سىياسىي مەدەنىيەت دېگەن نېمە؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-10-31 16:51

سىياسىي مەدەنىيەت ئىجتىمائىي مەدەنىيەتنىڭ بىر قىسمى بولۇپ، ئۇ ئىجتىمائىي، سىياسىي ساھەدىكى روھىي ھادىسە، شۇنداقلا مۇئەييەن سىنىپ، دۆلەت، مىللەت ياكى جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ ئۇزاق ئىجتىمائىي، سىياسىي تۇرمۇشىدا شەكىللەنگەن سىياسىي پىسخىكا، سىياسىي قىممەت قاراش ۋە سىياسىي ئىدىيە قاتارلىق ئامىللاردىن تەركىب تاپقان ئورگانىك بىرلىك. سىياسىي مەدەنىيەت تۆۋەندىكى مەزمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) سىياسىي مەدەنىيەتنىڭ سۇبيېكتى سىياسىي ئورتاق گەۋدىنىڭ ئەزالىرىدۇر.

(2) سىياسىي مەدەنىيەتنىڭ شەكىللىنىشى ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋەتلىرى ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ئىقتىسادىي بازىس بىلەن سىياسىي تۈزۈم ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان ئۈستقۇرۇلمىنى ئاساس قىلىدۇ.

(3) سىياسىي مەدەنىيەتنىڭ شەكىللىنىشى ئۇزاق مەزگىللىك جۇغلىنىش جەريانىدۇر.

(4) سىياسىي مەدەنىيەت سىياسىي پىسخىكا، سىياسىي قىممەت قارىشى، سىياسىي ئىدىيە قاتارلىق ئامىللارنىڭ بىرىكىشىدىن تەركىب تاپقان ئورگانىك بىرلىك.

جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيەت تەرەققىي قىلىۋاتقان مەدەنىيەت. بىز سوتسىيالىزمنىڭ ماھىيىتى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ سىياسىي مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىدىكى يېتەكچى ئىدىيەسى ۋە ئاساسىي تەلىپىگە ئاساسەن، جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىي ئالاھىدىلىكىنى تونۇشىمىز لازىم.

1. سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت سىستېمىسى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيەتنىڭ ماھىيەتلىك ئىپادىلىنىشى.

2. ئادەمنى ئاساس قىلىش جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىي قىممەت يۆنىلىشى.

3. سوتسىيالىستىك دېموكراتىيە ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ئېڭى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم مەزمۇنى.

4. جۇڭگونىڭ ئىلغار مەدەنىيەت ئەنئەنىسى، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيەت نەتىجىلىرى جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك سىياسىي مەدەنىيەتنىڭ مەدەنىيەت مەنبەسى.