنلىك، تىنىچلىققا ۋە بەختلىك تۇرمۇشقا ئىنتىلىدىكەن.