پارس ھەمكارلىق كومىتېتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-01-28 08:53

 

 پارس ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ تولۇق ئىسمى پارس قولتۇقى ئەرەب ئەللىرى ھەمكارلىق كومىتېتى، بۇ كومىتېت 1981-يىلى 5-ئايدا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ ئەبۇزەبىدە قۇرۇلغان. بۇ كومىتېتنىڭ ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئومان، بەھرەين، قاتار، كۇۋەيت، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئىبارەت ئالتە ئەزاسى بار، بۇ پارس قولتۇقى رايونىدىكى مۇھىم سىياسىي، ئىقتىسادىي تەشكىلات. باش ئورگىنى سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ رىياد شەھىرىدە تەسىس قىلىنغان. 2001-يىلى 12-ئايدا، يەمەننىڭ پارس ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ سەھىيە، مائارىپ، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي ئىشلار مىنىستىرلار كېڭىشى قاتارلىق ئاپپاراتلىرىغا كىرىپ، بۇ كومىتېتنىڭ بىر قىسىم خىزمەتلىرىگە قاتنىشىشى تەستىقلانغان.

  1984-يىلى 27-نويابىر، ئالتە ئەزا دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى كۇۋەيتتە پارس ھەمكارلىق كومىتېتى باشلىقلىرى يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشقان.

  پارس ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ باش مەقسىتى: ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەممە ساھەلەردىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىق ۋە بىر گەۋدىلىشىشنى، ئەزا دۆلەت خەلقى ئارىسىدىكى ئالاقە، ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئالتە دۆلەتنىڭ سانائەت، يېزا ئىگىلىكى، پەن-تېخنىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىلمىي تەتقىقات مەركىزى قۇرۇش، بىرلەشمە تۈرلەرنى يولغا قويۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، خۇسۇسىي كارخانىلار ئارىسىدىكى ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىغا ئىلھام بېرىش.

  پارس ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ تەشكىلىي ئاپپاراتى ئالىي كېڭەش، مىنىستىرلار كېڭىشى ۋە كاتىبات باشقارمىسىدىن تەركىب تاپقان. ئالىي كېڭەش ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرىدىن تەشكىللەنگەن بولۇپ، بۇ پارس ھەمكارلىق كومىتېتىدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئاپپارات ھېسابلىنىدۇ، ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى دۆلەت نامىنىڭ ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە نۆۋەت بىلەن رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى بىر يىل بولىدۇ. مىنىستىرلار كېڭىشى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ دىپلوماتىيە ۋەزىرلىرى ياكى مىنىستىرلىرىدىن تەشكىللەنگەن، ئاساسلىقى ئالىي كېڭەش باشقا مىنىستىرلار كېڭەشلىرى ۋە ئاپپاراتلىرى مەسلىھەتلىشىپ بېكىتكەن سىياسەت، قارار، تەكلىپ، قانۇن لايىھەسى، قانۇن دوكلاتىغا قاراپ چىقىدۇ، ھەمدە باشلىقلار يىغىنىنىڭ قارالمىسى قاتارلىقلارنى تەييارلايدۇ. كاتىبات باشقارمىسىنىڭ خىزمەتلىرىگە باش كاتىپ ۋە سىياسىي، مالىيە، ھەربىي ئىشلارغا مەسئۇل ئۈچ ياردەمچى باش كاتىپ رىياسەتچىلىك قىلىدۇ. باش كاتىپلىق ۋەزىپىسىنى دۆلەت نامىنىڭ ئەرەبچە ئېلىپبە تەرتىپى بويىچە نۆۋەت بىلەن ئۆتەيدۇ، باش كاتىپ ئالىي كېڭەش باشلىقلار يىغىنىدا تەيىنلىنىدۇ، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئۈچ يىل بولىدۇ.