يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ 10 دۆلەت
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلرىز سۈرئەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-08-26 17:17

دۇنيادىكى يەر مەيدانى ئەڭ چوڭ ئون دۆلەت: روسىيە، كانادا، جۇڭگو، ئامېرىكا ۋە برازىلىيە، ئاۋسترالىيە، ھىندىستان، ئارگىنتىنا، قازاقىستان ۋە سۇداندىن ئىبارەت.

1. روسىيە: روسىيىنىڭ يەر مەيدانى 17 مىليون كۋادرات كىلومېتىر بولسىمۇ، لېكىن كۆپ قىسىم زېمىنى ئۈچ ئايغا يەتمەيدىغان سوغۇق قۇتۇپقا يېقىن رايونلار بولۇپ، ئادەم ئولتۇراقلىشىشقا توغرا كېلىدىغان زېمىنى بەش مىليون كۋادرات كىلومېتىر ئەتراپىدا.

2. كانادا: كانادانىڭ يەر مەيدانى ئون مىليون كۋادرات كىلومېتىر، بىراق شىمالدىكى مۇزلۇق زېمىننى چىقىرىۋەتكەندە، ئوخشاشلا ئادەم ئولتۇراقلىشىشقا توغرا كېلىدىغان زېمىنى ئۈچ مىليون كۋادرات كىلومېتىر.

3. جۇڭگو: جۇڭگونىڭ يەر مەيدانى توققۇز مىليون 600 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر، بىراق بۇ ساننىڭ ئىچىدە تەكلىماكان قۇملۇقى، چايدام ئويمانلىقى،چىڭخەي شىزاڭ ئېگىزلىكى قاتارلىق جۇغراپىيەلىك ئورۇنلاردىن باشقا ئەمەلىي پايدىلانغىلى بولىدىغان زېمىن بەش مىليون كۋادرات كىلومېتىر ئەتراپىدا.

4.ئامېرىكا: ئامېرىكىنىڭ يەر مەيدانى توققۇز مىليون 400 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، بىر مىليون كۋادرات كىلومېتىرلىق ئالياسكا ۋە 300 مىڭ كۋادرات كىلومېتىرلىق كالىفورنىيە، كولورادو تېكساس، مېكسىكا چۆللۈكلىرى بار.

5. بىرازىلىيە: برازىلىيەنىڭ زېمىنى سەككىز مىليون 500 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، تەخمىنەن ئىككى مىليون كۋادرات كىلومېتىر زېمىنى ئىسسىق بەلۋاغ يامغۇرلۇق ئورمان ئىقلىمىنىڭ تۇپراق ئېقىشى يۇقىرى بولغان، يۇقىرى تېمپېراتۇرا، يۇقىرى ھۆل يېغىنلىق، ئېقىنلار گىرەلىشىپ كەتكەن ئېكۋاتورغا جايلاشقان بولۇپ، ئەمەلىي پايدىلانغىلى بولىدىغان زېمىنى ئالتە مىليون 500 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن يۇقىرى.

6. ئاۋستىرالىيە: ئاۋسترالىيەنىڭ يەتتە مىليون كۋادرات كىلومېتىردىن كۆپ زىمىنى بولسىمۇ، ئەمما ئۈنۈملۈك زىمىننىڭ تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق بولۇپ، ۋىكتورىيە چۆلى، شىمالدىكى قەبىلىلەر رايونى قاتارلىقلارنى چىقىرىۋەتكەندە، ئەمەلى پايدىلانغىلى بولىدىغان زىمىنى ئۈچ مىليون 500 مىڭ كۋادرات كىلومېتىردىن سەللا ئاشىدۇ.

7. ھىندىستان: ھىندىستاننىڭ زېمىنى ئۈچ مىليون كۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، كىچىككىنە تار چۆللۈكى ۋە شىمالدىكى ھىمالايا تاغلىق رايونىنى ھېسابقا ئالمىغاندا، ھەممىلا يېرى دېگۈدەك دېھقانچىلىققا ماس، تۇپراق ئۈنۈمدارلىقى يۇقىرى، ئادەملەرنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا باب كېلىدۇ.

8. ئارگېنتىنا: يەر مەيدانى ئىككى مىليون 780 مىڭ 400 كۋادرات كېلومېتىر، نوپۇسى 41 مىليون 128 مىڭ 631 بولۇپ، چىلى، بولۋىيە، پاراگۋاي، بىرازىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ. ئارگىنتىنا ۋە ئەنگلىيە مارۋىناس تاقىم ئارىلىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىنى تالىشىۋاتىدۇ، ئۇ يەر مەيدانى كۆلىمى جەھەتتە دۇنيا بويىچە سەككىزىنچى ئورۇندا تۇرىدۇ.

9. قازاقىستان جۇمھۇرىيىتى: قازاقىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر كۆلىمى ئىككى مىليون 724 مىڭ 900 كۋادرات كېلومېتىر، نوپۇسى 16 مىليون 850 مىڭ كېلىدۇ، قازاقىستان ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شەرقىي ياۋروپاغا جايلاشقان، دۆلەت زېمىنى ياۋروپا ئاسىيا ئىككى قىتئەدىن ھالقىغان. روسىيە، جۇڭگو، قىرغىزىستان، ئۆزبىكىستان، تۈركمەنىستان قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن چېگرىلىنىدۇ.

10. سۇدان جۇمھۇرىيىتى: سۇدان جۇمھۇرىيىتىنىڭ يەر كۆلىمى بىر مىليون 886 مىڭ 68 كىلومېتىر، نوپۇسى 30 مىليون 894، سۇدان ئافرىقا قىتئەسىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، قىزىل دېڭىزنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى دۆلەت. شىمالىي قىسمى مىسىر، غەربىي قىسمى لېۋىيە، ئوتتۇرا ئافرىقا جۇمھۇرىيىتى بىلەن چېگرىلىنىدۇ.