ئىران فارس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىران ئاۋىياتىسيە شىركىتىنىڭ بوئېن 727 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانى 9-يانۋار كەچتە ئىراننىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئۇلۇمىلاي شەھىرىنىڭ ئەتىراپىدا جىددىي قونغاندا چۈشۈپ كەتكەن. يولۇچىلار بىلەن ئايروپىلان خادىملىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 105 كىشىنىڭ 77 سى قازا قىلغان،27 سى يارىلانغان،بىرسى يوقاپ كەتكەن.