بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھېبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-02-02 17:55

 

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئالتە چوڭ ئاساسلىق ئاپپاراتنىڭ بىرى. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيىسىنىڭ مەقسىتى ۋە پرىنسىپىغا ئاساسەن، خەۋپسىزلىك كېڭىشى خەلقئارانىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا مەسئۇل ھەرىكەت قوللىنىشقا ھوقۇقلۇق بىردىن بىر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاپپاراتى.

خەۋپسىزلىك كېڭىشى خەلقئارا تالاش-تارتىش ياكى سۈركىلىش پەيدا قىلغان ھەر قانداق ئەھۋالنى تەكشۈرۈشكە ھوقۇقلۇق ھەمدە بۇ تالاش-تارتىشلارنى ھەل قىلىش شەكلى ياكى ئۇسۇلىنى ئوتتۇرغا قويالايدۇ. ئەزا دۆلەتلەر ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خارتىيىسىنى قوبۇل قىلغان بى رەسىمى ئەزا دۆلەتلەر، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى ياكى باش كاتىپى بىردەك خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىكى مەسىلىسىدە خەۋپسىزلىك كېڭىشىدىن پىكىر ئالىدۇ. خەۋپسىزلىك كېڭىشى تىنچلىققا تەھدىت سالىدىغان، تىنچلىقنى بۇزىدىغان ياكى ھەر قانداق تاجاۋۇزچىلىق قىلمىشنىڭ مەۋجۇت بولۇشىغا كېسىم چىقىرىشقا ھوقۇقلۇق، بۇ تەدبىرلەر ھەل قىلىنمىسا، ئۇ ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىش قارارى ئارقىلىق بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش كېرەك دەپ قارايدۇ. خەۋپسىزلىك كېڭىشى يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىغا يىللىق دوكلات، ئالاھىدە دوكلات سۇنۇپ، ئىستراتېگىيىلىك رايونلارنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە.

خەۋپسىزلىك كېڭىشى بەش دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە ئون بى رەسمىي ئەزا دۆلەتتىن تەركىب تاپقان، جەمئىي 15 ئەزاسى بار. جۇڭگو، فرانسىيە، رۇسىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكىدىن ئىبارەت بەش دائىمىي ئەزا دۆلىتى بار. بى رەسمىي ئەزا دۆلىتى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، ئەڭ دەسلەپتە ئالتە بولۇپ، 1965-يىلىدىن باشلاپ ئونغا كۆپەيگەن، رەئىس ئورنى رايون بويىچە تەقسىملەنگەن، ئاسىيادە ئىككى، ئافرىقىدا ئۈچ، لاتىن ئامېرىكىسىدا ئىككى، شەرقىي ياۋروپادا بىر، غەربىي ياۋروپا ۋە باشقا دۆلەتتە ئىككى ئەزاسى بار. بى رەسمىي ئەزا دۆلىتىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى ئىككى يىل بولىدۇ. سايلام ئارقىلىق ھەر يىلى بەشى ئالمىشىپ تۇرىدۇ، ئۇدا ۋەزىپە ئۆتەشكە بولمايدۇ. رايون تەقسىماتى پرىنسىپىغا ئاساسەن، ھەر قېتىم سايلاپ چىقىلغان بەش ئەزا ئاسىيا ۋە ئافرىقىدىكى ئۈچ دۆلەتنى، شەرقىي ياۋروپادىكى بىر دۆلەتنى ۋە لاتىن ئامېرىكىسى ياكى كارىب رايونىدىكى بىر دۆلەتنى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى كېرەك. ھەمدە يىغىنغا قاتناشقان ئۈچتىن ئىككى قىسىمدىن كۆپىرەك ئاۋازنىڭ قوشۇلۇشىغا ئېرىشىشى كېرەك. ھازىر ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئون بى رەسمىي ئەزا دۆلەت بولسا: ھىندىستان، جەنۇبىي ئافرىقا، كولومبىيە، گېرمانىيە، پورتۇگالىيە، بوسىنىيە-گېرتسېگوۋېنا، برازىلىيە، گابۇن، لىۋان ۋە نىگىرىيەدىن ئىبارەت. 66-نۆۋەتلىك بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا سايلام ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كەلگەن خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا تۆت دۆلەت، ئەزەربەيجان خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ بەشىنچى بى رەسمىي ئەزالىقىغا سايلاندى.

ھەر بىر دائىمىي ئەزا دۆلەتنىڭ بىر ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى بولىدۇ، تەرتىپ مەسىلىسى ئاز دېگەندە توققۇز بېلەتكە ئېرىشكەندە ئاندىن ماقۇللىنىدۇ. دائىمىي ئەزا دۆلەت ئەمەلىي مەسىلىلەردە ئىنكار قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە، پەقەت بىر قارشى ئاۋاز بولسىلا ماقۇللانمايدۇ. دائىمىي ئەزا دۆلەتنىڭ ئىنكار قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.

خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ رەئىسلىكىنى دائىمىي ئەزا دۆلەت ۋە بى رەسمىي ئەزا دۆلەت نامىنىڭ ئىنگلىزچە ھەرپ تەرتىپىنى نۆۋەتلەشتۈرۈپ ئايدا ئالمىشىپ ئۆتەيدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى، باش كاتىپى ھەمدە ھەر قانداق ئەزا دۆلەت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ خەلقئارا تىنچلىق ۋە بىخەتەرلىك ھەققىدىكى تالاش-تارتىشلار ۋە ۋەزىيەت ئۈستىدە قارار چىقىرىشىغا تەكلىپ سۇنسا بولىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مەلۇم ئەزانى ھوقۇقىدىن توختاتماقچى ياكى ئەزالىق سالاھىيىتىدىن بىكار قىلماقچى بولسا خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە تەكلىپ سۇنسا بولىدۇ.