سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2015-05-05 09:48

 

سەئۇدى ئەرەبىستان

沙特阿拉伯, Saudi Arabia 

تۈزىگۈچى: ئىسكەندەر جېلىل

 

زېمىن ئەھۋالى:

سەئۇدى ئەرەبىستانى پادىشاھلىقى ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ شىمالىدىكى كۆپ قىسىم ۋە ئاساسلىق زېمىننى ئىگىلىگەن بولۇپ، شىمالدا ئىئوردانىيە ۋە ئىراق بىلەن، غەربىي شىمالدا مىسىرنىڭ سۋەيش رايونى بىلەن، جەنۇبتا يەمەن ۋە ئومان بىلەن، شەرقتە ئەرەب بىرلەشمە خەلپىلىكى ۋە قاتار بىلەن چىگرالىنىدۇ. شەرق تەرىپى پارس قولتۇقىغا، غەرب تەرىپى قىزىل دېڭىزغا تۇتىشىپ تۇرىدۇ. دېڭىز قىرغىقى ئۇزۇنلۇقى 2437 كىلومېتىر.

دۆلەت زېمىنىنىڭ يېرىمىنى قۇم قاپلىغان بولۇپ، شەرقىي جەنۇبقا جايلاشقان رۇبئەل خالى قۇملۇقىنىڭ دائىرىسى 650 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ، ھەمدە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەڭ چوڭ قۇملۇق ھېساپلىنىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سەئۇدى ئەرەبىستاندا يىل بويى ئېقىپ تۇرىدىغان دەريا ئېقىنلار ۋە كۆللەر يوق. شۇڭا «قۇملۇق دۆلىتى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ غەربى ئىگىز شەرقى پەس. غەربىي تەرەپتە ھېجاز- ئەسىر ئىگىزلىكى بار بولۇپ، جەنۇبتىكى ھېجاز تاغ تىزمىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى 3000 مېتىردىن ئاشىدۇ. ئوتتۇرا قىسىمىغا ناجىد ئىگىزلىكى جايلاشقان. شەرقىي قىسىمى بولسا تۈزلەڭلىكتىن تەركىب تاپقان.

ئومومىي يەر كۆلىمى 2 مىليون 250 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، دۇنيا بويىچە 14-ئورۇندا تۇرىدۇ. سەئۇدى ئەرەبىستان جەمئىي 14 ماناتاھ ئىدارىيە (ئۆلكىدەك مەمۇرىي رايون)دىن تەشكىل تاپقان بولۇپ، بۇلار: جەۋف، ھۇدۇد شىمالىيە (شىمالىي چېگرا)، جائىل، تەبۇك، قاسىم، مەدىنە، مەككە، رىياد، باھە، ئەسىر، جازان، نەجران ۋە شەرقىيە (شەرقىي ئۆلكە) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. ھەر بىر ماناتاھ ئىدارىيە يەنە بىر قانچىلىغان مۇھافەزات رايونلىرىغا بۆلىنىدۇ. پايتەختى رىياد، نوپۇسى 4 مىليون بولۇپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ھېساپلىنىدۇ.