خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2011-12-25 10:10
خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى قۇرۇلغاندىن بۇيان، كاپالەتلىك قىلىش، نازارەت قىلىش ساھەسىدە 140 نەچچە دۆلەت ۋە رايون تەشكىلاتى بىلەن ئومۇميۈزلۈك كاپالەتلىك قىلىش ۋە نازارەت قىلىش كېلىشىمى ۋە يەككە تۈرلۈك كاپالەتلىك قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى ھەمدە يادرو قورالغا ئىگە دۆلەتلەر بىلەن ئىختىيارلىقى بىلەن كاپالەتلىك قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.
1984-يىلى جۇڭگو ھۆكۈمىتى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىغا كېلىشىمنى قوبۇل قىلىش خېتى تاپشۇرۇپ، بۇ ئورگاننىڭ رەسمىي ئەزاسى بولدى. نەچچە ئون يىلدىن بۇيان، جۇڭگو بۇ ئورگاننىڭ بەزى خەلقئارا ئەھدىنامىلىرىنى تۈزۈش خىزمىتىگە قاتناشتى ھەمدە بۇ ئورگان بىلەن بىر قاتار ئەھدىنامىلەر ۋە كېلىشىملەرنى ئىمزالىدى. 2009-يىلى 4-ئايدا، جۇڭگو دۆلەتلىك ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ مۇدىرى چېن چيۇفا خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى بارادى بىلەن بېيجىڭدا ئورتاق بايانات ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپ ئورگىنىنىڭ يەنىمۇ تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئىككى تەرەپنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچ ، بىخەتەر ۋە ئىشەنچلىك پايدىلىنىش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگونىڭ ئىجتىمائىي، ئىقتىسادىي ئىشلىرىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 2010-يىلى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى ئېلىمىز ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى بىلەن يادرو بىخەتەرلىكىنى قوغداش ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، ئىككى تەرەپنىڭ يادرو بىخەتەرلىكىنى قوغداش قانۇن نىزام ئۆلچىمى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى.
2011-يىلى 3-ئايدا خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى كېڭىشى بىر يېڭى كۆپ تەرەپلىك يادرو يېقىلغۇسى بىلەن تەمىنلەش لايىھەسىنى ماقۇللىدى، بۇنىڭدىن مەقسەت- يادرو يېقىلغۇسى ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى بولمىغان تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچلىق ئۈچۈن پايدىلىنىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش بىلەن بىرگە، يادرو قوراللارنىڭ كېڭىيىپ كېتىشى خەۋپىنى تۆۋەنلىتىش.
بۇندىن بۇرۇن، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ئىككى تۈرلۈك كۆپ تەرەپلىك يادرو يېقىلغۇسى بىلەن تەمىنلەش پىلانىنى تەستىقلىغان ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدە بۇ ئورگان بىلەن رۇسىيە ھەمكارلىشىپ قۇرغان بىر يادرو يېقىلغۇسى بانكىسى رۇسىيەنىڭ سىبىرىيە رايونىدا ئىشقا كىرىشتى، خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى كونترول قىلىدىغان يەنە بىر يادرو يېقىلغۇسى بانكىسى لايىھەسىمۇ 2010-يىلىنىڭ ئاخىرىدا كېڭەش يىغىنىدا ماقۇللانغان ئىدى.
2011-يىلى 11-ئاينىڭ 21- ۋە 22-كۈنى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنى ئاۋستىرىيەنىڭ پايتەختى ۋېنادىكى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ باش ئورگىنىدا ئوتتۇرا شەرقنى يادروسىزلاشتۇرۇش مۇنبىرى ئۆتكۈزدى.