ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-01-28 08:45

 

ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتى-ئىسلام ئەللىرى قۇرغان بىر مۇھىم تەشكىلات. ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتى 1970-يىلى 5-ئايدا رەسمىي قۇرۇلغان، ئۇ-1969-يىلى ماراكەشتە ئۆتكۈزۈلگەن تۇنجى قېتىملىق ئىسلام ئەللىرى باشلىقلىرى يىغىنىدا ماقۇللانغان قارارغا ئاساسەن قۇرۇلغان.

بۇ تەشكىلاتنىڭ باش مەقسىتى-ھەر قايسى ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقلىقنى كۈچەيتىپ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت، مەدەنىيەت ۋە پەن-تېخنىكا قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىرقىي ئايرىمىچىلىق ۋە ئىرقىي كەمسىتىشنى تېرىشىپ تۈگىتىپ، بارلىق شەكىلدىكى مۇستەملىكىچىلىككە قارشى تۇرۇش؛ پەلەستىن خەلقىنىڭ مىللىي ھوقۇقىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە يۇرت-ماكانىغا قايتىش كۈرىشىنى قوللاش؛ بارلىق مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى، مۇستەقىللىقى، مىللىي ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى قوللاشتىن ئىبارەت.

ئىسلام ئەللىرى باشلىقلىرى يىغىنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ۋە دائىمىي كاتىبات باشقارمىسى-ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىنىڭ ئاساسلىق ئورگانلىرى. باشلىقلار يىغىنى-ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىنىڭ ئەڭ ئالىي ھوقۇقلۇق ئورگىنى بولۇپ، ئۈچ يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلىدۇ، زۆرۈر تېپىلغاندا ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنى ئاچسا بولىدۇ. 1969-يىلىدىن بۇيان، ئىسلام ئەللىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئون قېتىم باشلىقلار يىغىنى ئاچتى، بۇ ئالاھىدە باشلىقلار يىغىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنى ھەر يىلى ئەزا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدا نۆۋەت بىلەن بىر قېتىمدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. كاتىبات باشقارمىسى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ جىددە شەھىرىگە تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھازىرقى باش كاتىپى تۈركىيەلىك ئەكمەلەددىن ئېھسان ئوغلى.

ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتى يەنە ئىسلام تەرەققىيات بانكىسى، ئېروسالىم كومىتېتى، ئافغانىستان مەسىلىسى كومىتېتى، ئىسلام تىنچلىق كومىتېتى، ئىسلام سوت مەھكىمىسى، ئىسلام تەرەققىيات فوندى جەمئىيىتى، ئىسلام ئىقتىساد-سودا دائىمىي كومىتېتى قاتارلىق مۇھىم ئورگانلارنى تەسىس قىلغان. 1972-يىلى ماقۇللانغان ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسىدە، بۇ تەشكىلاتنىڭ نىشانى، پىرىنسىپى، تەشكىلىي ئورگانلىرى، ئەزا دۆلەتلىك سالاھىيىتى قاتارلىقلار ھەققىدە بەلگىلىمە چىقىرىلغان. 2008-يىلى 3-ئايدا، سىنگالنىڭ پايتەختى داكاردا ئۆتكۈزۈلگەن 11-قېتىملىق ئىسلام ئەللىرى باشلىقلار يىغىنىدا، بۇ نىزامنامىدىكى ئەزا دۆلەتلىك سالاھىيىتى ۋە مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش قاتارلىق مۇھىم مەزمۇنلارغا تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ ۋە بېكىتىلىپ، ئىسلام كېڭىشى تەشكىلاتىنىڭ تارىخىدىكى بىر نامايەندە دەپ ئاتالغان.

2010-يىلى 6-ئايغىچە، بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزاسى 57 گە يېتىپ، ئاسىيا، ئافرىقا، ياۋروپاغىچە تارقىلىپ، دۇنيا نوپۇسىنىڭ بەشتىن بىرى ۋە %70 نېفىت، گاز بايلىقىنى ئىگىلىدى.