شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:قۇرباننىسا جاپپار|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-01-29 14:38

 

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى 2001-يىلى 15-ئىيۇن شاڭخەيدە قۇرۇلغان، جۇڭگو، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تاجىكىستان ۋە ئۆزبېكىستان بۇ تەشكىلاتنىڭ ئەزالىرى.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ تەكتى جۇڭگو، رۇسىيە، قازاقىستان، قىرغىزىستان ۋە تاجىكىستاندىن تەشكىللەنگەن «شاڭخەيدە بەش دۆلەت» نىڭ كۆرۈشۈش مېخانىزمى. 2001-يىلى 14-ئىيۇن بۇ مېخانىزمغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى شاڭخەيدە ئالتىنچى قېتىم كۆرۈشۈپ، ئۆزبېكىستاننى پۈتۈنلەي باراۋەر سالاھىيەتتە بۇ مېخانىزمغا كىرگۈزگەن. 15-ئىيۇن، ئالتە دۆلەتنىڭ باشلىقلىرى تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەن ھەمدە «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى قۇرۇش خىتابنامىسى»نى ئىمزالاپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلىغان.

شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى جۇڭگو چېگراسى ئىچىدە جۇڭگودىكى شەھەرنىڭ نامى بىلەن قۇرۇلغان تۇنجى خەلقئارالىق تەشكىلات.

2003-يىلى مايدا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر موسكۋادا ئۈچىنچى قېتىم باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرىنىڭ خىتابنامىسى»نى ئىمزالىدى. جۇڭگونىڭ شۇ چاغدىكى رۇسىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جاڭ دېگۇاڭ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ تۇنجى باش كاتىپلىقىغا كۆرسىتىلدى. 2004-يىلى يانۋاردا، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كاتىبات باشقارمىسى بېيجىڭدا رەسمىي قۇرۇلدى.

بۇ تەشكىلاتنىڭ ئاساسىي مەقسىتى: ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۆز ئارا ئىشەنچ ۋە خوشنىلار ئارىسىدىكى دوستلۇقنى كۈچەيتىش؛ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادى، پەن-تېخنىكا، مەدەنىيەت، مائارىپ، ئېنېرگىيە، قاتناش، مۇھىت ئاسراش ۋە باشقا ساھەلەردىكى ئۈنۈملۈك ھەمكارلىقنى راۋاجلاندۇرۇش؛ رايون تىنچلىقى، بىخەتەرلىكى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش؛ دېموكراتىك، ئادىل، ھەققانىي بولغان خەلقئارا سىياسىي، ئىقتىسادى يېڭى تەرتىپ ئورنىتىشقا تۈرتكە بولۇش. شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ئىچكى جەھەتتە ئۆز ئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا پايدا يەتكۈزۈش، باراۋەر ئۆتۈش، ماسلىشىش، كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ھۆرمەت قىلىش، ئورتاق تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت شاڭخەي روھىغا ھۆرمەت قىلىدۇ، سىرتقا قارىتا ئىتتىپاق تۈزمەسلىك، باشقا دۆلەت ۋە رايونلارغا قاراتماسلىق ۋە ئېچىۋېتىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىدۇ.

 

تەرجىمان: ئامانگۈل ھەبىبۇللا