خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-02-15 16:14

 

【ئاساسلىق نەشرىيات بۇيۇملىرى】«دۇنيا ئىقتىسادىغا نەزەر»، «خەلقئارا پۇل مۇئامىلە ئىستاتىستىكىسى (ئايلىق ژۇرنىلى)»،« خەلقئارا پۇل فوندى ئەھۋالى (ھەپتىلىك ژۇرنىلى)»، «خەلقئارا كىرىم چىقىم ئىستاتىستىكىسى (ئايلىق ژۇرنىلى)»، «ھۆكۈمەت مالىيەسى ئىستاتىستىكا يىلنامىسى».

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ھەر يىلى بىر قېتىم «خەلقئارا پۇل مۇئامىلىنى مۇقىملاشتۇرۇش دوكلاتى»نى ئېلان قىلىپ، يەر شارى پۇل مۇئامىلە بازىرى ۋەزىيىتىنى باھالايدۇ ھەمدە كېلىپ چىقىش ئېھتىمالى بولغان پۇل مۇئامىلە خېيىم-خەتىرىدىكى يوشۇرۇن سىستېمىلىق نۇقساننى بېكىتىپ، يەر شارى پۇل مۇئامىلىسىنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ھەققىدە تەكلىپ بېرىدۇ.

خەلقئارا پۇل مۇئامىلە فوندى تەشكىلاتى نورمىسىنى ئىسلاھ قىلىش

2010-يىلى 10-ئايدا، 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى كورىيەنىڭ گېيوڭجيۇدا يىغىن ئاچتى، يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنى ئىسلاھ قىلىشتا زور ئىلگىرىلەشكە ئېرىشتى. ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرىيىتىدىكى ئىككى ئورۇننى تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە بەردى. تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ بۇ تەشكىلاتتىكى ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، بۇنىڭ بىلەن تېخىمۇ چوڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى. 12-ئاينىڭ 16-كۈنى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى بۇ تەشكىلات كېڭىشىنىڭ نورما ۋە ئىجرائىيە مۇدىرىيىتىنى ئىسلاھ قىلىش قارار لايىھەسى تەستىقلىغانلىقىنى جاكارلىدى.

【جۇڭگو بىلەن خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى】جۇڭگو 1945-يىلى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىغا كىرىپ، بۇ تەشكىلاتنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى بولغان. 1980-يىلى 4-ئاينىڭ 17-كۈنى بۇ تەشكىلات جۇڭگونىڭ ۋەكىللىك ھوقۇقىنى رەسمىي ئەسلىگە كەلتۈردى. جۇڭگونىڭ بۇ تەشكىلاتتىكى نورمىسى 3 مىليارد 385 مىليون 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىلىق ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى بولۇپ، ئومۇمىي نورمىنىڭ %2.34 نى ئىگىلەيدۇ. جۇڭگو 34 مىڭ 102 ئاۋازغا ئىگە بولۇپ، ئومۇمىي ئاۋاز ھوقۇقىنىڭ %2.28نى ئىگىلەيدۇ. جۇڭگو 1980-يىلى بۇ تەشكىلاتتىكى ئورنى ئەسلىگە كەلگەندىن كېيىن ئايرىم بىر سايلام رايونى تەشكىللىدى ھەمدە ئىجرائىيە مۇدىرى ئەۋەتتى. 1991-يىلى بۇ تەشكىلات بېيجىڭدا دائىمىي تۇرۇشلۇق ۋاكالەتخانا تەسىس قىلدى.

2010-يىلى 2-ئاينىڭ 24-كۈنى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدىرى كائېن جۇڭگو خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جۇ مىڭنى ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەسلىھەتچىلىكىگە تەيىنلىدى.

2010 -يىلى 10-ئاينىڭ 9-كۈنى بۇ تەشكىلات جۇڭگونى يەر شارىدىكى بەش چوڭ سىستېمىلىق مۇقىملىققا ئىگە مۇھىم ئىقتىسادىي گەۋدىگە كىرگۈزدى.

2010 -يىلى 11-ئاينىڭ 5-كۈنى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرىيىتى نورما ئىسلاھاتى لايىھەسىنى ماقۇللىدى. نورما ئىسلاھاتى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، جۇڭگونىڭ نورمىسى شۇ چاغدىكى %3.72 تىن %6.39كە ئۆستى. ئاۋاز بېرىش ھوقۇقىمۇ %3.65تىن %6.07كە ئۆسۈپ، گېرمانىيە، فىرانسىيە ۋە ئەنگلىيەدىن ئېشىپ، ئامېرىكا ۋە ياپونىيەدىن كېيىن بۇ خەلقئارا تەشكىلاتتا ئەڭ چوڭ سۆز قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشتى.

2011-يىلى 7-ئاينىڭ 26-كۈنى جۇمىڭ خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى بولدى.

【ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى】ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى 1969-يىلى تەسىس قىلغان بىر خەلقئارا زاپاس مال-مۈلۈك بولۇپ، ئۇ ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھۆكۈمەت زاپىسىدىكى يېتەرسىزلىكنى تولۇقلايدۇ. ئەزا دۆلەتلەرنىڭ كىرىم چىقىمىدا پاسسىپ بالانسى كۆرۈلگەندە، ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقىنى سېتىش ئارقىلىق كىرىم چىقىم پاسسىپ بالانىسى ياكى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ قەرزىنى تۆلىگىلى بولىدۇ.

2009-يىلى 7-ئاينىڭ 20-كۈنى خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى 250 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىلىق ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقىنى تەقسىملەش لايىھەسىنى ئېلان قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى 42 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، جۇڭگو يېڭىدىن كۆپەيگەن پۇل ئېلىش ھوقۇقى 9 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولدى. بۇ قېتىمقى تەقسىملەش- ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقى تەسىس قىلىنغاندىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ زور بىر قېتىملىق تەقسىملەش ھېسابلىنىدۇ. شۇندىن بۇرۇن، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئالاھىدە پۇل ئېلىش ھوقۇقىنى ئىككى قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەقسىملىگەن، تەقسىملەش نورمىسى تەخمىنەن 33 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى بولغان.