ب د ت خەلقئارا ئانا تىل بايرىمى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل خۇدابەردى|     يوللانغان ۋاقىت: 2013-02-21 15:55

1999.يىلى نويابىر، ب د ت مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ ئومۇمىي چوڭ يىغىنىدا: «2000.يىلىدىن باشلاپ، ھەر يىلى 21.فېۋرال كۈنى خەلىقئارلىق ئانا تىل كۈنى(International Mother Language Day) قىلىپ بېكىتىلىدۇ. » دەپ ئېلان قىلىندى. تىل ئىنسانلارنىڭ شەكىللىك ۋە شەكلىسىز مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ساقلايدىغان ھەمدە تەرەققى قىلدۇرىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورال. ئانا تىلنىڭ تارقىلىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلەر تىلنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كۆپ تىللىق مائارىپنىڭ تەرەققىياتىغا پايدىلىق بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيادىكى ھەرقايسى تىل ۋە مەدەنىيەت ئەنئەنىلىرىنى چۈشىنىشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئەپۇچانلىق ئاساسىدا پاراڭلىشىش ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيا ئەللىرىنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىمۇ پائال رول ئوينايدۇ.

خاتىرىلەش كۈنىنىڭ كېلىپ چىقىشى: 21.فېۋرالنى خەلىقئارالىق ئانا تىل كۈنى قىلىپ بېكىتىش ئەينى يىلى بېنگال مۇستەقىللىقنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك. 1952.يىلى، بېنگال يەنىلا پاكىستانغا تەۋە چاغدا، بېنگال خەلقى بېنگال تىلىنى ھۆكۈمەت تەرىپدىن قوللىنىش ئېتراپ قىلىنغان تىللارنىڭ بىرى قاتارىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن نامايىش ئۆتكۈزگەن. شۇ يىلى 21. يانۋار كۈنى ساقچىلار نامايىشچىلارغا قارىتىپ ئوق ئۈزۈپ، بەش نەپەر نامايىشچى قازا قىلغان. بېنگال مۇستەقىل بولغاندىن كېيىن، بۇ «تىل شەھىدلىرى(Language Martyrs)» گە خاتىرە مۇنارىرى تىكلىگەن.

ب د ت يېزىق مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى 1999.يىلى قارار ماقۇللاش ئارقىلىق ھەر يىلى 21. يانۋار كۈنىنى خەلىقئارالىق ئانا تىل كۈنى قىلىپ بېكىتىپ، ئانا تىلنى قوللىنىش ئارقىلىق تىل ۋە مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقىنى ساقلاپ قېلىشنى تەشەببۇس قىلغان. 8 يىلدىن بېرى مائارىپ، ئىلىم– پەن ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىق خىتابنامىسى»، «مەدەنىيەتنى ئىپادىلەشنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداش ۋە ئىلگىرى سۈرۈش ئەھدىنامىسى» شۇنداقلا «تور بوشلۇقىدا كۆپ خىل تىلنى ئىشلىتىشنى ئومۇملاشتۇرۇش تەۋسىيەسى» قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ تىل مەسلىسىگە بولغان دىققىتىنى قوزغاپ، ھەر قايسى دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەتلەرنىڭ تىلنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشقا مۇناسىۋەتلىك چارە– تەدبىرلەتنى قوللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگەن