شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى
مەنبەسى:شىنجاڭ گېزىتى     |تەھرىر:|     يوللانغان ۋاقىت: 2010-11-01 18:17

 

شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى شەرقىي ئاسىيا رايونىدىكى دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى يىلدا بىر قېتىم قاتنىشىدىغان يىغىننى كۆرسىتىدۇ، بۇ يىغىنغا شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى رەھبەرلىك قىلىدۇ. شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى 2005-يىل 14-دېكابىر تۇنجى قېتىم ئېچىلغاندىن بۇيان، ھەر يىلى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدىن كېيىن ئېچىلىۋاتىدۇ.

شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى 20-ئەسىرنىڭ 90-يىللىرى بارلىققا كەلگەن. دۇنيا ۋە رايون ئىقتىسادىنىڭ ئەركىنلىشىشى ئېلىپ كەلگەن رىقابەت كۈنسېرى كەسكىنلەشكەندىن كېيىن، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى 1959-يىلى 5-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىدا ئېلان قىلغان خىتابنامىدە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا ئەزا دۆلەتلەر سىياسىي، ئىقتىساد قاتارلىق نۇرغۇن ساھەدە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، شەرقىي ئاسىيانىڭ بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىنى تېزلىتىشكە تىرىشىشى كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. يىغىندا يەنە ھەر يىلى بىر قېتىم بىرەسمىي باشلىقلار يىغىنى ئېچىش ھەم ئاسىيادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرىنى قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىش قارار قىلىندى. 1997-يىلى ئاسىيا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسى شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېغىر زىيان سېلىش بىلەن بىللە، ئۇلارنىڭ رايون ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولدى. شۇ يىلىنىڭ ئاخىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە رەھبەرلىرى بىلەن مالايسىيا پايتەختى كۇئالالۇمپۇردا جەم بولۇپ، «3+10» ھەمكارلىق مېخانىزمىنى رەسمىي يولغا قويدى. 

 

 «3+10» يىغىنىغا قاتنىشىدىغان 13 دۆلەتنىڭ 26 مۇتەخەسسىسىدىن تەشكىللەنگەن «شەرقىي ئاسىيانىڭ كەلگۈسىگە نەزەر گۇرۇپپىسى» 1002 - يىلى «شەرقىي ئاسىيا ئورتاق گەۋدىسى» قۇرۇشنى تەۋسىيە قىلىپ، شەرقىي ئاسىيا رايونىنىڭ ھەمكارلىقىغا تەرەققىيات پىلانى تۈزۈپ بەردى. 2004-يىلى لائوس پايتەختى ۋىيېنتىياندا ئېچىلغان 8-قېتىملىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگو، ياپونىيە، كورېيە رەھبەرلىرى يىغىنىدا ھەرقايسى دۆلەت رەھبەرلىرى 2005- يىلى كۇئالالۇمپۇردا تۇنجى نۆۋەتلىك شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى ئېچىشنى قارار قىلدى.

ئاسىيا ۋە تىنچ ئوكيان رايونىنىڭ ھەمكارلىقى ئۈچۈن ئېيتقاندا، شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بىرىنچى، رايون ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى ئەندىزىسىنى يارىتىپ بەردى؛ ئىككىنچى، رايون ھەمكارلىقىغا يېڭى سۇپا ھازىرلاپ بەردى؛ ئۈچىنچى، جەنۇب-شىمال ھەمكارلىقىنىڭ ماھىيىتىنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىق بوشلۇقى ۋە يوشۇرۇن كۈچنى زورايتتى؛ تۆتىنچى، شەرقىي ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ئامېرىكىنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشىلىدى.

ھازىر شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىغا ئاۋسترالىيە، بىرۇنېي، جۇڭگو، كامبودژا، ھىندىستان، ھىندونېزىيە، ياپونىيە، لائوس، مالايسىيا، بىرما، يېڭى زېللاندىيە، فىلىپپىن، رۇسىيە (2005-يىلى قاتنىشىشنى ئىلتىماس قىلغان، 6-قېتىملىق شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدىن باشلاپ رەسمىي قاتناشقۇچى دۆلەت بولىدۇ)، سىنگاپور، كورېيە، تايلاند، ئامېرىكا (6- قېتىملىق شەرقىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى باشلىقلار يىغىنىدىن باشلاپ رەسمىي قاتناشقۇچى دۆلەت بولىدۇ) ۋە ۋىيېتنام قاتنىشىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، شەرقىي تېمور ۋە پاپۇئا يېڭى گىۋىنېيەسى كۆزەتكۈچى دۆلەت سۈپىتىدە قاتنىشىدۇ.