خەلقئارا ئائىلە كۈنى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-10-31 15:17

ھەر يىلى 15-ماي — خەلقئارا ئائىلە كۈنى. ھەر يىلنىڭ خەلقئارا ئائىلە كۈنىدە، شۇ يىللىق ئائىلە كۈنىنىڭ بىر ئاساسى تىمىسى بۇلىدۇ.

1989-يىلى 12-ئايدا 44-نۆۋەتلىك ب د ت كېڭىشىدە قارار ماقۇللىنىپ، 1994-يىلىنى «ئائىلە: ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ۋە مەسئۇلىيەت» نى ئاساسىي تېما قىلغان «خەلقئارا ئائىلە يىلى» قىلىپ بېكىتتى. 1993-يىلى 2-ئايدا ب د ت ئىجتىمائىي تەرەققىيات كومىتېتى 1994-يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 15-ماينى «خەلقئارا ئائىلە كۈنى» قىلىشنى جاكارلاپ، ھەرقايسى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى، تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ۋە جامائەتنىڭ ئائىلە مەسىلىسىگە بولغان تونۇشىنى ئۆستۈرۈش، ئائىلىدىن ئىبارەت جەمئىيەتتىكى بۇ ئاساسىي بىرلىكنىڭ ساغلام راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلدى.

ئائىلە جەمئىيەتنىڭ «ھۈجەيرىسى»، مىڭلىغان، ئونمىڭلىغان ئائىلىلەرنىڭ ئىناقلىقى پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنىڭ ئاساسى. ئانا ئائىلىدە مىسلىسىز رول ئوينايدۇ. جەمئىيەتنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئانىنىڭ دۇچ كەلگەن خىرىسىمۇ كۈنسېرى كۆپەيمەكتە، بولۇپمۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللىدىغان ئاياللار خىزمەت بېسىمىدىن باشقا يەنە ئائىلىدە ئانا ۋە خوتۇننىڭ رولىنى ياخشى ئويناۋاتىدۇ. ھازىرقى جەمئىيەتتە، كەسىپ بىلەن ئائىلىنىڭ مۇناسىۋىتىنى قانداق تەڭپۇڭلاشتۇرۇش نۇرغۇن ئانا دۇچ كېلىۋاتقان قىيىن مەسىلە.

ب د ت باش كاتىپى بان كىمون خەلقئارا ئائىلە كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن سۆز قىلىپ : بىز ئۆزگىرىۋاتقان دۇنيادا تۇرۇپ، خىلمۇ خىل خرىسقا دۇچ كېلىۋاتىمىز، لېكىن ئانىنىڭ ئائىلە ۋە ئەۋلادلارنى بېقىپ تەربىيىلەشتىكى مۇھىم رولى ئۆزگەرمەيدۇ، دېدى. بان كىمون ئانىلارنى ياخشى داۋالىنىش شارائىتى بىلەن تەمىنلەش ۋە ئاياللارغا قارىتىلغان زوراۋانلىقنى ئازايتىش ھەم تەربىيىنى يولغا قويۇش، ئائىلىگە پايدىلىق سىياسەت تۈزۈش، ئەر-ئاياللارنىڭ باراۋەرلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئانىلارنىڭ ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئائىلىنىڭ ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇراجىئەت قىلدى.