«يادرو قورالى تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەر گۇرۇھى»دېگەن نېمە؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2012-10-31 16:54

يادرو قورالى تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەر گۇرۇھى يادرو قورالىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا تارقىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قوغداش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، ئېكسپورت قىلىش ھەم توشۇشنى چەكلەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق يادرو قورالىغا مۇناسىۋەتلىك خام ماتېرىيال ۋە تېخنىكىنى باشقۇرۇش، تىزگىنلەش مەقسىتىدە 1975-يىلى قۇرۇلغان دۆلەت ھالقىغان تەشكىلات.

1974- يىلى 5-ئايدا، ھىندىستان يادرو قورالىنى يوشۇرۇن سىناق قىلدى. بۇ ۋەقە يادرو قورالى يوق دۆلەتلەرنىڭ يادرو قورالى تېخنىكىسىغا ئىگە بولسىلا، يادرو قورالى بار دۆلەتكە ئاسانلا ئايلىنىپ قالىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى. «يادرو قورالى تېخنىكىسىنى كېڭەيتىۋەتمەسلىك شەرتنامىسى» ئىمزالىغان دۆلەتلەر يادرو قورالى ئەسلىھەلىرى، يادرو قورالى ماتېرىياللىرى ۋە يادرو قورالى تېخنىكىسىنى ئېكسپورت قىلىشنى قاتتىق چەكلەش زۆرۈر، دەپ قارىدى. 1975-يىلى كانادا، ياپونىيە، فىرانسىيە، ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى قاتارلىق يادرو قورالى تېخنىكىسى ئېكسپورت قىلىدىغان ئاساسلىق يەتتە دۆلەت لوندوندا كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، «يادرو قورالى تېخنىكىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش مىزانى» ۋە «ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملار تىزىملىكى» نى ماقۇللىدى. كىشىلەر بۇنى «لوندون كۇلۇبى» ، يەنى «يادرو قورالى تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەر گۇرۇھى» ، دەپ ئاتىدى.

يادرو قورالى تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەر گۇرۇھى ئەزا دۆلەتلەرنى «يادرو قورالى تېخنىكىسىنى ئۆتۈنۈپ بېرىش مىزانى» ئارقىلىق چەكلەپ تۇرىدۇ. مىزاندا ئاسان پارتلايدىغان بۇيۇملار تىزىملىكىدىكى ماتېرىياللارنى خەلقئارا ئاتوم ئېنېرگىيەسى ئورگىنىنىڭ نازارەت قىلىشىنى تەكلىپ قىلىش؛ نازۇك ماتېرىياللار (مەسىلەن :كېيىن بىر تەرەپ قىلىش، ئۇران قويۇلدۇرۇش ۋە ئېغىر سۇ ئىشلەپچىقىرىش) نى قاتتىق نازارەت قىلىش بەلگىلەنگەن. مەزكۇر گۇرۇھ قەرەلسىز يىغىن ئېچىپ، «مىزان» ۋە «تىزىملىك» نىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىغا قاراپ چىقىدۇ، گۇرۇھنىڭ قارالمىسىدا «مەسلىھەتلىشىپ بىردەك پىكىرگە كېلىش» ئۇسۇلىنى قوللىنىش بەلگىلەنگەن. يادرو قورالى تېخنىكىسىنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەيدىغان باشقا گۇرۇھلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا، يادرو قورالى تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەر گۇرۇھى مۇنداق ئىككى چوڭ ئالاھىدىلىكنى ھازىرلىغان: بىرىنچى، ئىمپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر يادرو قورالى تېخنىكىسىنى ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەشنى ئومۇميۈزلۈك نازارەت قىلىش شەرتىنى قوبۇل قىلىدۇ؛ ئىككىنچى، ئېكسپورت قىلىشنى چەكلەش دائىرىسى يادرو قورالى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىككى خىل ئىشلىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەر، ماتېرىياللار ۋە مۇناسىۋەتلىك تېخنىكىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يادرو قورالى تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەر گۇرۇھى 1975-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، 2004-يىلى جۇڭگومۇ ئەزا بولدى. ھازىر يادرو قورالى تېخنىكىسى بىلەن تەمىنلىگۈچى دۆلەتلەر گۇرۇھىنىڭ جەمئىي 46 ئەزا دۆلىتى بار.