شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-01-29 14:50

 

 

 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، ئامېرىكا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ يولىنى توسۇپ، ئۆزىنىڭ ياۋروپادىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى قوغداش ئۈچۈن، غەربىي ياۋروپادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەر بىلەن 1949-يىلى 4-ئاپرېل شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى رەسمىي قۇرغان. سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى مەزگىلىدە، سوۋېت ئىتتىپاقى بىلەن شەرقىي ياۋروپا ئەللىرى 1955-يىلى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا قارىمۇ-قارشى تەرەپ ۋارشاۋا شەرتنامىسى تەشكىلاتىنى قۇرغان.

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەربىي، سىياسىي تەشكىلات، ئۇنىڭ باش مەقسىتى: ئەزا دۆلەتلەر كوللېكتىپ مۇداپىئە ۋە تىنچلىق، بىخەتەرلىكنى ساقلاش قاتارلىق جەھەتلەردە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، سىياسىي ۋە ھەربىي ۋاسىتە ئارقىلىق، ياۋروپا-ئاتلانتىك ئوكيان رايونىدا دېموكراتىيە، قانۇنچىلىق، پاراۋانلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئەركىنلىكى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداش.

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ئىلگىرى شىمالىي ئاتلانتىك ئىتتىپاقى ياكى شىمالىي ئاتلانتىك گۇرۇھى دەپ ئاتالغان، ئۇنىڭ ئەڭ يۇقىرى ھەل قىلغۇچ تەدبىر چىقىرىش ئاپپاراتى شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى كېڭىشى. بۇ كېڭەش ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى ھەمدە ھۆكۈمەت باشلىقلىرى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىرىدىن تەشكىللەنگەن. دائىمىي كېڭەش بارلىق ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باش ئەلچىلىرىدىن تەشكىللەنگەن. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى راسموسسىن 2009-يىلى 4-ئايدا ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن. بۇ تەشكىلاتنىڭ باش ئورگىنى بىلگىيەنىڭ پايتەختى بېريۇسېلدا تەسىس قىلىنغان.

  20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا، ۋارشاۋا شەرتنامىسى تەشكىلاتىنىڭ تارقىلىپ كېتىشى ۋە سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ پارچىلىنىشىغا ئەگىشىپ، ئامېرىكا رۇسىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك گۈللىنىشىنى توسۇش ئۈچۈن، پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ياۋروپا ئىستراتېگىيەسىنى تەڭشەپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى شەرققە كېڭەيتىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 1994-يىلى 1-ئايدا، بېريۇسىلدا ئېچىلغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىدا ئامېرىكا ئوتتۇرىغا قويغان شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى شەرققە كېڭەيتىش پىلانى رەسمىي ماقۇللاندى. ماھىيەتتىن ئېلىپ ئېيتقاندا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنى شەرققە كېڭەشتىكى ئاساسلىق سەۋەب –ئامېرىكا ياۋروپانى داۋاملىق كونترول قىلىش ئارقىلىق، دۇنياغا خوجا بولۇش مەقسىتىگە يېتىش.

  شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئامېرىكا، بېلگىيە، كانادا، دانىيە، فىرانسىيە، ئىسلاندىيە، ئىتالىيە، لىيۇكسېمبۇرگ، نورۋېگىيە، گوللاندىيە، پورتۇگالىيە، ئەنگىلىيەدىن ئىبارەت 12 ئەزاسى بار ئىدى. كېيىن ئالتە قېتىم كېڭىيىش ئارقىلىق، ئەزاسى 28 گە يەتتى. 1952-يىلى تۈركىيە بىلەن گىرېتسىيە، 1955-يىلى 5-ئايدا، فېدېراتىپ گېرمانىيە، 1982-يىلى 5-ئايدا ئىسپانىيە، 1999-يىلى 3-ئايدا پولشا، ۋېنگرىيە، چېخ، 2004-يىلى 3-ئايدا ئېستونىيە، لاتۋىيە، لىتۋا، سىلوۋاكىيە، سىولۋىنىيە، رۇمىنىيە، بۇلغارىيە، 2009-يىلى 4-ئايدا ئالبانىيە ۋە كىرودىيە بۇ تەشكىلاتقا كىردى.

  ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇر شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىنىڭ بارلىق ھەرىكىتىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئومۇمىي فاڭجېن. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى 1991-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئىككى يېڭى ئۇقۇمنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشىدىن كېيىنكى بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە ئاساسەن ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەشنى يولغا قويغان.